akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2188|ئىنكاس: 223

11-ئايلىق باھالاش نەتىجىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ...




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

كەمىنە باشئەگىمدىن مۇنبەرداشلارغا سالام !

شىنجاڭ پۇتبول مۇنبىرى باھالاش كومىتىتى ئەزالىرىنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق  بۇ قېتىم ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان بىر قىسىم ئەزالار تاللاپ چىقىلدى ، بۇ بىر قانچە قېتىملىق ئايلىق باھالاشلاردا بىر قىسىم كومېتىت ئەزالىرى ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىپ جاۋاب قايتۇرغان بولسىمۇ ئەمما يەنە بىر قىسىملار ئىنكاسمۇ قايتۇرمىغان ،  شۇڭا ئىزچىل جاۋاب قايتۇرمىغان ئەزالار كومېتىت ئەزالىق سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇلۇپ ئورنىغا يېڭى ئەزالارنى قۇبۇل قىلماقچىمىز ، شۇ سەۋەبتىن مۇنبەرگە ۋاقىت ئاجرىتالايدىغان ، ئۆزى بۇ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى ياكى ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئادەملەرنى تەۋسىيە قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز ، نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنى باشقۇرغۇچىلار مەسلىھەتلىشىپ قارار قىلىدۇ ، يېڭى نامزاتلارنى كۆرسىتىش مۇددىتى يېڭى يىلغىچە بولۇپ ، يېڭى يىلدا ئاللاھ خالىسا يېڭى تىزىملىك ئېلان قىلىنىدۇ  .

بۇ قېتىم تاللاپ چىقىلغان ئەزالار تۆۋەندىكىچە :

1.مۇنەۋۋەر ئەزا
بەش نەپەر ، ئالدىنقى ئايدا سۈپەتلىك ،ئىملا خاتالىقى بولمىغان تېمىلارنى يوللاشتا ئاكتىپ بولغان ، ئىلمىي ،چۈشىنىشلىك ،قىزىقارلىق ئىنكاسلىرى بىلەن باشقىلارنى قايىل قىلغان ، ئۇرۇش-جىدەل چىقارمىغان بەش نەپەر ئەزا تاللاپ چىقىلىدۇ.
مۇكاپاتى:  يازما يوللاش ئۇستىسى مىدالى بىر تال،  بىر ئايلىق ، 5000 ياۋرۇ .

FC-Messi ، بۈرگىچاق ، تۈمەن ، جاغىستاي120 ،  januzay

2.ئىتتىپاقلىق ئەلچىسى
بىر نەپەر ، ئالدىنقى بىر ئايدا مۇنبەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بەلگىلىك كۈچ قوشقان ،ئۇرۇش-جىدەل چىقارمىغان ، جىدەل چىقارغانلارنى كېلىشتۈرۈپ قويۇشتا كۈچ قوشقان بىر نەپەر ئەزا تاللاپ چىقىلىدۇ.
مۇكاپاتى:  ئالاھىدە ئىلگىرىلەش مىدالى بىر تال ، بىر ئايلىق ،5000 ياۋرۇ .

پارتىزان .

3.ساۋاتلىق ئەزا
ئىككى نەپەر ، ئالدىنقى بىر ئايدا مەيلى تىما يازغاندا بولسۇن ياكى ئىنكاس يازغاندا بولسۇن ،ئىملاسى ئەڭ توغرا بولغان 2 نەپەر ئەزا تاللاپ چىقىلىدۇ.
مۇكاپاتى:  تەشۋىقات ئەلچىسى مىدالى بىر تال ، بىر ئايلىق ، 4000 ياۋرۇ .

خۇشخۇي ، missi2

4.ئىجاتچان ئەزا
بىر نەپەر ،ئالدىنقى بىر ئايدا ئىجادىي، قايىل قىلارلىق، مەزمۇنلۇق، سۈپەتلىك تېمىلارنى كۆپ يوللىغان بىر نەپەر ئەزا تاللاپ چىقىلىدۇ .
مۇكاپاتى:  ئىجاتچان ئەزا مىدالى بىر تال ، بىر ئايلىق ، 5000 ياۋرۇ .

رەئېس

5.نادىر ئىنكاس
بىر نەپەر ، ئالدىنقى بىر ئايدا يېزىلغان ئەڭ تېتىملىق ،ئەڭ قىزىقارلىق ، ئەڭ ئىلمىي بولغان بىر دانە ئىنكاس تاللاپ چىقىلىدۇ.
مۇكاپاتى:  مۇنبەر قىزىقچىسى مىدالى بىر تال ، بىر ئايلىق ، 5000 ياۋرۇ .

@baggio@

6.نادىر تېما
بىر نەپەر ، ئالدىنقى ئايدا يېزىلغان نادىر تېمىلار ئىچىدىن ئەڭ ياخشى يېزىلغان بىر تېما تاللاپ چىقىلىدۇ.
مۇكاپاتى:  نادىرچى مىدالى بىر تال ، بىر ئايلىق ، 5000 ياۋرۇ .

« ئاتلېتكا مادرىدنى چۈشىنەمسىز  » ، تۈمەن .

7.مۇنەۋۋەر لۈكچەك ، ئالىي ئەزا
ئىككى نەپەر(لۈكچەك بىر نەپەر ،ئالىي ئەزا بىر نەپەر ) ،ئالدىنقى بىر ئايدا ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ،تېما يوللاش ،ئىنكاس يېزىشتا ئاكتىپ بولغان ، مۇنبەر ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئىككى نەپەر ئەزا تاللاپ چىقىلىدۇ.
مۇكاپاتى:  تەشۋىقات ئەلچىسى مىدالى بىر تال ،بىر ئايلىق ، 4000 ياۋرۇ .

پارتىزان ، مەھمۇدىيە

8.ئىلغار باشقۇرغۇچى
ئىككى نەپەر ، ئالدىنقى بىر ئاي ئىچىدە مۇنبەرگە دائىم كىرىپ تۇرغان ،مۇنبەر باشقۇرۇشتا ئىپادىسى ياخشى ، ئادىل بولغان ئىككى نەپەر باشقۇرغۇچى تاللاپ چىقىلىدۇ .
مۇكاپاتى:  ئىلغار باشقۇرغۇچى مىدالى بىر تال ، بىر ئايلىق ،5000 ياۋرۇ .

بۇغدا ، باشئەگىم

يۇقارقى مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز .



شىنجاڭ پۇتبول مۇنبىرى ‹ باھالاش كومىتىتى › ئەزالىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە

باش رەئىسى : نىجات ، مەھمۇدىيە
باش نازارەتچى : باشئەگىم ، ئۇچقۇنى ، ئەلبارىس .
دائىمىي رەئىسلىرى : بارلىق باشقۇرغۇچىلار .

ئەزالىرى: داۋىس ، زېرەك ، پەرۋەر ،باقاۋۇل ، مىسسى2 ، ئوۋچى ، قازانچى ، ئامېرىكا ، بايرېن ، ئابلەتجان ، ۋىروس (مىلان ) ، ئۇستاز ، زەربىدار ، تۇرغۇنجان ، رېپىر .

كاندىدات ئەزالىرى: تانكىچاق  ،مۇزات ، توپ تەپكۈچى ، ئاشكار ، مەشرەپ ،بەختىيار.




يۇقارقى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەزالار مۇشۇ تېمىغا ئېرىشكەن مۇكاپات پۇلى ۋە مىدالىنى ئەسكەرتىپ ئىنكاس يازسا تېز سۈرئەتتە نەقلەشتۈرۈلىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 12:41:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 22:23:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن قىرىندىشىم تۇمشۇققا رەھمەت !  

ئازراق ئىزاھات بىرىپ قوياي : ئەمىلىيەتتە مەنمۇ ئىككى قىتىم نادىر ئىنكاس  نامزاتلىقىنى ئالدىمغۇ دەيمەن .    لىكىن     ئۇ باھالاش تىمىلىرىغا    ئىنكاس قايتۇرۇپ يۈرمىگەن  .   چۈنكى     مەن  بۇنىڭ ئانچە بەكمۇ زۆرۈريىتى  يوق   دەپ قارىدىم  .    (  مىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن   قىرىنداشلىرىمنىڭ  شۇنچىلىك قىلغانلىرىمۇ يىتەرلىك ،  ھەر قانداق مۇكاپاتتىن ئۈستۈن  ھىساپلايمەن    )    بۇ   ئەڭ چوڭ  سەۋەپ ،   يەنە بىرسى  نادىر  ئىنكاس دىگەن باھالاشتا   مۇنبەر قىززىقچىسى  دىگەن     ئىنىقلىما باركەن ،  كۆڭلۈمدىكىنى ئىيتقاندا     بۇنى   ئۆزەمگە    تازا   ‹‹ خوپ ›› كۆرمىدىم .   

مىنىڭچە نادىر ئىنكاس دىگەن   مۇكاپات تۈرىدىكى ئىنىقلىمىغا  ‹‹ ئەڭ  ئىلمى  ئەڭ تىتىملىق ›› دىگەن    ئىككى سۆزلا يىتىدۇ   .    مۇنبەر قىززىقچىسى مىدالى ئايرىم  تەسىس قىلىنسا     بولىدۇ .    مۇنبىرىمىزنىڭ ھازىرقى     كەيپىياتى    دىڭىز دولقۇنىغا ئوخشايدۇ ،  بەزىدە   كۆتۈرىلىدۇ ،  بەزىدە پەسىيىپ .   مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا قىززىقچىلىق قىلىپ بولسىمۇ  ‹‹كەيپىياتنى  كۆتۈرۈشكە ›› تىرىشىدىغان    ئەزالار خېلى  جىقىيىپ قالدى .    شۇنداقلارغا ئايرىم   مۇنبەر قىززىقچىسى مىدالى تەسىس قىلىنسا تېخمۇ مۇۋاپىقىراقمىكىن دەپ ئويلايمەن .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 15:15:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !  

مەنمۇ ئازراق تەكلىپ بىرىپ قۇيۇشنى توغرا تاپتىم ، ئويلۇشۇپ باقارسىلەر ؛

مۇشۇنداق باھالاشقا قاتنىشىدىغان كومتىت ئەزالىرىنى قايتىدىن بىر سايلاپ چىقمىساق بولماپتۇ ، ھەر قېتىم ئايلىق باھالاش تىمىلىرىغا دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن ، ھەر قېتىم باھالاش بولغاندا كومتىت ئەزالىرىدىن باھالاشقا قاتنىشىدىغانلار تاسلا قالىدۇ 10 دىن ئاشمېغىلى ، بەزىلىرى ئۇنداق تىمىغا كىرىپمۇ سالمايدۇ ، بەزىلىرى ئىشىم چىقىپ قالدى دەپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىدۇ ، باشقىلار باھالاپ ئىنكاس يازاي دىسە تىما ئاستىغا چوڭ قىلىپ ئۈزىڭىزنى سۇراڭ دەپ ئەسكەرتىش بىرىگلىك ، ئاران 10 ئادەم باھالاش ئېلىپ بېرىپ سايلانغان نەتىجە مىنىڭچە تازا ئادىل بولماي قالارمىكىن دەيمەن

بولسا ھەر قېتىملىق باھالاشقا تۇلۇق قاتنىشالايدىغانلاردىن كومتىت ئەزالىرىنى قايتىدىن تاللاپ چىقايلى ياكى بولمىسا بۇرۇنقىدىن مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى سايلاش ۋە سايلىنىش ھۇقۇقىدىن بەھىرمان بولسۇن

مىنىڭ ئەڭ دىققەت قىلغىنىم باشقا باھالاش تۈرى ئەمەس بەلكى نادىر ئىنكاس ، ئىتپاقلىق ئەلچىسى دىگەندەكلەر بولدى ، مۇنبەردە كۆپ ئىنكاس يازمايدىغان لىكىن يازسا نادىر ئىنكاس يازىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بار ، مەسلەن ، تەقدىرىم (پىنيىنچە يېزىغلىق ) ، سەۋدا ، فاتىخ ، ئەبرار قاتارلىق ، لىكىن بۇلارنىڭ نادىر ئىنكاس ، تېتىملىق ئىنكاس دىگەنلەرگە باھالانغانلىقىنى ئاساسەن كۆرمىدىم ، باھالانغالار ئاساسەن سۈپەت بولمىسىمۇ ئىنكاسنى جىق يازىدىغان ، چاقچاقنى جىق قىلىپ مۇنبەرنى چ چ غا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇشقا تاسلا قالغان ئەزالار ( سايلانغانلار ئارىسىدا خاتا كەتكەن بولسا كۆڭلىڭلىگە ئالماڭلار ) . ئىتپاقلىق ئەلچىسى دىگەن تۈرگە باھالىنىشقا تىگىشلىكلەر ئەزالار بار ، مەسلەن ، كەۋسەر ، تاڭنۇر قاتارلىق بىر نەچچە مەستانە بار ، ئىنكاسلىرىغا ھېچقانداق كۇماندا ياكى ئەزاغا قارىتىلغان سەلبى سۆزلەر يوق ، باشقىلارغا قارتىلغان سۆزلەر بولسا چۇقۇم باشقىلارنى ياخشىلىققە دەۋەت قىلغان سۆزلىرى بار ، لىكىن شۇ دوستلارنىڭمۇ بۇنداق باھالاشتا سايلانغانلىقىنى كۆرمىدىم ، باھالاشقا قاتنىشىدىغان ئەزالار باھالاش ئېلىپ بارغاندا كىم يادىغا يەتسە شۇنى يېزىپ قۇيىۋاتامدۇ ياكى مۇنبەردىكىلەرگە دىققەت قىلىۋاتامدۇ بۇنى ئېنىق بىلمىدىم ،

ئىشقىلىپ باھالاشقا قاتناشقان دوستلارنىڭمۇ داۋاملىق ھەممە مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ئىنكاسلىرىغا دىققەت قىلىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، باھالاشقا قاتناشقان كومتىت ئەزالىرى ئىشەنمىسەڭلار مەن يۇقۇردا تىلغا ئالغان ئەزالارنىڭ ئىنكاسلىرىغا دىققەت قىلىپ بېقىڭلار ، دىققەت قىلىپ باققاندىن كىيىن چۇقۇم ئەسلى مۇشۇنداقلارنى مۇكاپاتلاش كىرەككەن دىگەن ئويغا كىلىپ قالىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن .

باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ باھالاش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغانلار توغرۇسىدا بىر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى سۇرايمەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
پارتىزان + 50 ئاران بىر ئىتتىپاقلىق.
missi + 100 شۇنداق قىلىش كىرەك شو .

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-9 15:29:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋە ئاۋۇ تۈرمىدىن بېرى كىلەلمەيدىغان ئۇرۇش جىدەلنىڭ پىلتىسى بولغان كومىتىت ئەزاسى قائىدە بويىنچە
يەنە ئون نەچچە كۈندىن كېيىن تۈرمىدىن چىقاتتى،لىكىن مەلۇم بىر باشقۇرغۇچى ئۆز ئالدىغا ئۇنى قويۇۋېتىپتۇ،
بولسا مۇشۇنداق مومىخانىدىن بېرى كىلەلمەيدىغانلارنى كومىتىت ئەزالىقىدىن تازلاپ يوقىتىش كېرەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 17:41:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 12:41
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاللاھنىڭ سالىمى سىزگە بولسۇن !
بۇ ...

خۇشخۇينىڭ جىدەل ئوينىشىغۇ ئىككىنجى مەسىلە، ئىنكاسىغا قارىساقلا ساۋاتسىزلىقى چىقىپ تۇرسا، ئۇنىڭ ساۋاتلىق ئەزا ئارىسىدىن ئورۇن ئالغىنى بىر قارا يۇمۇر بولمامدۇ؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 15:05:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   laqin1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 15:06  
بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 14:59
c رونالدو توغۇرلۇق يازسام بارسا مەستانىلىرى قاخشاپ كە ...


رونالدۇ دىن باشقىنى ماختىيالمامسىلە مادرىت مەستانىلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا  قارىم سۈپەت كەرىم بىنزىما قاراجىممۇ باغۇ شۇنى داڭلىساق تىخىمۇ ياخشى بولاتتى ھەم ساۋاپ بولاتتى  ئەمەسما.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-5 13:03:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 10:41
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاللاھنىڭ سالىمى سىزگە بولسۇن !
بۇ ...

بىر قىسىم ئەزالارنىڭ كىرىپ قېلىشى ياكى كىرەلمەسلىكى يالغۇز بىر-ئىككى ئادەمنىڭ پىكرى بويىچە بولمايدۇ قېرىندىشىم ، شۇڭا بۇ يەردە « كومېتىت » نامىدا ئەزالار توپى بار ، شۇلارنىڭ تاللىغان ئادەم ، يازغان پىكىرلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا بۇ ئەزالار تاللىنىدۇ ، ھەممىنى ئۆز خاھىشىمىز بويىچە تاللايدىغان ئىش بولسا ئۇ خىل بېلەت تاشلاشنىڭ ئەھمىيىتى يوق ، شۇڭا بۇ خىل گەپلەرنىڭ ئورنىغا شۇ مۇكاپاتلانغانلارنى تەبرىكلەپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىڭىز كۆڭۈل غەشلىكىنىڭ ئورنى قالمايتى ، بۇ قېتىم مۇكاپاتلانغاندىن كېيىن خۇشخۇيمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئىنكاس يازىدىغان بولۇپ قالار ، كونىلاردا بىر گەپ بارغۇ « ئۆستۈرۈپ يوقىتىش » دەپ .

ئاخىرىدا سىزگە پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر ھەدىسىنى سوۋغا قىلاي : « ھەق ئۆزىدە تۇرۇپمۇ جىدەللەشمىگەن ئادەمگە ئاللاھ رەھمەت قىلىپ جەننەتتىن ئۆي ھازىرلايدۇ . »

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +95 يىغىش سەۋەبى
ماھىرچاق + 50 قالتىس!
FC-Messi + 20 قوللاش!
alhan + 25 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 11:40:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەمىمىي شەخسىي تەكلىپ :باھالاش كومېتىتىدىكى بىر قىسىم ئەزالارنى ئايلاپ - يىللاپ كۆرگىلى بولمايدۇ ، ئۇلار مۇنبەرگە چىقمىسا قانداقمۇ باھالاشقا ئاۋاز قوشالايدۇ . شۇلارنىڭ ئورنىغا ئاكتىپ مۇنبەرگە چىقىۋاتقان ، ئىتتىپاقلىقى ياخشى بولغان ئەزالارنى سەپلىسەك .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +30 يىغىش سەۋەبى
تۈمەن + 10 قوللاش!
shemsherwaz + 20 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 11:45:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خۇشخۇي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 11:48  

باينىڭ بەگىنى ، خۇدايىمنىڭ بەرگىنى دەپتىكەن ھەشقاللا ھى ھى
4000 ياۋرۇ ، تەشۋىقات ئەلچىسى مىدالى

مۇشۇ مەستەنىلەر ئۇيۇشمىسغا ئۈزەمنى ئەزالىققا قەتتى كۆرسىتىمەن ، ئاغزىم ئىشتىك بولغىنى بىلەن قەلبىم ئاادىللىققا قاتتىق تەلپۇندىغان ئىنسان مەن

«داۋىس»نىڭ پىكىرىنى چەكسىز قوللايمەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +1 يىغىش سەۋەبى
ئۇچقۇنى + 1 پۇل ئۇرۇلدى

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-6 01:07:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگىسىنى تاپالمىغان پۇللارنى ماڭىلا ئۇرىۋېتىڭلا بولدى،مەن ساقلاپ بىرەي .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 11:29:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنى تەبرىكلەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 11:39:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنى تەبىركلەيمەن. يەنىمۇ تىرىشىڭلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 11:49:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 11:45
باينىڭ بەگىنى ، خۇدايىمنىڭ بەرگىنى دەپتىكەن ھەشقاللا  ...

سېلىنى يەنى شاتكارنى مەن ئەڭ ئاۋۋال نامزاتلىققا كۆرسىتىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 11:51:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 11:51:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجاتچان ئەزا مىدالى بىر تال ، بىر ئايلىق ، 5000 ياۋرۇ ،
رەخمەت ئەمسە تاتىنمىدىم ھە ، باينىڭ بەگىنى خۇدايىمنىڭ بەگىنى دەپتىكەن چوڭاملا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 11:52:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نامزاتلىققا ئۆزۈمنى كۆرسىتىمەن كىچە-كۈندۈز مۇنبەردىن قالمايدىغانلىقىم ھەممىگە ئايان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 11:54:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىرەك بۇرادەرگە بۇ قىتىم ھىچ نەرسە تەگمەپتا؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 11:56:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىدالى بىر تال، نادىرچى مىدالى بىر تال، 10 مىڭ ياۋرۇ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +1 يىغىش سەۋەبى
ئۇچقۇنى + 1 ياۋرۇ ئۇرۇلدى

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-5 11:57:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆركىشى يوللىغان ۋاقتى  2014-12-5 11:51
ئاخىرغا  ئاندىن  مىس مىسنى    تىللىمايمەن  دەپ يېزىپ قو ...

مەن مۇشۇ چاغقىچە ئاتا-ئانامنىمۇ بىرە شاپلاق سەپ باقمىغان ئادەم تۇرسام مىسمىسنى نىمىشقا تىللايمەن ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 04:14

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش