ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2725 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا باقاۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-6 13:39
سوخو تەنتەربىيسى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى خەۋىرى

ھازىرقى پوتبۇل دۇنياسىدا ، پۇتبۇل پەقەت تىپىك بولغان ئومومىي خەلىق بەدەن چىنىقتۇرۇش ھەركىتى بولۇش بىلەنلا چەكلەنمەستىن بەلكى ، ئاللىبۇرۇن دۇنيا ئىقتىسادى ساھەسىگە بۆسۈپ كىردى .
كۆزگە كۆرۈنگەن ھەر بىرى پوتبۇل تەنھەركەتچىسى ، كۇلۇپ تاللاشتا ، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ، ئارزۇسى ۋە كۇلۇپلارنىڭ شەرىت-شارائىىتدىن باشقا ، ئۆزىگە ئىلىپ كىلەلەيدىغان ئىقتىسادى مەنپەئەتنىمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ئويلىشىدۇ .
توپچىلارنىڭ كىرىمى ئۆزىنىڭ يىللىق مۇئاشىدىن باشقا يەنە ، كۇلۇپلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ، بەلگىلەپ بەرگەن مۇكاپاتلىرى ، تۈرلۈك تەشۋىقات ، ئىلان پائالىيەتلىرىگە قاتنىششى قاتارلىق يوللار بىلەن كىلىدىغان بولۇپ ، پوتبۇل دۇنياسىدىكى گىگانىتلار ھىساپلىنىدىغان مىسىي ، كىرىستىيان رونالدو قاتارلىقلارنى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ مەسھۇلات ئىلانلىرىدا پات-پات ئۇچرىتىپ تۇرىمىز .
يىقىندا ئىنگىلاندنىڭ «ۋارتار» تاراتقۇسى ، پوتبۇل چولپانىلىرىنىڭ مۇئاشى ۋە باشقا كىرىملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ، ئومومىي مال-مۈلۈكىنى سىتاستىكىلاپ چىققان بولۇپ ، ئالدىنقى 10 نەپەر پوتبۇلچىنى ئىلان قىلغان .
10-ھىنىرى
47 مىلىيون فونسىتىرلىڭ
ئەڭ ياخشى پوتبولچى ، ئەڭ باي دۆلەت . مۇشۇ ئىككى شەرىتنىڭ پىشىپ يىتىلىشى ئاستىدا ،گەرچە ھىنىرىنىڭ ئامرىكا بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىشى مۇقۇملىشىپ قالغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ ئامرىكىدا تۆت يىرىم يىل توپ تىپىش جەريانىدا ، ئامرىكا بىياۋما شىركىتىنىڭ ، تەنتەربىيە كىيىم، ئاياغلىرىغا ئىلان ۋاكالەتچىسى بولۇش ئارقىلىق ، ناھايىتتى كۆپ كىرىمگە ئىرىشكەن .
9-بۇففۇن
52 مىلىيون فونسىتىرلىڭ
گەرچە بۇ ئىتالىيلىك ۋارتارنىڭ يىللىق مۇئاشى ئانچە كۆپ ھىساپلانمىسمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ قوشۇمچە كىرىم مەنبەلىرىمۇ ئاز ئەمەس ، 20 يىللىق كەسپى ھايتىدا ئۇ نۇرغۇن ئىقتىسادقا ئىرىشكەن .
8-ئىبىرايىموۋىچ
57 مىلىيون فونسىتىرلىڭ
ئىبرايىموۋىچ نىيكى شىېكىتىنىڭ بايرىقى ئاستىدا نۇرغۇن ئىلان ھەققىگە ئىرىشىش بىلەن بىرگە ، پارىژدىكى 15 مىلىيون ياۋرۇلۇق يىللىق ئىش ھەققىگە تايىنىپ ، ئۆزىدە پۇختا بولغان ئىقتىسادى ئاساس ياراتقان .
7-رونالدىنىھو
64 مىلىيون فونسىتىرلىڭ
رونالدىنىھو گەرچە پوتبۇل مەيدانىدىكى ئالتۇندەك ۋاقىتلىرىدىن ئاللىبۇرۇن خوشلاشقان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئىقتىساد جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلالايدۇ ، بارسىلونادا توپ تەپكەن ۋاقىتلىرىدا ، نىيكى شىركىتىگە ۋاكالەتچى بولغان بولۇپ ، ئىلگىرى 2 مىلىيون 500 مىڭ فونىستىرلىڭلىق ئىش ھەققىگە تايىنىپ ، خىلى كۆپ ئىقتىسادى كىرىمگە ئىرىشكەن .
6- نىيمار
66 مىلىيون فونسىتىرلىڭ
نىيمار گەرچە تىخى خىلى ياش بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ ئاللىبۇرۇن بارسىلونا ھەم بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ يادروسىغا ئايلانغان بولۇپ ، ئۇنىڭ نامى چىقىشىغا ئەگشىپ ، ئىقتىسادى كىرىمىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئىشىشقا باشلىدى .
5-كاكا
67مىلىيون 500 مىڭ فونسىتىرلىڭ
كاكانىڭ مادىرىتىكى كۈنلىرى دىگەندەك ياخشى بولمىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ پوتبۇل دۇنياسىدىكى شان-شۆھرىتى تۆۋەنلەپ كەتكىنى يوق . ئۇ مىلاندىكى ئالتۇندەك ئۆتكەن ئون يىل جەريانىدا نۇرغۇن ئىقتىسادى كىرىمگە ئىرىشكەن بولۇپ ، ئۇ ھازىرمۇ ئىقتىسادى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ .
4-رۇنىي
69 مىلىيون فونسىتىرلىڭ
رۇنىي ھەپتىسىگە 300 مىڭ فونىستىرلىڭلىق ئىش ھەققى بىلەن ، ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇئاشلىق چولپان بولۇپ ، ئۇ يەنە نىيكى شىركىتى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ھەمكارلاشقان .
3- ئىيتو
70 مىلىيون فونسىتىرلىڭ
گەرچە ئىيتونىڭ سىماسى كۆز ئالدىمىزدىن بارغانسىرى يىراقلىشىپ كىتىۋاتقان بولسىمۇ ، شۇنى ئىتىراپ قىلىش كىرەككى ، ئۇ روسىيەدە توپ تەپكەن مەزگىلدە 23 مىلىيون ياۋرۇلۇق يىللىق ئىش ھەققى بىلەن بۇ جەھەتتە مىسسى ، رونالدولارنىمۇ بىسىپ چۈشكەن .
2-مىسسىي
120 مىلىيون 500 مىڭ فونىستىرلىڭ
مىسسىنىڭ 16 مىلىيون ياۋرۇلۇق يىللىق ئىش ھەققىگە قوشۇلۇپ ، ئادىداس ۋە ئى ئا ئويۇنچۇق شىركىتى قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق شىركەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ، ئۇنى ناھايىتتى يۇقىرى بولغان ئىقتىسادى ئاساسقا ئىگە قىلغان .
1- كىرىستىيان رونالدۇ
122 مىلىيون فونىستىرلىڭ
رونالدونىڭ 17 مىلىيون ياۋرۇلۇق يىللىق مۇئاشىغا ، ئۆز ماركىسىدىكى ئىچ كىيىملەر تەشۋىقاتى ۋە نىيكى شىركىتىنىڭ ۋاكالەتچىلىكى قوشۇلۇپ ، ئۇنى پوتبۇل ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى كىرىمگە ئىگە قىلغان .
|
|