ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4384 |
تۆھپىسى: سەر |
|
شىنلاڭ تەنتەربىيسى خەۋىرى: ئارگنتىنا پۇتبول چولپىنى ئاگۇيرۇ تاراتقۇلارغا - ئۈزىنىڭ ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقىنى چىقرىپ ،مېسسىنى قايىل قىلىپ مانجىستىېر شەھرى كوماندىسىغا قۇشۇلۇشقا دەۋەت قىلىپ ئىككىسىنىڭ بىرلىكتە ئىنگىلاندتا توپ تېپىش مەخسىدىنى ئاشكارلىدى.
ئاگۇيرۇ ئالدىنقى كۈنى توپ مەستانىلىرنىڭ تاللاپ باھالىشى ئارقىلىق يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر توپچى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.زىيارەت داۋامىدا ئاگۇيرو يېقىن كەلگۈسىدە مېسسى بىلەن ياخشى پىكىرلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدە مۈرىنى -مۆرىگە تىرەپ جەڭگە ئاتلانغۇسى بارلىقىنى لېكىن بۇنىڭ ئىنتايىن تەس ئىش ئىكەنلىگى چوقوم لېئونىل نى قايىل قىلىشقا تىرشىدىغانلىقىنى ئوتتوررىغا قويدى.
ئىنگىلاند بىرلەشمىسى ئەڭ ياراملىق توپچىغا مۇھتاج ،بىز ھەممىمىز ئەڭ ياراملىق توپچىلارنىڭ ئىنگىلاند بىرلەشمىدە توپ تىپىشنى ئارزۇ قىلىمىز. مەن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ مېسسىنى قايىل قىلمەن ،جەزمەن ،چۇقۇم .(بەك ئىشەنجىسى بارئىكەن)
ئاگۇيرۇ بىلەن مېسسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەزەلدىنلا بەك يېقىن، بۇرۇن مېسسى ئاگۇيرۇنى بارىسلوناغا قېتىلىشقا دەۋەت قىلغان ، ئەمدى ئاگۇيرۇ مېسسىنى دەۋەت قىلىشقا ئاتلىنىپتۇ.ئىنگىلاند تاراتقۇلىرى مېسسىنىڭ چۇقۇم بارىسلونادىن ئايرىلىدىغانلىقىغا ئىشنىدىكەن ،مېسسى ئىنگىلاند بىرلەشمىسىگە كەلسە مانجىستىر شەھرىگە ياكى چېلسى كۇلۇبىدىن ئىبارەت ئىككى كۇلۇپنىڭ بىرىگە كىلىش ئىھتىمالى بارئىكەن.شۇڭا مانجىستىر شەھرى ئاگۇيرۇنى ئىشقا سېلىپ يېقىن ئاغىنىسى مېسسىنى ئالدىن ئالا قايىل قىلىپ مانجىستىر شەھرىگە كىلىشكە تەييارلىق كۈرۈشكە ئالدىرتىشقا كىرشىپتۇ. |
|