akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1328|ئىنكاس: 51

رېئال مادرىدنىڭ 2014 – يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 23:40  

رېئال مادرىدنىڭ 2014 – يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى
جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ساتىرىك نۇسخىسى

ئىسپانىيەگە ئالاھىدە ئەۋەتكەن مۇخبىرىمىزنىڭ 6 - دېكابىر تېلېگرامىىسى.
دوكلات تېمىسى: ئىسپانچە ئالاھىدىلىككە ئىگە پۇتبول تەرەققىياتى يولىدىن ئېغىشماي، «سامانيولى جەڭ كېمىسى» نى قۇرۇش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، دۇنيا كۇلۇبلىرىنىڭ بايراقدارلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشايلى!
  ۋاقتى: 2014 – يىلى 6 – دېكابىر.
  ئورنى: رېئال مادرىد باش ئىشتابىدىكى چوڭ يىغىن زالى.
  قاتناشچىلىرى: رېئال مادرىد پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى (كۇلۇب خوجايىنلىرى)، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى (تىرېنېرلار) ۋە ئىشچىلار (پۇتبولچىلار). قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 76، قاتناشقىنى 68. كۇلۇب نىزامىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن.
   مىلادىيە 2014 – يىلى 6 – دېكابىر، رېئال مادرىدنىڭ 2014 – يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى غەلىبىلىك چاقىرىلدى. رېئال مادرىد كۇلۇبى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس فىلورېنتىنو يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس ئانگېل سانچېز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن رېئال مادرىدنىڭ 10 – ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ غەلىبىسى تەبرىكلىنىۋاتقان، رېئال مادىرد كۇلۇب تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن بولغان 17 مەيدان ئۇدا يېڭىشتەك غەلىبىسىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان، رونالدو 3 – قېتىملىق ئالتۇن توپىنى ئېلىشقا تەرەددۇتلىنىۋاتقان، ئەنچېلوتى ئەڭ مۇنەۋۋەر تىرېنېر ساھىبىلىقىغا كۆرسىتىلىۋاتقان، كۇلۇبنىڭ يۇقىرى – تۆۋىنى، شۇنداقلا ئىسپانىيەنىڭ ئىچى – تېشىدىكى مادىرىد مەستانىلىرى تازا جانلىنىۋاتقان خاسىيەتلىك كۈنلەردە ئېچىلدى، بۇ قېتىملىق يىغىن غەلىبىلىك چاقىرىلغان، ئوڭۇشلۇق بولغان ، دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە، تارىخىي يىغىندۇر.
فىلورېنتىنو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىل جاپالىق بىر يىل، غەلىبىلىك بىر يىل بولدى. كۇلۇب رەھبەرلىك بەنزىمىزنىڭ پۇلنى قورقماي خەجلىشى، بەزى توپچىلارنى ئامال يوق سېتىۋىتىشى ۋە دادىل، دانالىق بىلەن رەھبەرلىك قىلىشى نەتىجىسىدە تۆۋەندىكىدەك ئۇتۇقلار مەيدانغا كەلدى:
1. يوغان قۇلاقنى ئېگىز كۆتۈردۇق. ئۇزۇن قۇلاق لوڭقىغا كۇلۇبىمىز 12 يىلدىن بۇيان تەقەززا بولغان بولۇپ، 12 يىلدىن بۇيانقى كۇيروستىن مۇرىنىئوغىچە 10 تىرېنېر ئىزچىل مۇشۇ لوڭقىنى قولغا ئالالماي كەلگەنىدى. بۇ بىزنىڭ بۇ يىلدىكى ئەڭ چوڭ ئۇتۇقىمىز بولدى. ئەلۋەتتە، بۇنى بۇرۇنقى تىرېنېرلارنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى، كېيىنكى تىرېنېرلارنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك ئېسىل پەزىلىتى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ توپنى ۋىجدانى بىلەن تېپىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
2. شاھلىق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردۇق. شاھلىق لوڭقىسى بىز ئۈچۈن  يەنە بىر مۇھىم غەلىبە ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، بۇ غەلىبە «ئىككى نۇقتا ئارىسىدا بېل ئەڭ قىسقا» دېگەن ئاكسىئومىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، يېقىنقى زامان ماتېماتېكىسى ۋە گېئومېتىرىيەسىنى ئوڭتەي – توڭتەي قىلىۋەتتى. بۇنى بېلنىڭ كۇلۇبنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ۋە كۇلۇبنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئار – نومۇسىنى ئۇنتۇپ قالماي، كۇلۇب تارىخىنى ياخشى ئۆگەنگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
3. دېربىيدا ئاخىرى ئۇنتۇلغۇسىز غەلىبە قازاندۇق. بارلىق يولداشلارغا مەلۇم، ئىسپانىيە دېربىيسى كۇلۇبىمىزنىڭ يېقىنقى 5 – 6 يىلدىن بۇيانقى ئاجىز، شۇنداقلا بىر قەدەر نومۇسلۇق تارىخى بولۇپ قالغانىدى. ئەمما، بۇ بىر يىلدا، بولۇپمۇ كېيىنكى يېرىم يىلدا كۇلۇبتىكىلەر مەسىلىلەرنى ئىزچىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سىياسىي ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسىنى پائال ئۆگىنىپ، مۇداپىيەدە تۇرېۋىلىش ئەسەبىي تاكتىكىسىنى تەنقىدلەپ، ھۇجۇمنى ھۇجۇم بىلەن قايتۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئۆكتەبىردىكى دېربىي غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىمقى غەلىبە ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا ھەم قەتئىي، ھەم كەسكىن ۋە ئۈزۈل – كېسىل بولدى، بارسېلونا مەستانىلىرىمۇ قايىل بولدى. بۇنى يەنىلا كۇلۇبىمىزنىڭ تارىخ ۋە سىياسىي جەھەتتىكى تەكرار ئۆگىنىشلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
4. ھەر خىل تىپلار ۋە ئۈلگىلەر بارىلىققا كەلدى. ئۆتكەن يىلى يولداش رونالدو «ئالتۇنتوپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئىسپان، پورتۇگال خەلقىگە شان – شەرەپ كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۇلۇبىمىزغا زور شادلىق ئېلىپ كەلدى. ئۇ بۇ يىلمۇ قالتىس ئىپادىسى ۋە چېمپىيونلۇقنىڭ تەسىرىدە 3 – قېتىملىق «ئالتۇنتوپ» ىغا يۈرۈش قىلماقتا. رونالدونىڭ روھى قانداق روھ؟ بۇ تىپىك ئېنتىرناتسىئونالىزىمچە روھ. ئۇنىڭغا ئوخشاش پورتۇگالىيەدە تۇغۇلۇپ، ئىنگىلاندتا داڭق قازىنىپ، ئىسپانىيەدە دۇنيانىڭ چوققىسىغا چىقىپ، ئارگېنتىنالىق توپ شاھى بىلەن توختىماي رىقابەتلىشىشنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ ئاللىبۇرۇن دۆلەت چېگرىسىدىن ھالقىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
يەنە بىرى، تىرېنېر يولداش ئەنچېلوتى. ئۇ يېقىنقى بىر يېرىم يىلدىن بۇيان، كۇلۇبىمىزنىڭ مۇھىتىغا تېزلا ماسلىشىپ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك كەسىپنى سۆيۈش روھى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى روھىنى جارى قىلدۇردى. قارىمامسىلەر، بۇ يولداش ئىسپان، پورتۇگال، ئەرەب، تۈرك، ئىنگىلىز قاتارلىق مىللەتتىن بولغان ئىشچىلارغا بىر كۆزدە قاراپ، دۆلەت تىلى ئىسپان تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، كۇلۇبتىن ئىبارەت مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدە مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى كۈيىنى ياڭراتتى. مۇشۇ روھى بىلەن بۇ يىللىق مۇنەۋۋەر تىرېنېرلىق مۇكاپاتىغىمۇ نامزات بولدى.
   فىلورېنتىنو يەنە بەزى كەمچىلىكلەرنىمۇ كۆرسەتتى: ئەلۋەتتە، دۇنيادا مۇكەممەل نەرسە بولمىغاندەك بۇ يىلدا يەنە بەزى كەمچىلىكلەرمۇ كۆرۈلدى.  مەسىلەن: ئالدىنقى پەسىللىك بىرلەشمە لوڭقىدىن بۇرۇن خوشلىشىش، مارىد ئاتلېتكىغا ئارقا – ئارقىدىن يېڭىلىپ قېلىش قاتارلىق ئىشلار كۆڭلىمىزنى غەش قىلدى. بۇنىڭدا رەھبەرلىك بەنزىمىزنىڭ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىمىزنىڭ ۋە ئىشچىلىرىمىزنىڭ ئوخشاشلا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. 2015 – يىلىدا مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىمىزدۇر.
   كۇلۇب ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، بېكلار بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، بۆلۈم باشلىقى، مۇدىر بېك پې پې كۇلۇبتىكى بارلىق ئىشىچى – خىزمەتچىلەرگە ۋەكالىتەن سۆز قىلدى: يولداشلار، ئار – نومۇسىمىزنى بىر مىنۇتمۇ ئەستىن چىقارماي، فىلورېنتىنو يادرولىقىدىكى كۇلۇب پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەنچېلوتىنىڭ قولىغا – قول پۇتىغا پۇت بولۇپ، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىمىزدە بىز ئۈچۈن قان بولۇپ كېتىپ بارغان مەستانىلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماي، مۇشۇ يىلدىكى غەلىبىلەرنى قولدىن چىقارماي، شان – شەرەپلەرنى يېڭىلاپ، «سامانيولى جەڭ كېمىسى» روھى، بېرنابۇ ئىدىيەسى، فىلورېنتىنونىڭ چولپان ئىستىراتېگىيەسى ۋە ئەنچېلوتىنىڭ يېڭىچە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، رونالدو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رېئال مادرىد غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئورتاق كۈرەش قىلايلى!
يىغىن ئاخىرىدا رونالدو، رودرېگىز، مارسېلو «مۇنەۋۋەر خىزمەتچى»، ئەنچېلوتى، پې پې «مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام كادىرى»، زىدانى، راموس ۋە بېنزىما «مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى»، ئىسكو، كىروس «ئىلغار ياش» بولۇپ باھالاندى.

