akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1296|ئىنكاس: 32

ئەنچىلودى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىدىن كىيىن توختام ئۇزارتىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2014120610373327dfe_550.png


    بۈگۈنكى «ماركا گېزىتى»نىڭ چوققىسىدا مۇنداق 3 خەۋەر ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بولسا ئورگان تەرەپتىن مۇقۇملاشتۇرۇلغان بولۇپ، مالوركا كۇلۇبىنىڭ 18 ياشلىق توپچىسى ماركو ئاسېنسىيونىڭ مادرىد بىلەن توختام ئىمزالاپ بولغان. بۇنىڭدىن باشقا 2 خەۋەر ئوخشاشلا كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. بىرى بولسا خانلىق مادىرىدنىڭ ھازىرقى باش تېرنىرى ئەنچىلودىنىڭ ئالدىمىزىدىكى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كىيىن توختام ئۇزارتىش ئىشى مۇقۇملاشقان. ئىككىنچىسى بولسا بىرازىلىيەلىك توپچى لۇكاس سېلۋانىڭ مادرىدقا قۇشۇلۇش ئىشى مۇقۇملاشقان.

   ئەنچىلودى 2013-يىلى مادرىد بىلەن 3 يىللىق توختام ئىمزالىغان. مادرىد ئالىدىنقى پەسىللىك ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنى بولغاندىن كىيىن، ئاخبارات ۋاستىلىرى مادرىد رەئىسى فىلورىنتىنو باش تېرنىر ئەنچىلودى بىلەن توختام ئۇزارتىشىنى ئويلاۋاتىدۇ دەپ خەۋەر تارقاتقان. فىلورىنتىنونىڭ ۋەزىپە مۇددىتى 2017-يىلى توشىدىغان بولۇپ، ئەنچىلودىنىڭ توختام ئۇزارتىشى بەلكىم ئۇزۇن بولغاندىمۇ بىر يىل بولىشى مۇمكىن. ئەگەر فىلورىنتىنو قايتىن سايلىنىشتا مۇۋەپىققىيەت قازىنىپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ ئىككى تەرەپ داۋاملىق ھەمكارلىشىش قارارىنى چقىرىشى مۇمكىن.

   «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مادرىد تەرەپ بىلەن ئەنچىلودى ئاللىبۇرۇن توختام ئۇزارتىش ئىشىدا بىرلىككە كېلىپ بولغان. مادرىدنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان مۇسابىقىلىرىنىڭ كۆپ بولىشى سەۋەبلىك، ئەنچىلودى بىلەن بولغان توختام ئىمزالاش ئىشىنى رەسمى ئېلىپ بارالمىغان. شۇڭىلاشقا دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كىيىن ئەنچىلودى رەسمى ھالدا مادرىد بىلەن توختام ئىمزالايدۇ. ئەگەر دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كىيىنمۇ ئەنچىلودى ئالدىراش ياكى دەم ئالدىغان ئىشلار بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ توختام ئىزالاش ئىشى كېلەر يىل 1-ئاينىڭ بېشىدىلا تاماملىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

   لۇكاس سېلۋا بولسا ھازىر بىرازىلىيەنىڭ كىرۇزېيرو كۇلۇبىدا(Cruzeiro Esporte Clube) توپ تېپىدۇ. لۇكاس سېلۋا بولسا ئالۇنسو تىپىدىكى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولۇپ، بۇ خىل مۇداپىئە تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالايدىغان پاراسەتلىك توپچىلارغا مادرىد رەئىسى فىلورىنتىنو ئەڭ ئامراق. مادرىد تەرەپ ئاللىبۇرۇن كىرۇزېيرو كۇلۇبى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ بولغان. كىرۇزېيرو كۇلۇبى لۇكاس سېلۋا ئۈچۈن 15 مىليۇن ياۋرۇ باھا چىقارغان. ئارسىنال كۇلۇبىمۇ بۇ سودىغا كىرىشكەن بولۇپ، لۇكاس سېلۋانى قوغلىشۋاتقان ئىكەن.

   «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە لۇكاس سېلۋانىڭ مادىرىدقا قۇشۇلدىغانلىقىنى مۇقۇملاشتۇرغان بولۇپ، .ئەمما قۇشۇلۇش ۋاقتىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى، ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا بولۇپ قالسا كېلەركى يازدا قۇشۇلدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مۇدىرىچنىڭ ئېغىر يارلىنىشى، خېدىرانىڭ توختىماي يارلىنىشى، كىروسنىڭ چارچىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى مادرىدنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ھالىتى بىر ئاز خەۋىپكە دۈچ كەلگەن. ئىللارامىدىمۇ مۇشۇ يىل ئىچىدە ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بولالمىسا، بەلكىم مادىرىد مۇشۇ قىشلىق بازار ئىچىدىلا لۇكاس سېلۋانى كىرگۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن.

    لۇكاس سېلۋا 1993-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان. بوينىڭ ئىگىزلىكى 1.75 مىتىر بولۇپ، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا مەيدان. ھازىر بىرازىلىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى كىرۇزېيرو كۇلۇبىدا(Cruzeiro Esporte Clube) توپ تېپىۋاتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 18:53:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائ‍اللا ئىلىم سىتىم سودىسىنڭ ھەممىسىدە ئ‍ارسنال بامىدۇ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 18:54:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىت ياشلانى كولۇپقا راسا يىققىلى تۇردىغۇ ئەمدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 18:55:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇجۇمچى دىسە لىۋىرپول باتى،باشقىسىدا ئ‍ارسىنال با.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 18:57:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1001 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 18:53
يائ‍اللا ئىلىم سىتىم سودىسىنڭ ھەممىسىدە ئ‍ارسنال بامى ...

شۇنى دەڭلا   ھەممە سودىغا ئارلىشىدۇ لىكىن بىر ئىككى يىلدا ئاران بىر سودا قىلدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 19:00:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئىككى يىلدىن كېيىن پۈتۈنلەي ياشلاشقان مادرىدنى كۆرگۈدەكمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 19:18:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسىنال  ئالمايدۇ  قۇرۇق  گەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 19:23:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مالوركا نەنىڭ كۇلۇبى؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 19:32:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بۇ مادىرىد ئوتتورا مەيدان توپچىلىرىنى ئېلىرۋېرىپ پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزامدۇ نىمە؟ ئەن تېۋىپ بەك كەرلىپ كەتتى، بىر ياساپ قويساق شۈك  بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-6 19:42:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈرگىچاق يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 19:32
ۋاي بۇ مادىرىد ئوتتورا مەيدان توپچىلىرىنى ئېلىرۋېرىپ  ...

ياسايدىغان ياغاچ ئەمەس ئاۋۇ.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 19:44:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىت ياشلارغا ئامراق بولۇپ قالدىمۇ قانداق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-6 19:44:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7RoNALDo يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 19:23
مالوركا نەنىڭ كۇلۇبى؟

ئىسپانىيەنىڭ......Real Club Deportivo Mallorca
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 02:14

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش