akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1565|ئىنكاس: 67

كۇلۇبلارنىڭ يىللىق خۇلاسىسى قايناپ كەتتى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 12:48  

  2014 - يىلى ئۇزاي دېدى. دۆلىتىمىزدىكى بارلىق ئىدارە - ئورگانلار بۇ يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىنى يېزىش، باھالاش باسقۇچىغا كىردى.
  ياۋروپادىكى زەردار كۇلۇبلارمۇ بۇ يىللىق كىرىم - چىقىم، راست - يالغاننى ئايرىش، خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. تۈنۈگۈن رېئال مادرىدنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنىنىڭ خەۋىرى  مۇنبىرىمىزدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى. بۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان باشقا زەردار كۇلۇبلارمۇ ئارقا - ئارقىدىن يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئۆتكۈزدى.
   تۆۋەندە ياۋروپاغا ئەۋەتكەن مەخسۇس مۇخبىرىمنىڭ بىر قىسىم كۇلۇبلارنىڭ بۇ يىللىق خۇلاسە يىغىنىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى، تەنقىدلەش ئۇقتۇرۇشى ۋە بىر قىسىم ئۇقتۇرۇشلىرىدىن ئالغان پارچىلىرىنى نەزەرىڭلارغا سۇنىمەن:

   مىلان
   مىلاننىڭ يىغىنىدا مىلان كۇلۇبى  پارتىكوم ئېلان قىلغان  "مىلان كۇلۇبى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، رەئىس بېرلۇسكونىنىڭ چىرىكلىشىش، پارتىيە ۋە كۇلۇب نىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش، 10 نەچچە ئايال زاتى بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولۇش، كۇلۇب پۇلىنى تاماشىغا ئىشلىتېۋىلىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى پىكىر"  نىڭ روھى بويىچە، بېرلۇسكونىنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، ئۇنى رەئىس دەرىجىسدىن كۇلۇبنىڭ مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ خوجايىنلىق دەرىجىسىگە چۈشۈرۈش، ئۇنىڭ بىر قىسىم مۈلكىنى مەجبۇرىي ھالدا پۇتبولچى سېتېۋېلىشقا ئىشلىتىشنى قارار قىلدى ھەمدە كەڭ كادىرلار ۋە پۇتبولچىلاردىن بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ، جۆرىسىگە سادىق بولۇشىنى تەلەپ قىلدى، پۇتبولچىلار بۇنى تولۇق ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

   مىلاننىڭ خۇلاسە يىغىنىدا، شاراۋېي، دېيوڭ، دېسىلىئو، مېنىز ۋە خوندا "يىللىق مۇنەۋۋەر خىزمەتچى" بولۇپ باھالاندى. بونېرا "خاتالىقلىرىم ۋە سەۋەنلىكىم" تېمىسىدا تەكشۈرۈش يېزىپ، ئۆزىنى چوڭقۇر تەكشۈردى.
   توررېس "قايتىدىن ئادەم بولىمەن" تېمىسىدا قەسەمياد قىلدى.

   يۇۋېنتۇس
  يۇۋېنتۇس كۇلۇبى ئاممىۋىي لۇشيەن تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگىچە چۈشۈردى.  يەنى، پىرلو پاس بېرىش ھوقۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، "پاس بېرىلمىگەن بىرمۇ پۇتبولچى بولماسلىق، ھەر ئىككى پۇتتا پاس بېرىش، ئىككىلا پۇتتا توغرا پاس بېرىش" ئىستېراتېگىيەسىنى يەنىمۇ ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، پاس بېرىش سانىدا ئارقىدا قالغان ياكى پاسنى توغرا بېرەلمەيدىغان بونۇچىغا ئوخشاش ماھىرلارنى يېتەكلەپ، ئۇلارغا كۇلۇبنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى، كۇلۇب پىرلونىڭ بۇ خىل شەخسىيەتسىز، يېتۈك روھىنى مەدھىيلەپ، بارلىق پۇتبولچىلارنى پىرلودىن ئۆگىنىشكە چاقىردى.

  يۇۋېنتۇسنىڭ خۇلاسە يىغىنىدا پىرلو، تېۋىز، پوگبا "مۇنەۋۋەر خىزمەتچى" بولۇپ باھالاندى.
   چىيىلىنى "چىشلىنىشنىڭ زىيىنى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا" تېمىسىدىكى تەسىرات ماقالىسىنى ئوقىدى.

چېلسى
   چېلسىنىڭ خۇلاسە يىغىنى تولىمۇ ئىللىق مۇھىت ئىچىدە ئېچىلدى. ئابلايىموۋىچ" پۇلنى توغرا، يولىدا خەجلەپ، پۇل كۆيدۈرۈشكە قارشى تۇرۇپ، ئاپتۇبۇس مۇداپىيەسىنى، فېررارى ھۇجۇمىغا ئۆزگەرتەيلى" تېمىسدا مۇھىم سۆز قىلدى. مۇرىنىئو "قايتۇرما ھۇجۇمنىڭ سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھۇجۇم - مۇداپىيە ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، ئابلاموۋىچ باشچىلىقىدىكى رەھبەرلىك يادروسىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشايلى" تېمىسىدا كۇلۇب خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.
توررېسنى سېتىۋېتىشتەك ئاقىلانە ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويغان خادىملارغا ئالقىش ياڭرىتىلدى. دىروگبا كۇلۇب ياشانغان كادىرلار بۆلۈمىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ھەممەيلەننى يىغلىتىۋەتتى.
  
   چېلسىنىڭ باھالاش يىغىنىدا كوستا، فابرىگاس، ئازارد، ئىۋاننوۋىچ "يىللىق مۇنەۋۋەر خىزمەتچى" بولۇپ باھالاندى.
   چېخ "زاپاس ئەزا ئورۇندۇقىغا يۆلەنچۈك بېكىتىشنىڭ لازىمى بارمۇ - يوقمۇ؟" تېمىسىدىكى ماقالىسى بىلەن يىغىن زالىنى ئويغا چۆمدۈردى.

ئارسېنال
  ئارسېنالنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنىنىڭ باشقا يىللاردىن تازا پەرقى بولمىدى. يىغىن ئوخشاشلا "ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە دېگەن نېمە"، "بىرلەشمىدە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرىش ئۈچۈن قانداق شەرتلەر كېتىدۇ" دېگەندەك ھەر يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان تېمىلار بىلەن بارلىق ئىشىچى - خىزمەتچىلەرنى ئۇخلىتىپ قويدى. يىغىنغا ئۆزىل رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋېنگىر "پۇلنى ئەپلەپ خەجلەش ھەممىدىن مۇھىم" تېمىسىدا سۆز قىلدى. ماھىرلار يىغىن ئاخىرىدا ئۇيقۇغا كەتتى....

  يىغىندا سانچېز، سانچېز، سانچېز ۋە سانچېز ئايرىم  - ئايرىم ھالدا "مۇنەۋۋەر ماھىر"، "مۇنەۋۋەر خىزمەتچى"، "مۇنەۋۋەر خادىم"، "مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى" قاتارلىق بارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇ ئېرىشمىگەن "8 - مارت ئاياللار بايراقدارى" شەرىپىلا قالدى.
   يىغىن ئاخىرىدا ئۆزىل "مەيداندىكى ئورۇنغا توغرا قويۇلۇش ۋە خاتا قويۇلۇشنىڭ ئاقىۋىتى" توغرىسىدىكى تەسىرات ماقالىسىنى ئوقىدى، ئارقىدىن ئۆزىنى تەكشۈردى. ۋېنگىر ئۆزىلنىڭ ماقالىسىنىڭ يېرىمى تۈگىمەيلا يىغىن زالىدىن ئايرىلدى.

مانچېستىر بىرلەشمىسى
   مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ يىغىنى ئەڭ ھەيۋەتلىك سارايدا، داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئىشتا يارىلانغان ۋە قۇربان بولغان ئىشىچى - خىزمەتچى كۆپ بولغاچقا يىغىن مەيدانى چۆلدەرەپ قالدى. ۋانجال "پۇلنى تېخىمۇ كۆپ خەجلەپ، ھۇجۇمچىنى كۆپلەپ سېتىۋېلىپ، بېكلارنى تارىخ سەھپىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايلى" تېمىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى. رونىي "ئۇزغۇنلۇققا بۇرۇنراق قاتنىشىپ، كۇلۇبنىڭ ھەيۋىسىنى قايتۇرۇۋالايلى" تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

  يىغىندا، رونىي، ۋان پېرىس "يىللىق مۇنەۋۋەر خىزمەتچى" بولۇپ باھالاندى.
  فالكاۋ بىلەن فىلەينى "بۇرۇنقى كۇلۇبنى سېغىندۇق" ناملىق ناخشىغا لەپەر ئويناپ بوشاپ كەتكەن يىغىن كەيپىياتىنى تېخىمۇ بوشۇتۇۋەتتى.