    يىغىنغا ئىسپانىيە مەدەنىيەت – تەنتەربىيە مىنىستىرلىقى، مادىرد شەھەرلىك پارتكومدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتناشتى. مارىد ئاتېلتكا، بارسېلونا قاتارلىق كۇلۇبلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا سىرىتتىن قاتناشتى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6مۇنبەر پۇلى +300 يىغىش سەۋەبى
سەۋدا + 50 قالتىس!
رىپىر + 50 قارا يۇمۇر
تۇمشۇق + 50 قالتىس!
uymadrid + 50 قالتىس!
januzay + 50 قالتىس!
missi0998 + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 20:16:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 17:34:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ، يوقاپ كەتمەي مۇشۇنداق تىمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ. سىزنى سىغىنىپ قالىدىكەنمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 17:35:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرنى كۆپەيتىپ يىللىق ئارخىپلىرىمنىڭ ئىچىگە سىلىپو قويسام ،پۇتبولغا ئامراق بىرە تەكشۈرگۈچى كىلىپ قالسا گەپ قىلمايلا ئەلا دەپ باھالىۋەتسە.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 17:36:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ قىزقارلىق تەرجىمە قىپسزغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-5 17:37:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسي730 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 17:36
ھەجەپ قىزقارلىق تەرجىمە قىپسزغا

تەرجىمە؟؟؟ ئۆزۈم يازدىم....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 17:39:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يو  كارامەت يىغىن بولاپتا جىما مايىغىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 17:48:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 17:37
تەرجىمە؟؟؟ ئۆزۈم يازدىم....

مىلەندىن مادرىرىتقا ئ‍ۆتىۋالمىغانسز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 17:57:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس يازما بوپتۇ ماۋۇ.....   

بۇ راس مادرىتنىڭ يىللىق باھالىشىمۇ ياكى ئۆزىڭىز شۇنداق قىزىقارلىق چىقسۇن دەپ ئالغان مىسالمۇ ؟؟؟

لىكىن ھەقىقەتەن قالتىس چىقىپتۇ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-5 17:57:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1001 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 17:48
مىلەندىن مادرىرىتقا ئ‍ۆتىۋالمىغانسز.

مەڭگۈ ئۆزگەرمەيمەن.
مىلاننىڭ بۇ يىلقى خىزمەت خۇلاسىسى يېرىم بەتتە توختاپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مادرىد بىلەن بارسېلونانىڭكىدىن باشقا خىزمەت خۇلاسىسىنى ئۆزۈملا ئوقۇغۇدەكمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 18:05:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىپىك جۇڭگوچە يىغىن بوپتۇغۇ بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 18:10:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسز،  مىلەننڭمۇ ئەھۋالى خىلى ياخشى بولاۋاتدۇ،ئ‍انچە  -مۇنچە خەت خەۋەر يېزىپ تۇرسىڭىز بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 14:44

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش