akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1064|ئىنكاس: 70

پۇتبول مۇنبىرىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 23:05  

پۇتبول مۇنبىرىنىڭ 6 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلدى

باش شۇجى، رەئىس نىجاد تېلېگرامما ئەۋەتتى، مەھمۇدىيە، باشئەگىم، ئۇچقۇنى، بۇغدا، شېۋىچىنكو، بېرنابۇ قاتارلىق مۇنبەر رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى، ئابلەتجان يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

پۇتبول مۇنبىرى ئاگېنتلىقى 7 - دېكابىر تېلېگراممىسى، ئۈرۈمچى: قەھرىتان قىش كېلىپ، ئۈرۈمچى ئاق لىباسقا چۈمكەندى، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى بارلىق پۇتبولسۆيەر ئەزىمەتلەرنىڭ قەلبى 7 - دېكابىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە چاقىرىلغان پۇتبول مۇنبىرىنىڭ 6 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىغا باغلانغانىدى.
  شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 9 دا رەھبەرلەر ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولىغا جايلاشقان "ئەزكا" پۇتبول كۇلۇبىنىڭ مەشىق مەيدانىغا ۋاقىتىلىق ياسالغان يىغىن مەيدانىغا ھەرخىل تەنتەربىيە كىيىملىرىنى كىيىپ كىرىپ كەلدى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر قىزغىن چاۋاكلىرىنى ئۆزىگە ئوخشاش كۇلۇبقا ئامراق رەھبەرلەرگىلا ياڭراتتى. چېلسىقلار ۋە مېدالغا ئاشىقلار مەھمۇدىيە بوۋاينى كۆرۈپ يىغلىۋەتتى، بارسېلونالىقلار باشئەگىمگە ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى. بۇغدانى تونۇۋالغان مادرىدچىلار دەررۇ ئۇنىڭ يېنىغا توپلاشماقچى بولدىيۇ، يىغىن نوپۇزىدىن تەپتارتىپ ئۆزىنى ئازراق تۇتۇۋېلىشتى.
   يىغىنغا پۈتكۈل شىنجاڭدىكى 14789 ئەزاغا ۋەكىل بولۇپ 45 كىشى قاتناشتى، بۇ مۇنبەردە بەلگىلەنگەن نىزاملارغا تامامەن ئۇيغۇن.
   يىغىندا ئالدى بىلەن پۇتبول مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، مۇنبەر ئاتىسى، پىشقان مۇنبەرچى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن جەڭچى، پىرولتارىيات ئىنقىلابچىسى، شۇجى، رەئىس نىجاد ئەپەندىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. رەئىس نىجاد ئەپەندى ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسى بويىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقاچقا يىغىنغا قاتنىشالمىغانىدى. ئۇ تېلېگراممىسىدا كەڭ مۇنبەر ئەزالىرىنى ئەزالىق بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ھەر ۋاقىت پۇتبول مېھرىنى ئېسىدىن چىقارماي، جان - دىل بىلەن مۇنبەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىردى.
   
    مۇنبەر مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس، باش مېدال بۇسىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە مۇنبەر تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى مەھمۇدىيە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداشلار، بۇ قېتىملىق يىغىن مۇنبىرىمىزنىڭ ئىچىدە كەسكىن كۆرەش بولۇۋاتقان، مادرىدچىلار بىلەن بارسلوناچىلار پۇتبول مۇنبىرىغا پاتماي قېلىۋاتقان، قالغان كۇلۇبنىڭ مەسانىلىرى يېمىرىلىش باسقۇچىغا يۈزلىنىۋاتقان، تۈرمىلىرىمىزدە كامىر يېتىشمەي قالغان، مۇنبەر تەقدىرى قاش بىلەن كىرپىك ئوتتۇرىسىدا قېلىۋاتقان جاپالىق پەيتلەردە ئېچىلغان يىغىندۇر. بىز ئەينى يىللاردىكى تور توختاپ قالغان ئاچچىق ساۋاقنى ۋە ھەممىمىزنىڭ بىر مىللەتتىن بولغان قېرىنداش ئىكەنلىكىمىزدەك مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنى، بىز تالىشۋاتقان كىشىلەرنىڭ دادىمىز ياكى ئاكىمىز ئەمەسلىكتەك ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى ئۇنتۇپ قالماي، ئۇرۇش - جېدەلنىڭ سۈپىتى ۋە سانىنى ئازايتىپ، مۇنبەرنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىپ، ئەخلاق بىلەن باشقۇرۇپ، زوراۋانلىققا، تىل سېلىشقا ۋە ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدىغان ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، نىجاد يادرولۇقىدىكى (ئۇ يوق چاغدا مېنىڭ يادرولۇقىمدىكى) مۇنبەر رەھبەرلىكىنى زىچ چۆرىدەپ، تېما جىق، ئۇرۇش ئاز، ئىلمىي، مەدەنىي، دېموكراتىك، ھەممە كىشى خاتىرجەم تېما ۋە ئىنكاس يازىدىغان، ئىتتىپاق، زامانىۋىي مۇنبەر غايسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلايلى!
  
