ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 52 |
تۆھپىسى: سەر |
|

بەيرىن كۇلۇبى قاپقىچىسى نويىر بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بىر قاپقىچى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئالتونتوپقا ئىرىشىش مۇمكىنچىلىقىنىڭ ناھايىتى تەس ئىلكەنلىكىنى ئىيتقان.ئۇنىڭ قارىشچە پەقەت توپ كىرگۈزىدىغان ھۇجۇمچىلار يەنى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچىلار بۇ مۇكاپاتقا لايىقكەن.مەسلەن:رونالدو ۋە مىسسسى.
نويىر يەنە مۇنداق دىدى:‹‹قاپقىچىنىڭ ئالتۇنتوپقا ئىرىششى يىقىنقى نەچچە يىللاردىن بۇيان ئاز كۆرىلىدىغان ئىش.2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا كائىننىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان.لىكىن رونالدو ئالتونتوپنى ئالغان. شۇڭلاشقا مىنىڭ بۇ ماكاپاتنى ئىلىشىم مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.››
نويىرنىڭ قارىشىچە ، قاپقىچىنىڭ تۆھپىسى ھەر قانچە چوڭ بولسىمۇ ، لىكىن كىشىلەرنىڭ ئىسىدە تۇتىدىغىنى يەنىلا توپ كىرگۈزگەن ھۇجۇمچى ياكى باشقا ئەزالار ئىكەن. قاپقىچىلار ناۋادا كۆپ توپ يىمەي قالسىلا ئاسانلىقچە كىشىلەرنىڭ يادىدا قالمايدىكەن .
نويىرنىڭ بۇ يىلقى دۇنيا لوڭقىسىدا تۆھپىسى كۆرنەرلىك بولۇپ ، كوماندىنىڭ چىمپىيون بولىشىدا زور كۈچ قوشقان. كىشىلەر نويىرنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدكى ئىپادىسى ئالتۇنتوپقا ئىرىشىشتىكى ئارتۇقچىلىقى دىگەن.
نويىر كىشىلەرنىڭ يۇقارقى سۆزلىرى ئۈستىدە كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دىگەن:‹‹بىراق رونالدو ۋە مىسسىنىڭ كىرگۈزگەن توپى مەندىن كۆپ ، قانداقلا بولمىسۇن ئۇلار ئالتۇنتوپقا مەندىن بەكىرەك ماس كىلىدۇ. ئۇ ئىككىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ قەھرىمانلىرى ، نۇرغۇن كوماندىلار ھازىرغىچە ئۇ ئىككىسىنى توپ ئۇرۇشتىن توسۇپ باقتى ، لىكىن يەنىلا توسالمىدى ، مىنىڭچە رونالدو ۋە مىسسى بۇ يىللىق ئالتونتوپقا ئەڭ لايىق ››دىگەن. |
|