ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1007 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا siptamix تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-5 17:30
بىيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى ياۋروپا دۆلەتلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 2018-يىلى رەسمى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.مۇسابىقە ۋاقتى 9-ئايدىن 11-ئايغىچە بولىدىكەن.

ياۋروپا دۆلەتلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ھازىر ئىلىپ بىرىلىۋاتقان ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دوسىتلۇق مۇسابىقىلىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.بۇ دۆلەت كوماندىلىرى مۇسابىقىسىنىڭ ئابرويىنى ۋە جەلىپ قىلىش كۈچىنى تىخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا قارىغاندا ،ياۋروپادىكى 56 دۆلەت كوماندىسى 4 چوڭ مۇسابىقە رايونىغا بۆلۈنىدىكەن، ھەربىر مۇسابىقە رايۇنى يەنە 4 كىچىك
گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ،ھەر بىر كوماندا 6 مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئوينايدىكەن.ھەر بىر مۇسابىقە رايونىنىڭ غەلبە قىلغۇچىسى 2019-يىلى 6-ئايدا يىرىم ھەل قىلغۇچ،ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينايدىكەن.ھەر بىر كىچىك گۇرۇپپىلارنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالىغا ئاساسەن يەنە دەرىجە ئۆرلەش چۈشۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن.
ھەرقايسى دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى رەت تەرتىپى 2020-يىلى ئىلىپ بىرىلىدىغان ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.بۇ قىتىملىق تاللاش مۇسابىقىسى 2019-يىلى 3-ئايدىن 9-ئايغىچە ئىلىپ بىرىلىدىكەن.ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى ياۋروپا دۆلەتلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدا ئىپادىسى ياخشى بولغان ئەمما ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىغا كىرەلمىگەن كوماندىلارغا تۆت سان ئىلىپ قويغان بولۇپ،بۇ تۆت ساننى 16 كوماندا يەنى ھەر بىر مۇسابىقە رايۇنىدىن 4كوماندا ئۆز ئارا تالىشىدىكەن.مۇنداق بولغاندا ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالمايدىغان رەت تەرتىپى تۆۋەن كوماندىلار يەنە باشقا يول بىلەن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئويناش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.
ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى بايانات ئىلان قىلىپ مۇنداق دىدى:‹‹بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت دۆلەتلەر ئارا تەنتەربىيە رىقابىتىنى تىخىمۇ ئادىل قىلىش ئۈچۈندۇر،چۈنكى ،ھەر قايسى دۆلەت پۇتبول كوماندىلىرى، تىرىنىرلار،توپچىلار ۋە مەستانىلەردە دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ تولۇق رىقابەت ھالىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايۋاتىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر سەۋەپ دۆلەت كوماندىلىرى ئارىسىدىكى مۇسابىقىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ،مۇسابىقەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۇلۇپ ۋە دۆلەتلەر ئارا مۇسابىقىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر.ياۋروپا دۆلەتلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ھەر تاق يىلدا بىر چىمپىيۇن مەيدانغا چىقىدۇ،بۇ دۆلەتلەر ئارا مۇسابىقىنىڭ رىقابىتىنى تىخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدۇ.››دىدى. |
|