ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3893 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئالتۇن توپ مۇكاپاتى بولسا ، ھەممە مەستانلەرنىڭ كۆز تېكىپ تۇرغان بىر شانلىق مۇكاپات ، شۇڭا بۇ مۇكاپات تارقىتلىپ بولغۇچە نۇرغۇن تېمىلار مەيدانغا چىقىدۇ ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ بۇ تېمىلارغا قارىتا بەك سەسكىنىش ئىپادىىسدە بولماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن .
قايسى كۈندىكى دىلمورات يوللىغان ئالتۇن توپ ساھىبىنىڭ نامزاتىنى مۇشۇ مۇنبەردە ئاۋاز بەردۇق ، نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، ئۆزىمىز ياقتۇرغان ماھىرغا بىلەت تاشلىۋالدۇق .
بەلكىم بۇ نەتىجە ناۋا پىراگىرامىسىدەك ، تۇنۇشلىرى كۆپ بولغانلار ئۇتىدىغان ھالەتكە كىلىپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوقتە ، ھەممە ئادەمنى مەجبۇرى بىر قاراشقا ئەكىلىپ تۇختىتىپ قويغىلى بولمايدۇ . ھەر كاللىدا ھەر خىيال دېگەن شۇ . ھەممە ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەننى تاللايدۇ ، ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە ئاي كۆرىنەر كۆزىگە .
شۇڭا رونالدونىڭ بۇ يىللىق ئىپادىسى ياخشى بولدى ، مىسسى قالپاق كەيدى ، نويىر ئۇتتۇرا مەيدان ئوينىدى دەپلا مۇكاپات بەرگىلى بولمايدۇ ، گەپ بىلەت تاشلىغۇچىلاردا ئادىللىق دېگەن بىر نەرسە تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، ئادەمنىڭ نەپسى يەنىلا ئۆزى ياخشى كۆرگەن تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ .
|
|