  مانچېستىر شەھىرى
  مانچېستىر شەھىرىنىڭ يىغىنى 7 يېرىم يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۇبەي پارتىكومىنىڭ شۇجىسى، خەلىپە مەنسۇر بېگىم قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. مەنسۇر بېگىم "قانچىلىك پۇل كېتىشتىن قەتئىي قورقماي، نېفىت كىلاپانلىرىنىڭ ھەممىنى ئېچىۋېتىپ، بارلىق نەق پۇللارنى ئىشقا سېلىپ، باھاسى ئەڭ يۇقىرى توپچىلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋېلىش خىزمىتىنى كۈنتەرتىپكە رەسمىي كىرگۈزۈپ، دېزوكونى چىڭ تۇتۇپ، ئاكۇيرونى بوش تۇتۇپ، ئۇزغۇنلۇقتا گۇرۇپپىدىن چىقىش غايىسىنى بىر قېتىم بولسىمۇ ئىشقا ئاشۇرايلى" تېمىسىدا سۆزلەپ، بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يىغلىتىۋەتتى.

   يىغىندا، ئاكۇيرو، يايا تۇرېي ۋە كومپانى "مۇنەۋۋەر خىزمەتچى" بولۇپ باھالىنىپ بىردىن يانتۇئۇچار ئايروپىلان بىلەن مۇكاپاتلاندى.
   ناستاچىچى قاتارلىق ئىككى ماھىر ئەللىك دەررىدىن ساۋالدى. ناسىرى"پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس" تېمىسىدا تەسىرات ماقالىسى ئوقىدى.

    لىۋېرپول
   لىۋېرپولنىڭ خۇلاسە يىغنىدا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە مەسلە ھەل قىلىندى:

1. سىتېرلىننى توختاملىق ئىشچىدىن كۇلۇبنىڭ ھەقىقىي شىتاتلىق خىزمەتچىلىكىگە تەيىنلەش ۋە باشقارما باشلىقى تەمىناتىدىن بەھرىمان قىلىش.
2. جېررادنى داۋاملىق كاپىتان قىلىشتىن سىرت، كۇلۇب ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەش ۋە ئۇنىڭ ئالىي دەرىجە ئۇنۋانىنى دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بېرىش.
3. بالوتېلىنى يۆتكەپ كېلىش تەكلىپىنى بەرگەن ۋە بۇ يۆتكەپ كېلىش خىزمىتگە قاتناشقان بارلىق خادىملارنىڭ مەمۇرىي ۋەزىپىسىنى توختىتىپ، ئۇلارنى پارتىيە ئىچىدە قالدۇرۇپ سىناش.
4. بالوتېلىنى پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، بۇ يىللىق بارلىق مۇكاپاتىنى توختىتىش.

  يىغىندا، سابىق ماھىر، ئۇلۇغ پرولتارىيات جەڭچىسى، ئۇزۇن يىل تاۋلانغان توپچى سۇئارېزنىڭ تۆھپىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ رەسىمىنى كۇلۇبقا ئېسىش بېكىتىلدى ھەمدە ئۇنىڭغا شىنجاڭ "ئالماس" دوختۇرخانىسى ياسىغان سەدەپ چىش توردىن سېلىۋېتىلدى، بۇ ئۇنىڭغا بېرىلگەن مۇكاپاتمىش. يىغىن ئارىلىقىدا، بالوتېلى يانچۇقىغا سېلىۋالغان پوجاڭزىنى چاقچاق قىلىپ كۇدىنىئونىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويۇۋىدى، پوجاڭزا ئېتىلىپ كېتىپ، يىغىننى بىر مەھەل ئۈزۈپ قويدى.  

