akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 874|ئىنكاس: 19

رېئال مادرىد تالانتلىق ياش--ماركو ئاسېنسىئو نى قوشۇۋالدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باھادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-6 13:21  

     
2014-12-06_125414.jpg

     ماركو ئاسېنسىئو بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقۇچە ماللوركا كۇلۇبىدا تۇرىدۇ.



     شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، رېئال مادرىد كۇلۇبى ئۆز ئورگان تورىدا يېڭى توپچىنىڭ قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەسلى بايانات تۆۋەندىكىچە:

     "رېئال مادرىد كۇلۇبى ماللوركا كۇلۇبى بىلەن ماركو ئاسېنسىئونىڭ يۆتكىلىش ئىشىدا بىرلىككە كېلىپ بولدى، ئاسېنسىئو كەلگۈسى ئالتە يىلدا رېئال مادرىد ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇ توپچى ماللوركا كۇلۇبىدا بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقۇچە تۇرىدۇ."

     "ماركا گېزىتى" نىڭ ئاشكارلىشىچە، ئاسېنسىئونىڭ يۆتكىلىش ھەققى 3.9مىليون ياۋرۇ بولۇپ، كېلەر يىلى يازدا رەسمىي ھالدا كۇلۇبقا قوشۇلىدىكەن، شۇ ۋاقىتتا ئەنچېلوتتى ئۇنىڭ رېئال مادرىد 1-سەپ كوماندىسىدا قالىدىغانلىقى ياكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى باشقا كۇلۇبلارغا ئىجارىگە بېرىدىغانلىقىنى قارار قىلىدىكەن.



     ماركو ئاسېنسىئو(Marco Asensio)، ئۇ 1996-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىكى 170cm، ئىسپانىيە، گوللاندىيە قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگەن. سول پۇتتا توپ تېپىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇ ماللوركا ياشلار مەشىق بازىسىدىن چىققان، شۇنداقلا ئىسپانىيە 19 ياشلىقلار ياشلار دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى. مەيداندىكى ئورنى ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان، سايە ھۇجۇمچى ۋە كىراي ئورنىنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئىسپانىيە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمسىدە ماللوركا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 14 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 3 توپ ئۇرۇپ 6 ياردەم پاس بەرگەن. دۆلەت ياشلار كوماندىسىدا 2 مەيدان مۇسابىقىدە 3 توپ كىرگۈزگەن.




مەنبە: رېئال مادرىد ئورگان تورى، "ماركا گېزىتى"، ۋىكىپېدىيە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 13:30:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخى ياشلام بالىكەن ، كەلگۈسىدە چاقىنىشىدا ئۈمۈد زور .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 13:31:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىكلا تۇرۇپ خىلى ئىش قىپتۇ جۇمۇ بۇ تاز...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 13:45:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى قېتىم بارسىلونا قۇشىۋېلىشقا خېلى كۈچەپتىكەن ، لىكىن مۇۋاپىقىيەتلىك بولماپتۇ ،   لىكىن ھازىرچە مادرېدتا توپ تىپەلمەيدۇ دىگەندەك گەپلەرنى كۆردۈممۇ قانداق، بۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كىيىنمۇ مالوكادا ئىجارە شەكلىدە توپ تىپەمۇ بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 13:55:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسىلونا قوشۇۋالغىلى ئازلا قالغان بالىتى بۇ ئەسلى !    توختامدىمۇ ئاساسەن بىرلىككە كىلىپ بولغان !  ئۆزىنىڭمۇ بارسىلونادا توپ تەپكۈسى بار ئىكەنتۇق !  بىراق كىيىن مالوركا كۇلۇبى باشتا دىيىشكەن باھادىن يېنىۋېلىپ باھانى ئۆستۈرۋالغانلىق سەۋەبىدىن بارسىلونا بۇ توپچىدىن ۋاز كىچىۋەتكەن !  شۇنىڭ بىلەن مادرىد تىزلىكتە تۇتۇش قىلىپ مالوركا كۇلۇبىنىڭ كۆڭلىدىكى باھادا بۇ توپچىنى قوشىۋالدى !   مادرىدتا چاقناپ كىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 14:00:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەئەينى بىلنىڭ ئۆزىكەنغۇ بۇ بالا ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 14:00:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەر مالوركا كۇلۇبى بۇ پەسىل ب دەرىجىدىن ئا دەرىجىگە ئۆرلەپ قالسا بۇ توپچى كىلەر پەسىلمۇ داۋاملىق مالوركادا قېلىپ بىر پەسىل ئىجارە شەكلىدە توپ تىپىدىغاننىڭ گىپى بار !  ھەمدە مادرىد رەئىسى مادرىد ب كوماندىسىدىكى بەزى توپچىلارنى مالوركاغا ئىجارە بىرىپ تۇرۇشقا ۋادە قىلغان ئوخشايدۇ !  ئەگەر  دەرىجە ئۆرلىيەلمەي قالسا كىلەر پەسىل بېرنابۇدا كۆرىدىغان ئوخشايمىز !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 14:55:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرئەت تازا شاش ئەمەسمۇ؟؟؟
ئامەت تىلەيمەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 15:25:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوينى بەك چوڭ قاۋۇلمۇ يا ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 16:11:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلەچەك ئۈچۇن ئاساس سېلۋىتىپتۇدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 16:49:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىختىيارى توپ ۋە سۈرئەت جەھەتتە ئالاھدىلىكى باردەك قىلىدۇ، يەنە تۈۋرۈك سوقاشتىمۇ باركەن راس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 17:20:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگۈسى  خىلى  پارلاق  چىراي!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:23

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش