ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 84 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مىراس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-7 12:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار :
پىقىردىن ھەممىىڭلاغا سالام . بۇ مىنىىڭ تۇنجى تىمام ،بەلكىم خاتالىقلاردىن خالىي بولالماسلىقى مۇمكىن ، توغرا چۈشەنگەيسىلەر .
بۇ ماركا گىزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرى . خەۋەردە كىشىنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇرىدىغان بىر ئىش كۆرسىتىلگەن بولۇپ ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ توختام مۇددىتى ۋە ئۇلارنىڭ يىشى بىرىلگەن .ھىدرا ۋە كىچىك پۇرچاقنىڭ توختامى كىلەر يىلى يازدا توشىدىغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا باشقا توپچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇزۇن مۇددەتلىك توختامغا ئىگە .بۇ ھەشەمەتلىك ، ياشلاشقان ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەم مۇقىپ بولغان سەپ شەكلى مادرىدنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدىكى پىلان ۋە نەتىجىسىنى يىتەرلىك ئاساس بىلەن تەمىنلىدى دىسەك ھەرگىز خاتالاشمايمىز .
ۋارتالار سىپىدە كاشىلياس ۋە ناۋاستىن ئىبارەت .ئىككى يۇقىرى سەۋىيەلىك توپچى بار ،ئۇلارنىڭ توختامى ئايرىم ھالدا 2017-يىلى ۋە 2020 يىلى توشىدۇ . ناۋاس ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولدى . كاشىلياسنى كەلگۈسىدە كوماندىدىن ئايرىلىدۇ دىسەكمۇ ،مادرىد بەلكىم دېھىيا ،كاسىليا قاتارلىق توپچىلارنى سىتىۋىلىشى مۇمكىن . لىكىن ئومۇمى جەھەتتىن ئىيتقاندا كوماندىنىڭ ئەمەلى كۈچىگە چوڭ تەسىر بولمايدۇ .
بىكلار سىپىدە پېپې ، راموس ،ۋارانې ،ناچو لارنىڭ توختامى ئايرىم ھالدا 2016-يىلى،2017-يىلى،2020-يىلى ۋە2021-يىلى توشىدۇ .كاشىلياستىن باشقا پېپې كوماندىدىكى يەنە بىر 30ياشتىن ئاشقان ئاساسلىق ئەزا ،بىراق ۋارانې ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ پېپې نىڭ ئورۇنباسارى بولىشىغا ئىقتىىدارىنى ھازىرلاپ بولدى .ناچو نىڭ ئەمەلى كۈچىنى ئىسپاتلىشى كۆرۈنەرلىك بولمىسىمۇ ،لىكىن ياخشى بولغىنى ئۇنىڭ كۆپ قىرلىق توپچى بولىشى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ناچو مادرىد ياشلار بازىسىدىن چىققان .ئوڭ مۇداپىيەدە كارۋاخالنىڭ توختامى 2019-يىلى توشىدۇ ،يۆتكىلىش خەۋىرى توختىماي چىقىۋاتقان ئاربىلويانىڭمۇ توختامى 2016-يىلى توشىدۇ .سول مۇداپىيەدە بولسا مارسېلو ۋە كونتىراۋ نىڭ ئايرىم ھالدا 2018-يىلى ۋە2019-يىلى توشىدۇ .
ئوتتۇرا سەپتە مۇدرىچ ،كېلوس ،رودرېگىز نىڭ توختامى ئايرىم ھالدا 2018-يىلى ،2020-يىلى توشىدۇ .بۇ ئۈچىسىنىڭ ئىچىدە مۇدرىچنىڭ يېشى ھەممىدىن چوڭ بولۇپ ،29ياش .قالغان ئىككىسىنىڭ يىشى 24ياش ۋە23ياش .زاپاس ئەزا ئورنىدا 22ياشلىق ئېسكو 2018-يىلىغىچە توختام ئىمزالىغان ،ئىللارامىندى نىڭ توختامى 2019يىلى توشىدۇ.
ھۇجۇم سىپىدە رونالدو ،بېنزىما ،بېل نىڭ توختامى ئايرىم ھالدا 2018-،2019-يىلىلىرى توشىدۇ .21ياشلىق ئۈمىدلىك ياش چولپاننىڭ 2017-يىلىغىچە توختامى بار ، مادرىدنىڭمۇ يىقىندا داۋاملىق توختام ئۇزارتىش خەۋىرى چىقتى . ئەڭ كىشىنى ئەنسىرتىدىغىنى رونالدو نىڭ يېشى بولۇپ ،پورتۇگالىيىلىك ئاللىقاچان 29غا كىرىپ بولدى ، پەۋقۇلادە رونالدونىڭ ئىپادىسىدە كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا چىكىنىش بولسا كوماندىدا ھازىرچە ئۇنىڭ زاپىسى بولغۇدەك بىرەر ياخشى نامزات يوق . |
-
|