   بايرېن مىيۇنخېن
  
   بايرېن مىيۇنخىنىڭ يىغىنىدا، ئاۋۋال تېخى يېقىندىلا 3 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كۇلۇبنىڭ سابىق شۇجىسى خېنىزغا بىر يېرىم مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇلدى. گۇادىئولا" تىكى - تاكا ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، 5 دە 0  ۋەقەسى ۋە خېنىز سەتچىلىكى دىن ئىبارەت قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يىقىلغان يەردە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، كۇلۇبنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىنى شان - شەرەپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ... ئۇزغۇنلۇقنى قايتۇرۇۋالايلى" تېمىسىدا سۆز قىلىپ، روبىنغىمۇ چاچ چىقىرىۋەتتى.

  يىغىندا، روبېن، لام، مۇللېر، نويىر "مۇنەۋۋەر خىزمەتچى" بولۇپ باھالىنىپ، "قىسقا پاسنىڭ ئۈنۈمى ۋە رولى" ناملىق قوللانمىغا ئېرىشتى.
  شاچىرى قاتارلىق بىرقانچە خىزمەتچى "مەن نەگە بارالايمەن" ناملىق خورنى ئورۇنداپ، سورۇندىن قاس چىقىرىۋەتتى.  


    دورتمۇند

دورتموندنىڭ يىغىنى تولىمۇ پەرىشانلىق، ئالدىراڭغۇلۇق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. كىلوپ "غوللۇق ماھىرنى سېتىش قەدىمىنى ئاستىلىتىپ، ئۇزغۇنلۇقتا ئاتتەك، بىرلەشمىدە مادا ئېشەكتەك ئويناش سەپسەتىسىنى يوقىتىپ، بۇ يىل دەرىجە ساقلاش ئۈچۈن جېنىمىزنى تىكەيلى" تېمىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى. رۇئېز نوسۇلكا بىلەن يىغىنغا قاتنىشىپ ھەممەيلەننىڭ كۆزىدىن ياش چىقىرىۋەتتى. ئۇ ئايرىم - ئايرىم ھالدا "ئادەتتىكى كوماندىدىكى داڭلىق ماھىرنىڭ تەقدىرى"، "ياۋروپادىكى كۇلۇبلارنى مېنى تالىشىش جېڭىگە سالىمەن" دېگەن ھەيۋەتلىك شېئىرىنى دېكلاماتىسيە قىلدى. ئەپسۇس، شېئىرنى ئوقۇۋاتقىچە زۇۋانىنىڭ پېيى تارتىشىپ يەنە يارىلىنىپ جىددىي قۇتقۇزۇشقا يوللاندى. ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاسالانغاندا، ئۇ يەنە  4 ئاي ئارام ئالىدىكەن.

  يىغىن ئاخىرىدا، ئاۋبامىيياڭ، ئېنموبېلى ۋە مۇستالياڭ "مۇنەۋۋەر خىزمەتچى" بولۇپ باھالىنىپ، كۇلۇب مەستانىلىرىنىڭ بىر كۈنلۈك مېھمان قىلىشغا سازاۋەر بولدى.


     رېئال مارىد

     رېئال مادرىدنىڭ يىغىن خەۋىرىنى تولۇقى بىلەن بەرگەنىدۇق. بۇ يەردە پەقەت يىغىندا تەنقىدلەنگەن ماھىرلارنى ۋە يىغىندا ئوقۇلغان دوكلاتلارنى دەپ ئۆتىمىز.
    كاسىللاس، ئاربېلويا "ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىن تازا چىقالماسلىق" جازاسى بىلەن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىدلەندى.
     يولداش رونالدو"مەن نېمە ئۈچۈن توپ ئۇرىمەن"، بېل "ئىككى نۇقتا ئارىسىدا مەن ئەڭ قىسقا"، ئەنچېلوتى"ئۇزغۇنلۇققا بېغىشلانغان ھايات" تېمىسىدىكى دوكلاتىنى يىغىن ئەھلىگە سۇندى. ئىسكو مەرھۇم ئەبەيدۇللا تۇردىنىڭ "مەنىلىك ئۆتسۇن ھايات" دېگەن ناخشىسىنى دۇتتارلىق ئورۇندىدى. مودىرىچ "دىدار غەنىيمەت" ناملىق ناخشىسى بىلەن ھەممەيلەننىڭ كۆزىنى نەملىدى. يىغىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋاملاشتى.   


