akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1112|ئىنكاس: 65

رىئال مادىرىت ھەققىدە قوشاق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
   
ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى كەمىنە پەقىر مىرئادىلجان مۇتەللىپ تىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام،ئالىي ئىھتىرام.
كەمىنە پەقىر ئۆز بىلىمىمنىڭ چولتىلىقىغا قارىماي كەم كوتا بولسىمۇ، تۆۋەندىكى قوشاقنى يىزىپ سىلەرنىڭ نەزىرىڭلارغا سۇنۇشقا قاراملارچە جۈرئەت قىلدىم، خاتالىق، كەمچىللىك، نوقسانلار بولسا تەنقىدى تەھلىل، تەنقىدى پىكىر،ئوبزور يىزىش ئارقىلىق خاتالىقىمنى تۈزتىۋىلىشقا يارىدەم قىلساڭلاركەمىنەڭلار سىلەردىن رازى بولغان بولاتتىم.
   بۇ قوشاق جەمئى 11 كۇپلىت بولۇپ، پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 11ئادەمگە سىمۋول قىلىنغان، تەسۋىرلىنىۋاتقان پىرسۇنازلار  تىرنىردىن كوماندىدىكى ئەزالارغا ، ۋارىتاردىن ھۇجۇمچى غىچە رەت تەرتىۋى بويىچە يىزىلدى.
   ئۇشبۇ ئەسىرىمنى خىلى كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق ئۆز ئۆيۈمدە مەشنىڭ ئالدىدا، ئىسسىق ئولتۇرۇپ،ئەزىزانە قەشقەردە تۇنجى قار ياغقان كۈنى تامام قىلدىم.
   بۇ قوشاقنى ئەزىزانە قەشقەردە قاتتىق سوقۇققا، ھىرىپ چارچاشقا باش ئەگمەي توپ تىپىۋاتقان قەشقەر خانجاي پۇتبول كوماندىسىدىكى ھەممە ئەزالارغا بىغىشلايمەن.
خانجاي پۇتبول كوماندىسىنىڭ كۈندىن كۈنگە گۈللەپ ياشناپ قەشقەر شەھرىمىز، قەشقەر ۋىلايىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونى،ھەتتا مەملىكىتىمىزگە تونۇلۇپ زەردار كوماندىغا ئايلىنىشىنى تىلەيمەن.

رىئال مادىرىت ھەققىدە قوشاق

رىئال مادىرىتتا ئىشلەيدۇ،
فىرانسىيەلىك زىدانى.
خىزمىتى بولسا كولۇپتا،
ئەن تىۋىپنىڭ مۇئاۋىنى.

1-        نۇمۇر كاشىلياس،
مەزمۇت تۇرار قاپقىدا.
ئۇچۇپ كەلگەن پۇتبولنى،
ئىتىلىپ تۇتار شاققىدا.

مۇداپىيەدە چىڭ تۇرار،
بۈدرە چاچلىق پى پى.
بېشىدىن ئاياغ قارىساڭ،
كەيگەن كىيىمى نىكى.

راموس كاپتان توپ تەپسە،
يىراق-يىراقلارغا سوزۇلۇر.
رەقىبلەرنىڭ تىزھۇجۇمى،
ئۇنىڭ پۇتىدا بۇزۇلۇر.

تۇرار مەزمۇت مۇداپىيەدە،
قاپقارا ساقال كارۋاخال،
ياندىن كەلگەن ھۇجۇمچى،
ئۇنىڭدىن ئۆتمەككە يوق ئامال.

بىر يىل بۇرۇن مۇدىرىچنىڭ،
ئۇزۇن ئىدى چاچلىرى.
بەكمۇ توغرا ئۆلچەملىك،
ئۇنىڭ بەرگەن پاسلىرى.

ئوتتۇرا مەيدان ئوينايدۇ،
8-نۇمۇر تونى كىروس.
بەرگەن پاسلىرى تارقايدۇ،
بەك ئۆلچەملىك ھەم دۇرۇس.

كولۇمبىيەلىك رودرىگىس،
دۇنياۋىدا بولغان چولپان.
بۇنى كۆرگەن خان مادىرىت،
يۆتكەپ كەلدى تاپشۇرۇپ ئولپان.

11-نۇمۇر كەلگەن ۋىلىشتىن،
ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى تىزلىك.
ئىسكەتىنى سورىساڭ مەندىن،
جاۋابىمدۇر گويا مايمۇن يۈزلۈك.

مادىرىتتىكى 7-نۇمۇر،
ئىسمى ئۇنىڭ رونالدو.
نوقتا توپنىڭ ھەممىنى ،
ئۇ تەپمىسە بولمايدۇ.

9-نۇمۇرلۇق بىنىزما،
ئاتتەك يۈگرەپ كەلسە.
ھۇجۇم قىلار سانجىلىپ،
بۇلۇپ ئۆتكۈر نەيزە.

تامام
2014-يىلى11-ئاينىڭ30-كۈنى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
كەمپۈت + 50 قالتىس!
alhan + 50 تىخمۇ تىرشىڭلا
سەۋدا + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 10:40:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 12:13:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مىسرانىمدىكى مەتۇلار بىلەن 2010تازا چانىشىپ ئايپى ،ئايدى ھەممىسى چەكلىنپ ئارام تاپتىم ،لىكىن ئىزدىنىشنى سۆيىمەن ھەم 8ژىللىق ساژىممۇ بار ئىزدىنىش ياخشى ، ياخشى مۇنبەر توربەتلەر ،ئىزدىنىش ،باغداش،ماۋۇ پۇتبول مۇنبىرى،ئوكيان، باشقىلىرىنى ياقتۇرمايدىكەنمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 15:25:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 13:36:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىنىزماغا……

ئالما ھەرگىز كۆڭلۈڭگە
تىللاپ سالسام ناۋادا
ئۇرغان توپۇڭ ئۆزگىچە
ئۇچۇپ يۇرەر ھاۋادا

ئۇرغان نۇرغۇن توپلۇرۇڭ
ئۇچۇپ كەتتى مارىسقا
گومۇش يۇرسەن داۋاملىق
يۇقۇملاندىڭمۇ يا سارىسقا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-3 10:36:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ  پىكىرىڭلەرنى  ئايىماڭلار  كۆپچىلىك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 10:56:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس يېزىپسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-3 10:58:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رەھمەت سىزگە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-3 10:59:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 10:40
قېنى بىزنىڭ ئۆزىللەر ،
بېرىۋەتكەن پاسلىرى .
مودىرىچتىن ...

ئاپىرىن، قالتىس   ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 11:00:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 10:40
قېنى بىزنىڭ ئۆزىللەر ،
بېرىۋەتكەن پاسلىرى .
مودىرىچتىن ...

كاككۇك سايراپ كىتىپتۇ   


بەك ياخشى چىقىپتۇ!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 11:01:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 11:02:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانجاينىڭ  مەنىسى   نىمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-3 11:03:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 11:01
بەك ماختىۋەتمەڭ....
مۇنداقلا 3 مىنوت ۋاقتىمنى مادرىد ئۈ ...

مەن ئۇ  يازمىنى ئۈچ ئايدا ئاران بىر مۈشكۈلاتتا  يازغان، سىز  ئۈچ مىنىۇتتا بەك ياخشى يىزىپسىز، بۇدىگەن تۇغما تالانت.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 11:05:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 11:05:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەپ، بۇ پەسىل مادىرىد بىلەن تۇتۇشىدىغان پۇرسەتمۇ كېلەر ھە.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 19:48

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش