ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4427 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئىنگىلاند تاراتقۇلىرنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ يىڭى خەۋەرلىرگە قارىغاندا ئۈمۈتلۈك ياش چولپان جانۇزاينىڭ قىزىل ئالۋاستىدىكى مەۋجۇتلۇقى قىيىن بىر ئۆتكەل باسقۇچىغا كەلگەن.
مەشقاۋۇل ۋانگالنىڭ پەلسەپىسدە بۇ ياش ماھىرغا ئۇرۇن قالمىغان.ھەتتا مەيدانغا چىقىپ ئۈزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىۋالغۇدەكمۇ پۇرسەت بولمىغان.
بۇ 19ياشلىق بىلگىيەلىك ھازىرچە مانجىستىرغا بىكىرەك ئادەم بۇلۇپ قالغان.مۇشۇنداق پەيتلەردە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى خانلىق جەمئىيەت كوماندىسى بۈگۈن مانجىستىرغا جانۇزاي توغرىسىدا ئېغىز ئاچقان. ھەم ئۇنى مۇشۇ قىشلىق بازار پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ ئىجارىگە ئېلىشقا ئاتلاندى.خانلىق جەمئىيەت كوماندىسىنىڭ ھازىرقى تېرنىرى مويىس مانجىستىردىكى ۋاقىتلىردىمۇ بۇ توپچىغا بەك ئامراق ئىكەن ھەم رونىي بىلەن تەڭ ئۇرۇندا قۇيۇپ بەك ھۆرمىتىنى قىپتىكەن شۇڭلاشقا قىزىل ئالۋاستى شۇ چاغدا بۇ بالا بىلەن 5يىللىق توختام تۈزۈشكەن.
ئۇنداقتا جانۇزاي نىمىشقا ۋانجالنىڭ ئادەم ئىشلىتىش پىلانىغا كىرگۈزۈلمىدى؟بۇنىڭ جاۋابى يەنىلا ۋاقىت مەسىلى.ۋانگال جانۇزاينىڭ توپ ئويناشتىكى پۇزۇتسىيسى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى ئوبدان بىلىدۇ ھەم بۇ شاكىچىكنىڭ كۆپ تەرەپتىن يىتىشكەن ياخشى توپچى ئىكەنلىگىنىمۇ بىلىدۇ . ئالدىنقى پەسىلدە ئىپادىسنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى بەلكىم ۋانجال ئاڭلىغاندۇ( ) بىراق ۋانجالنىڭ قارشىدا كوماندىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا نىسپەتەن جانۇزاينى مەيدانغا چۈشۈرۈش ئاقىلانىلىك ئەمەس ھەم جانۇزايمۇ بۇپەسىل بۇرۇنقىدەك ياخشى ئىپادىسنى جارى قىلدۇرالمىغان. شۇڭا بىر ياش ماھىرنى مەيدانغا چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئۆز قابىلىيتىنى نامايەن قىلىشقا سەھنە ھازىرلاشقا مانجىستىرنىڭ بىرلەشمىدىكى ھازىرقى ئىپادىسى ۋە ئورنى ياق دەيدۇ. قىسقىسى ياش جانۇزايغا نىسپەتەن قىزىل ئالۋاستىدا ساقلاپ داۋاملىق پۇرسەت كۈتۈشتىن باشقا ئامال يوق.شۇڭا مانجىستىرنىڭ ھازىرقى بىمارلار تىزىملىكى 1-ئايغىچە ئاق بولغاندىن كىيىن مانجىستىر جانۇزاينى خانلىق جەميەتكە ئۈگۈنۈشكە ئەۋەتمەكچى بولدى.شۇنداق بولغاندا جانۇزاي بىلەن مۇيىس ئۇستاز شاگىرتلىق ئەنئەنىسىنى يەنە داۋاملاشتۇرغۇسى. |
|