بارسېلونا

   بارسېلونانىڭ يىغىنى بارسېلونا يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى چاقىرغان ئەڭ مۇھىم يىغىندۇر. بۇ قېتىمقى 97 - نۆۋەتلىك 42 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىندا، كۇلۇبنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پۇل بىلەن ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستىراتېگىيەسى يەنىمۇ چىڭىتىلدى. يىغىندا مېسسىنىڭ " ئىلگىرىكى شان - شەرىپىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ، تىرېنېرنىڭ بەزى سەۋەنلىكىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ھۇجۇم - مۇداپىيە تەڭپۇڭلۇقىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ماڭىلا تايىنىۋالماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نېيمار، سۇئارېز قاتارلىق ماھىرلارنى تېخىمۇ ئەتىۋارلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دېربىيدىكى ئوڭۇشسىزلىق ۋە بىرلەشمىدىكى كېلىشمەسلىكنى دەرھال ھەل قىلىپ، ئالەم كوماندىسى ئارزۇيىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلايلى" تېمىسىدىكى مۇھىم سۆزى يىغىن مەيدانىدا 7 مىنۇت چاۋاك چېلىنىشقا سەۋەب بولدى. سۇئارېز "بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر" تېمىسىدىكى تەسىراتىنى ئوقىدى. كۇلۇب پارتىكومى كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى مېسسىدىن ئۆگىنىشكە چاقىردى.

  يىغىن ئاخىرىدا، مېسسى "مۇنەۋۋەر خىزمەتچى"، "مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى" بولۇپ باھالاندى ۋە مۇكاپاتلاندى.
  بارتېلا يەنىلا توختاملىق ئىشچى بولۇشقا ۋە يەنە ئۈچ ئاي سىناپ ئىشلىتىشكە بۇيرۇلدى. بارتېلا "ئەمدى بۇلماق يېمەيمەن، بېل يۈگۈرسە ئارقىدا قالمايمەن" تېمىسىدىكى تەكشۈرۈشنامىسىنى ئوقۇپ بېكلارنى كۈلدۈرۈۋەتتى.     
   

ئالاھىدە ئەۋەتكەن مۇخبىرىمنىڭ كۇلۇبلارنىڭ بۇ يىلقى خىزمەت خۇلاسىسىدىن ھېس قىلىپ ئەۋەتكىنى مۇشۇنچىلىك...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 13مۇنبەر پۇلى +700 تۆھپە +12 شۆھرەت +12 تەجرىبە +12 تىللا +6 يىغىش سەۋەبى
تۈمەن + 50 + 3 قالتىس!
جاغىستاي120 + 50 + 3 قالتىس!
بېرنابۇ + 50 + 2 + 2 + 2 قالتىس!
سەۋدا + 50 قالتىس!
ئارىف + 50 قوللاش!
ئىستىقلال + 50 قالتىس!
tagderem + 50 كاتتا !
owchi + 50 سىزنى بۇنچىلىك يۇمۇرل.
مىلەن + 50 غەيرەت قىل مىلەنلىق!!!!.
زېرەك + 50
januzay + 50 قالتىس!ئىجادىيەت
ئىلىم + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس! قالتس قالتىس
9مۇرادىل + 100 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 22:43:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلەننىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنىغا مەنمۇ تەكلىپ بىلەن قااتناشقان، ئاببىياتىنىڭ ‹‹سىنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن››دىگەن يىڭى ئىجادىيىتى بىلەن،يولداش كاكانىڭ ‹‹خوش قاال مىلەن ئەمدى مەن كىتەي››دىگەن ئاممىباپ ناخشىسى  بەك ياخشى ئۇرۇنلاندى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
تۇمشۇق + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 21:35:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەۋسەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-6 21:36  

مادرىد رىقابەت


مادرىد رىقابەتنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىغا بارلىق ئەزالار ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى . يىغىنغا باش تىرىنىر سىمونى رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ ، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆتكەن بىر يىللىق ئومۇمىي خىزمەتلەردىن قىسقىچە خۇلاسە قىلدى . سىمونى ئالدىنقى پەسىلدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قولغا كېلەي دەپ قالغان لوڭقىنى كاللا توپ ئۇرۇپ يوق قىلغان راموس دېگەن تۆمۈر باشنى بىردەم راسا تىللاپ ئەبجىقىنى چىقارغاندىن كېيىن ، مۇسابىقىگە يارىدار بولۇش سەۋەبلىك قاتنىشالماي لوڭقىنى تارتقۇزۇپ قويۇشقا سەۋەبچى بولغان كوستا دېگەن سولتەككىمۇ ئاز-تولا تىل تەگكۈزۈپ ئۆتتى .
ئۇنىڭدىن كېيىن ئالدىنقى پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىك مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپچىلىكنى بىر مەيدان ساما ئۇسسۇلىغا تەكلىپ قىلىپ سورۇننى قىزىتىۋەتتى . ئۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىكنى غاز گۆشى بېسىلغان پولۇ  ئارقىدىنلا ھەرخىل سوغۇق سەيلەر كەيپىياتنى تەڭشىدى .
يىغىندا يەنە ئولىمپىياكۇس تىرىنىرىنىڭ بىر مەيدان ئۇتۇپلا سۆزلەپ قالىدىغان قىلىقىنى ئۆز-ئارا مەسخىرە قىلشقاندىن كېيىن كوماندىدىكى بۇ يىللىق ئىپادىسى قالتىس بولغان ماھىرلاردىن مەنزۇجىچ ، گودىن ، ئاردا تۇران ، گېرىزمان ۋە باشقا ئەزالارغا رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى تارقاتقاندىن كېيىن يىغىننىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى . ياۋرو مۇكاپاتىنىڭ بولسا بۇ يىللىق بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى ۋە ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندى كېيىن تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
تۇمشۇق + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 23:49:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 23:48
مۇشۇنداق ئەجىرلىك تېمىغا باشقا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇ ...


كەچۇرۇڭ  ,بەك خىجىلمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 22:47:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرلوسكونى موللاق ئاتقىنى بەك ياخشى بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 21:55:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي  ئاللاھ  (ئىچىمدە) ئوقۇپ  بولغىچە   كۈلىۋەرسەم  يىنىمدىكىلەر   بىر خىل  قارايدۇ.
ئىشقىلىپ  قايىل بولماي تۇرالمىدىم!
ھەقىقەتەن بەك  قاملىشىپتۇ!قولىڭىزغا  دەرت  بەرمىسۇن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 20:58:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇلاسىلەر بىر-بىرىدىن ئېسىل بۇلۇپتۇ.
توررېسنىڭ ‹‹قايتىدىن ئادەم بولىمەن›› بەك كىلىپتۇ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 20:58:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما، ئىجادىيەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 21:10:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد رىقابەتنىڭكىنىمۇ قوشۇپ يوللىۋەتمەپسىز ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 21:10:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد رىقابەتنىڭكىنىمۇ قوشۇپ يوللىۋەتمەپسىز ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-6 21:12:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەۋسەر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 21:10
مادرىد رىقابەتنىڭكىنىمۇ قوشۇپ يوللىۋەتمەپسىز ...

بىلگەننى قىلىمىز، بىلمىگەنگە ئېسىلمايمىز... ئېنتىر، رىم ۋە ئاتلېتكا ھەققىدە سىلەرمۇ قەلەم تەۋرەتكەيسىلەر...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 21:14:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول تورىدىن بىر كوماندا تەشكىللىسەڭلار بىر مۇسابىقە ئوينىساق بولىتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-6 21:18:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيىسەر يۈرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 21:14
پۇتبول تورىدىن بىر كوماندا تەشكىللىسەڭلار بىر مۇسابىق ...

بۇنى مەھمۇدىيە قارىم بىلەن دېيىشسىڭىز بولامدىكىن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 21:18:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل كەن، بەك قىززىق چىقىپتۇ جۇمۇ!! رەخمەت سىزگە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 21:20:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھايىتى ئېسىل تىما! نادېر....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 21:26:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى بۇلماق يېمەيمەن، بېل يۈگۈرسە ئارقىدا قالمايمەن
                                                               
                  بارتىلا -
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 21:29:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 19:07

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش