ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 52 |
تۆھپىسى: سەر |
|

ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئاخشامقى خانلىق مادىرىت بىلەن سېرتا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئوينالغان مۇسابىقىدە رونالدونىڭ 3 توپ ئۇرۇشى بىلەن خانلىق مادىرىت 18مەيدان ئۇدا ئۇتتۇرماسلىقتەك نەتىجە بىلەن بارسىلونا كوماندىسىنىڭ 18مەيدان ئۇدا ئۇتتۇرماسلىقتەك رىكورتى بىلەن تەڭلەشتى.رونالدومۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى 200 توپنى ئەڭ تىز كىرگۈزگەن توپچى ۋە 23 قىتىملىق قالپاقنى ئەڭ تىز كىيگەن توپچى بوپ قالدى.
بۇ 200 توپنى رونالدو178مەيداندا ، سالا 219 مەيداندا ، مېسسى 235مەيداندا ، دې سىتىفانو250 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇرغان.
رونالدو 6پەسىلدە 23 قىتىم ،مېسسى 11پەسىلدە 20 قىتىم ، دې سىتىفانو 13پەسىلدە 22 قىتىم ، سالا 15پەسىلدە 22قىتىم قالپاق ئويۇنى ئوينىغان بولۇپ ، رونالدو بىرلەشمىدە قالپاق كىيىشتە رىكورت ياراتقان.
رونالدو ۋە مېسسىنىڭ پۇتبول ساھەسىدە ياراتقان رىكورتلىرى ناھايىتى كۆپ ، ھەم ئۇلارنىڭ بۇزىدىغان رىكورتلىرى يەنە نۇرغۇن . سان-سىفىر ھازىر بىر پۇتبولچىغا ھەم پۇتبۇل دۇنياسىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ھىساپلىنىۋاتىدۇ . شۇڭلاشقا مەن بۇ تېمىنى پەقەت كەڭ مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش نىيىتىدە يوللىدۇم .
بۈگۈن رونالدو توغورلۇق يوللانغان بىر قىسىم تىمىلاردا كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بىرىپتۇ.... شەخسەن مەن ئۆزۈم مادىرىت مەستانىسى ، مادىرىت مەستانىسى بولغىنىم ئۈچۈن چوقۇم بارسىلونا ۋە مېسسىغا ئۆچ بولۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق ، مۇنبەردىكى بارسىلونا ۋە مېسسى مەستانىلىرى بىلەن كۆڭۈل ئاغرىقى تىپىۋىلىشنىڭ تىخىمۇ ھاجىتى يوق . مەن مىسسى ۋە رونالدونىڭ مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈشكە ئامىراق ، كەسپى ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىدە ، ئىككىسىنىڭ بىر-بىرى بىلەن توختىماي رىقابەتلىشۋاتقىننى كۆرۈش ماڭا نىسبەتەن بىر ھۇزۇر..بۈگۈنى رونالدو رىكورت ياراتسا ئەتىسى مېسسى يېڭى يېڭى رىكورتلارنى يارتىۋاتىدۇ....بىز مۇشۇلاردىن زوق ئالىمىز خالاس . رونالدو بىلەن مېسسى ھەرگىزمۇ ماۋۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پۇتبول كۇلۇبىدىكى باللا بىز ئۈچۈن قان بولۇشۇپ كىتىپتۇ ئىككىمىز ئاستا پۇتبول ساھەسىدىن چىكىنەيلى دىمەيدۇ 《چاقچاق ھە 》! ناۋادا رونالدو بىلەن مىسسى كىيىنچە بىر كۇلۇبتا توپ ئوينىسا قانداقمۇ قىلارمىز قىرىنداشلىرىم...شۇڭا بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان ئىشلارنى قىلمىساق دىگەن ئۈمۈتتە....ھاياجانلىنىپ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىپ قويدۇم ...كەمىنە ئۆزۈر سورايمەن |
|