ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 719 |
تۆھپىسى: سەر |
|
كىلوز بۇ يىل دۇنيا لوڭقىسىدا رونالدونىڭ رىكورتىنى بۇزۇپ ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بولۇپ قالدى ھەمدە دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشتى. لىكىن بۇ پەسىل باشلانغاندىن كىيىن
كىلوز لازىئو كوماندىسىدا زاپاس ئەزا بولۇپ قالدى. ئالدىنقى پەسىل كىلوز يارا سەۋەبىدىن زاپاس ئەزا بولۇپ قالغان، لىكىن بۇ پەسىل زاپاس ئەزا بولۇپ قالغىنىنى كوماندىدىكى
سەپداشلىرى ئۇنى قىرىپ كەتتى دەپ قارىغاچقا زاپاس بولۇپ قالغان. زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا كىلوز ‹ مىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىم ياخشى، مەن تىخىمۇ كۆپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىم كىرەك، مۇشۇ ئىش توغرىسىدا مەن كۇلۇب بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى › دىگەن.
بۇ پەسىل باشلانغاندىن بىرى كىلوز بىرلەشمىدە 11 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، ئومۇمى مۇسابىقە ئوينىغان ۋاقتى 395 مىنۇت. كۆپۈنچە ۋاقىتتا زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا
چىققان، لىكىن كىلوز مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىتتا 3 توپ ئۇرۇپ 2 پاس چىقارغان، ئىپادىسىمۇ ياخشى بولغان. ئىتالىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 20 مىنۇت توپ ئويناپ 1 توپ ئۇرۇپ
1 پاس چىقىرىپ ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغان. لازىئو كۇلۇبى ئاللىقاچان بۇ گىرمانىيەلىك توپچى بىلەن توختام ئۇزارتمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، كۆپۈنچە مەستانىلەر 36 ياشلىق كىلوز توختام ۋاقتى توشقاندىن كىيىن پۇتبۇلچىلىقتىن چىكىنىدۇ دەپ قارىماقتا.
لىكىن كىلوز بۇنداق قارىمايدۇ. كىلوز ‹ مىنىڭ لازىئو بىلەن توختامىم توشقاندىن كىيىن گىرمانىيە بىرلەشمىسىگە قايتىمەن، قايتىشتىن ئىلگىرى كۆپۈرەك مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىم كىرەك › دىگەن.
|
|