    مەركىزىي كومىتېتنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن مەھمۇدىيە، باشئەگىم، ئۇچقۇنى، بۇغدا، شېۋىچىنكو، بېرنابۇ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
   
مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مۇنبەر تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى ئابلەتجان ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇنبەر ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بەزى مۇنبەر ئەزالىرىغا قاراتقان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى ئوقىدى:
   يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بېرى بەزى مۇنبەرداشلار قىزىققانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئايىماي، مۇنبەر نىزامىغا ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئارقا - ئارقىدىن خىلاپلىق قىلغاچقا تۈرمىگە تاشلاندى. بۇ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان مۇنبەرنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇش ۋە مۇنبەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشتا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. بىراق، مۇنبىرىمىز يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز، تۈرمىلەر كىچىك ھەم زەي. شۇڭا، تۈرمىگە يەنە داۋاملىق ئادەم سولىيالمايمىز. شۇ سەۋەبلىك مۇنبەرداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئاچچىقىغا ئېغىر ھاي بېرىپ، يامان بولىدىغان ئىشلارنى قىلماي، مۇنبەرنى بىرلىكتە قوغدىشىنى تەلەپ قىلىمىز. يەنە نىزامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار كۆرۈلسە مۇنبەردىن مەڭگۈلۈك چىقىرىۋېتىلىدۇ، ئىككىنچى قوبۇل قىلىنمايدۇ.
  يىغىن داۋامىدا باقاۋۇل، شاتكار، تۈمەن، لاچىن، بۈرگىچاق، پەرۋەر، ئىلىم، رېپىر، تۇمشۇق، جاغىستاي، پارتىزان، مېسسى 2، تەقدىرىم قاتارلىق ھەرقايسى ئىجتىمائىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كادىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە بەزى مەسىلىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىن ئەھلى بىلەن ئورتاقلاشتى.
  
   مېسسى2 "مۇنبەر شېئىرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا"، تۈمەن "سۈپەتلىك تېمىلارنى يېزىشنىڭ ھالقىسى"، باقاۋۇل "نادىر تېما يازغان كۈنلىرىمدە"، تەقدىرىم "مۇنبەر ئىنكاسچىلىقى ۋە مېنىڭ ئىنكاسلىرىم"، رېپىر"مۇنبەردىكى ھەققانىيەتنى ياقىلاش ۋە ئادىللىق" قاتارلىق ئوخشىمىغان تېمىلاردا نۇتۇق سۆزلەپ يىغىن ئەھلىنىڭ قەلبىنى لال قىلدى. پەرۋەر ئۆزىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنبەرنىڭ تۈرمىگە قاماش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشىدىكى قىسمەن يېتەرسىزلىكلىرى، يوچۇقلىرى ۋە ھالقىلىرىدىكى بەزى مەسىلىلەرنى يۇمۇرىستىك ئۇسۇلدا، دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.
   
يىغىننى يەنە پارتىيىسىز دېموكراتىك زاتلار، 11 ئادەم مۇنبىرى قاتارلىق قېرىنداش مۇنبەرلەرنىڭ ئەزالىرى چەتتىن ئاڭلىدى.  
      

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 22مۇنبەر پۇلى +1095 تۆھپە +50 شۆھرەت +35 تەجرىبە +35 تىللا +12 يىغىش سەۋەبى
پەرۋەر + 50 يىغىندا مەنمۇ باركەنم.
تۈمەن + 50 + 10 + 5 + 5 + 1 قالتىس!
باشئەگىم + 100 + 5 + 5 + 5 + 3 ئالامەت ~
پارتىزان + 50 قالتىس!
باقاۋۇل + 3 ئاپىرىن !
missi2 + 50 يارايسىز
زەربىدار + 50 قالتىس!
XATKAR886 + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
بىرازىلىيە + 20 قالتىس!
duxman1 + 5 قوللاش!
dilmurat. + 50 قالتىس!
بايرېن + 50 قالتىس!
alhan + 50 بارىكاللا
مەھمۇدىيە + 100 + 5 قالتىس!ئاز بولسىمۇ
سەۋدا + 50 قالتىس!
تۇمشۇق + 50 قالتىس!
TORAM7 + 50 + 2 + 2 + 2 قالتىس!
جاھانگىر + 20 + 3 + 2 + 2 قالتىس!
turgunjan + 50 قوللاش!
januzay + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-7 19:33:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم باتۇر روزىنىڭ  بىر ماقالىسىدە مۇنداق  جۈملىلەر بولدىغان ‹‹ خۇدايىم  ئۇيغۇرنى ھەممە نىمىسىدىن ئايرىسىمۇ ، ئىمانلىق يازغۇچىلىرىدىن ئايرىمىسۇن ›› دەپ  .   مۇشۇنىڭغا ئازراق قېتىپ قويغۇم كىلۋاتىدۇ  ،    خۇدايىم  ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى   بۇ  ‹‹تۇنجى باشلامچى  ›› مۇنبەرنى    نۇرغۇن نەرسىسىدىن ئايرىسىمۇ  سىزدەك  ئادەملەردىن  ئايرىمىسۇن !   ،  شۇندىلا بىز يەنە  داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايمىز  .  

ۋاقىت  ، تۇرمۇش  ۋە ئاللىقانداقتۇر سەۋەپلەر رايىش  توپ تەپكۈچىكامنى   بىزدىن ‹‹ ئايرىغانئىدى ›› .     ئۇنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولدىغان سىزدىن ئۇنداق بولمىغاي !  .

مۇنۇ چاتمىلار  بەك ياخشى چىقىۋاتىدۇ ئەمما     بىر قىتىم ئوقۇسام بىر قىتىم ئۆزىمنىڭ جۇڭگۇدا ياشاۋاتقىنى ئىسىمگە  كىلىدۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-7 13:58:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زېرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 14:00  

مەن يىراقتا بولۇپ قېلىپ قاتنىشالماي قالدىمدە بۇ يىغىنغا
ئاخىردىكى مۇنبەرداشلارغا يېزىلغىنى بەك كەپتۇ

مەھمۇدىيەنىڭ سۆزلىرى كۆزۈمنى نەمدىدى



باشقىلار يۈزدىن يۈزدىن باھالىيالايدىكەن، نىمىشقا مەن ئاران 50 نىلا بېرەلەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-7 14:00:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ قىزىليىغىن  ئاڭلىغاندەك بۇپ ئۇقۇدۇم  ما  تىمىنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-7 14:00:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشۇ كۈنلەردە ئىلھامىڭلا كەلكۈن كەلگەندەك كىلىپ كىتىپ بارىدۇ ھە ئابلەتجان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-7 14:04:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل   ئېسىل   ……
   تەربىيۋى  تېما     ……اا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-7 14:07:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچقۇنى يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 14:00
موشۇ كۈنلەردە ئىلھامىڭلا كەلكۈن كەلگەندەك كىلىپ كىتىپ ...

مەن كۈندە مۇشۇنداق ماقالىلەر بىلەن ھەپىلىشىمەن، مۇشۇنداق ماقالىلەرنى تەھرىرلەيمەن...
  شۇڭا مۇشۇنداق بىز كۈندە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان گەپلەرنى پۇتبولغا سىڭدۈرسەك باشقىچە قىزىقارلىق بولىدىكەن...
   بۇ ئارقىلىق مۇنبەر كەيپىياتىنى قىزىتقىلى، ئۇقۇشماسلىقلارنى تۈگەتكىلى بولىدۇ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-7 14:13:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-7 14:16:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ، كۆڭۈلنى مايىل قىلغۇدەك ئېسىل يىغىن بولۇپتۇ، كەڭ ئەزالارنى چىقىش قىلىپ ئىچىلغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، باشلىقلار ھەقىقەتەن جاپا چەكتىڭلار ....!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-7 14:20:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-7 14:13
ئۈشبۇ يازمىنىڭ ئالدىنقى قىتىم يوللانغان ئىككى بۆلەكلى ...

ۋاي - ۋاي بۇ يازمىنى تىللاۋاتامسىلەر ماختاۋاتامسىلەر؟؟؟
  تۈرمىدىن چىقىپسىلەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلى بىلەن كۆڭلۈم يېقىن ھەم سىلىنى چۈشەنگەچكە سىلىنىمۇ قېتىپ قويدۇم....
  سەمىمىي تەكلىپ: ئۇششاق بالىلارغا ھە دەپ قويۇپ ما بىزدەك جان قېرىندىشىڭلار بىلەنلا ئۆتۈڭلار، سىلىنى سېغىنىپ قالىدىكەنمىز...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-7 14:38:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرداشلارغا بۇندىن كىيىنكى توغرا نىشاننى بەك ياخشى كۆرسىتىپ بىرىپسىز。
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-7 14:40:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏يائاللا ،كۆمۈلۈپ قالغان ئاتۇن كەن سىز غۇ نەچچە كۈن يازغان تېمىڭىزدىكى
تارىخى مىقياسىدا ماندا ئىلمىي ،مول مەزمۇنلۇق ئادەمنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغۇدەك، نەچچە كۈن ۋاقىت چىقىرىپ مەركىزى نۇقتىسى ئاستىدا ئىزدەنگۈدەك، ئوتتۇرا باشلانغۇچ باللىرىغا پۈتۈنلەي يادلاتقۇدەك، يېزا كەنىتلەرگىچەئەمىلىيلەشتۈرگۈدەك نەرسە چىقمىغىلى ئۇزۇن بولغان - بۈگۈن مانا سىز ئۆز قۇلىڭىز بىلەن ئۇشبۇ بىباھا يىگانە ئەسەرنى يېزىپسىز! ئاپرىن ئېيىتماي تۇرالمىدىم ، شۇ تاپتا ھاياجانلانغىنىمدىن بۇ ئەسەرنى نىمە دەپ تەرىپلىشىمنى بىلەلمىدىم ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-7 15:04:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان مەن ئا 45 كىشىنىڭ ئىچىدە باردىمەن ھە...........
   بەك ياخشى يىزىلۋاتىدۇ تىمىلىرىڭىز
777
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 18:30

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش