ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1249 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TORAM7 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-6 13:27
2014-يىللىق خەلىقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ‹‹ئالتۇن توپ›› تارقىتىش مۇراسىم باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، رونالدو، مېسسى، نويىر قاتارلىق نامزاتلارنىڭ قايسىسى بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشەلەيدۇ؟ بۇ تېما دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە مۇلاھىزە قىلىنماقتا...
گىرمانىيەنىڭ تۇنجى ‹‹پۇتبول ئەپەندىسى›› نامىغا ئىرىشكۈچىسى مارتىۋۇس ‹‹ ئالتۇن توپ ›› تارقىتىشقا نىسبەتەن ‹‹بوشلۇق تەنتەربىيسى›› نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ‹‹ مەن شەخسەن كىرىستىئانو رونالدو بۇ قىتىمقى ‹‹ئالتۇن توپ›› مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ دەپ قارايمەن، ئۇنىڭ نومۇر ئىلىشى نىسبىتى ئىتايىن يۇقىرى، ئۇ يېڭى توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى ياراتتى. ئاددى سۆز بىلەن ئىيىتقاندا ، ئەسلى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئەڭ مۇھىم ئويلىشىش شەرتى ئىدى ، بىراق مەن رونالدونىڭ توختىماي توپ كىرگۈزىشى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى كەمچىللىكىنى تولۇقلىدى دەپ قارايمەن. مېنىڭچە ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇ ھەر ھەپتىدە بىزگە ئەڭ يېڭى ھوزۇرلىنىشلارنى ئىلىپ كېلىدۇ›› دېدى... يېڭى پەسىللىك ئايلانما باشلانغاندىن تارتىپ كىرىستىئانو رونالدو پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوت ئىچىشنى باشلاپ ھەر قايسى مۇسابىقىلەردە 28 توپ كىرگۈزدى، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 13-ئايلانمىسىدا 20توپ كىرگۈزۈپ بولدى ...
ئارگىنتىنا كوماندىسىنى يىتەكلەپ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا ئىلىپ كىرگەن مېسسىغا قارىتا مارتىۋۇس ‹‹ مىنڭ مېسسنى تاللىماسلىقتىكى سەۋەبىم بۇ يىل ئۇ بەك ئۇزاق ئاغرىپ قالدى ، بىراق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنى نامايان قىلدى. لېكىن مەن ئۇنىڭ ئىپادىسىنى ئىنتايىن ياخشى دەپ قارىمايمەن، بىراق خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسى ئالتۇن توپىنى ئۇنىڭغا بەردى، بىراق ئۇ ئالتۇن توپ مېسسىغا بەرگەن كىچىككىنە سوۋغات خالاس. ئۇنتۇپ قالمىدىم، ئۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن كېيىن مۇكاپاتنى ئالغاندا توختىماي بىشىنى چايقىغان›› دېدى...
ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىن تاللانغان نويىرغا: ‹‹ نويىرنىڭ نامزاتلىققا تاللانغىنى ئىنتايىن ياخشى بولدى. ئۇ يېڭى بىر ۋارىتارلىق ئىستىلىنى ياراتتى، ئۇ مۇسابىقىدە چەكلەنگەن رايون سىرتىدىكى 11-توپچى. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۇنىڭغا ئۆزىنى نامايان قىلىش سەھنىسىنى ھازىرلا بەردى. جەنۇبى ئامېرىكا توپ مەستانىلىرىگە قارىتا نويىرنىڭ ئىستىلى پۈتۈنلەي يېڭى، شۇڭا ئۇلار بۇرۇن نويىرنى قەتئى چۈشەنمەيدۇ. نويىر ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەڭ داڭلىق ۋارىتار بولۇشقا مۇناسىپ، نويىرمۇ گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى دەپ قارايمەن.›› دېدى...
گېرمانىيە رىۋايىتى مارتىۋۇس
|
-
|