ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 707 |
تۆھپىسى: سەر |
|
12-ئاينىڭ 3-كۈنى مادرىد ئورگان تورىدا گىرمانىيەلىك توپچى قىدرانىڭ كوماندا دوختۇرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قىدرانىڭ مىڭىسىنىڭ سىلكىنىپ كەتكەنلىكىنى، قانچە مەيدان مۇسابىقىدىن توختايدىغانلىقى ئىنىق ئەمەسلىكىنى ئىلان قىلغان.
تۈنۈگۈن ئوينالغان شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە قىدرا قارشى تەرەپ ئەزاسى گارسىيا بىلەن قاتتىق سوقۇلۇپ كەتكەن. يەنى مۇسابىقىنىڭ 50-مىنۇتىدا قىدرا توپ تالىشىش
جەريانىدا قارشى تەرەپ ئەزاسى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن، ئاستا كۆرۈنۈشكە قارىغاندا قىدرا توپ تالىشىپ سەكرىگەندە قارشى تەرەپ ئەزاسى قولى بىلەن قىدرانىڭ يۈزىگە قاتتىق
ئۇرىۋەتكەن، ئۇرۇش كۈچىمۇ خىلى كۈچلۈك بولغان. قىدرا شۇ يىقىلغانچە ئورنىدىن تۇرالمىغان، كوماندا دوختۇرى تىزلىك بىلەن قىدرانى ئىلىپ مەيداندىن ئايرىلغان. ئەچىلوتتىمۇ
قىدرانى ئالماشتۇرىۋەتكەن، قىدرا دوختۇرخانىغا تەكشۈرۈشكە ئىلىپ كىتىلگەن.
مادرىد ئورگان تورىدا ‹ كوماندا دوختۇرى سەمى-قىدرانى ئىنچىكە تەكشۈردى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قىدرانىڭ مىڭىسى سىلكىنىپ كەتكەنلىكى ئايان بولدى › دىگەن.
لىكىن كۇلۇب تەرەپ ئۇنىڭ قاچان مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى ئاشكارلىمىغان، پەقەت ھەپتە ئاخىرىدىكى سىلتا كوماندىسى بىلەن ئوينۇلىدىغان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
|
|