akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1203|ئىنكاس: 36

ياشلاشقان كوماندا ، جەڭگىۋار روھ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
_1RM4655_hThumb.jpg
بۈگۈن ئوينالغان ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىدا،  خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى، كورنىيا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، مادرىد كوماندىسى ياشلارنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ، ئاساسلىق ئادەملىرىگە ئارام ئىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى .
مۇسابىقىگە ئۇزۇندىن مۇسابىقە ئويناپ باقمىغان بىر قىسىم ماھىرلار ۋە مادرىد (ب) كوماندىسىدىن بىر نەچچە ياش چاقىرتىپ كېلىندى .
مۇسابىقىدە ئىسكو ، جامىس ، چىچىرىتو قاتارلىق ماھىرلار ئۆزىنىڭ شەخسى تېخنىكىسىنى خىلىلا جارى قىلدۇرۋالدى .
مادرىد مەستانلىرىنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغىنى بولسا ، كېينكى يىرىم مەيداندا سەككىز ئاي ئاغرىق سەۋەپتىن ئارام ئېلىپ ياتقان ، خىسسى مەيدانغا چوشۇپ ، ئۆزىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلاپ بىر توپ ئۇردى ،بۇ توپ بولسا ، مادرىد مەستانلىرىغا ۋە ئۆزىگە بىر ياخشى سوۋغا بولۇپ قالدى .
بۇ يەردە سۆزلەيدىغىنىم ، مادرىتنىڭ كەلگۈسى ، ياشلار بولسا كەلگۈسىنىڭ تايانچ كۈچلىرى ،
گەپنى ئسكودىن باشلايمىز : ئىسكو مادرىتقا،  ئىسپانىيەدىكى مالاگا كوماندىسىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن ، يېڭى كەلگەن پەيتىلەردە دىمارىيا ئۆزىل قاتارلىق ماھىرلارنىڭ يۈكسەك ماھارەتلىرى ئىچىدە كۆزگە ئانچە كۆرۈنمىگەن .
ئۆزىل بىلەن دىمارىيانىڭ مادرىتتىن كېتىشى ، مادرىد ئۇتتۇرا مەيدان ھۇجۇم تەشكىللەيدىغان ئېغىر ۋەزىپە ئىسكوغا قالدى ، نۇرغۇنلىرىمىز ئىسكو بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ دەپ قارىدۇق ، لېكىن ئىسپانىيە دېرىبىسى كۈنى ئۇ ئۆزىنى قايتىدىن ئىسپاتلاپ بەردى . ئۇنىڭ توپ تۇختۇتىشلىرىدىن زىدانىنىڭ سىماسىنى ، توپنىڭ پۇتىغا چاپلىشىپ قىلىشلىرىدىن ئېنىستانى ، پاس بېرىشلىرىدىن فىگونى ئەسلىمەي تۇرالمايمىز ، لېكىن ئىسكو بۇ ياش بۇ ئۇچىنىڭ ماھارەتلىرىنى ئۆزىگە جەملىۋالغان ئىدى .
ئىسكونىڭ تۇنجى مۇكاپاتنى ئالتۇن ئۆسمۈرلۈك مۇكاپاتى بىلەن باشلىغان بولسا  ، ئىشىنىمىزكى كەلگۈسى يېقىنقى زامانلاردا ئالتۇن توپ ساھىبلىرىنىڭ نامزاتلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئىسمى چىقىپ قالىدۇ .
ئىككىنچى سۆزلەيدىغىنىمىز ، ئالۋارو مىدران ، بۇ ياش بولسا مادرىد ب كوماندىسىدىن چىققان ئۇتتۇرا مەيدان توپچىسى ، بۇ بالىدىكى توپقا بولغان سەزگۈرلۈك ، ھەركتىنىڭ چاققانلىقى بىلەن باشقا ،ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى بالىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ . بۇ بالىنىڭ ئىسمى مادرىتنىڭ ئاساسلىق سەپ شەكلىدە نەچچە قېتىم چىقىپ بولدى ، بۇ بالا سەۋىيىسىنى ئازراقلا ئۆستۈرسە ، ئا كوماندىدا توپ تېپىشىدە گەپ يوق .
ئۈچىنچىسى لورىنتى ، بۇ بالا مورىنيو تېرىنىرلىق قىلغان مەزگىللەردە ، بىر نەچچە قېتىم مادرىتنىڭ ئوڭ مۇداپىيەسىدە تۇرۇپ باققان ، مورىنيونىڭ ئادەم تاللاش ئېقتىدارىگە گەپ كەتمەيدۇ ، لېكىن بۇگۈنكى مۇسابىقىدە لورىنتى ئۇتتۇرا مۇداپىئەچى بولۇپ مەيدانغا چىقتى ، ئىپادىسىدىن قارىغاندا يېقىنقى نەچچە يىلدا داڭلىق ئۇتتۇرا بىك بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىدا گەپ يوق  .
ۋاران ، ناچىيو ، خىسسى ، قاتارلىق ياشلارنى سۆزلىمىسەممۇ ھەممىمىزگە ئايان  .
تەكىتلەپ قويۇشقا تېگىشلىك بولىدىغىنى ، لورىنتى ، ناچىيو ، ۋاران ئەمدى 24نىڭ قارىسىنى ئالغان بالىلار .
ئىسكو ، ئىيارامىندى ، خامىس ، مىدران ، خىسسى قاتارلىق ياشلار بولسا 23 ياشقا ئەمدى كىردى .
بۇلارغا قوشۇپ ، گارىس بىلنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ ، بۇ چولپان ئاتىلىپ بولغان ياشنىڭ يېشىمۇ ئەمدى 24 ياش .
ئىجارىگە بېرىلگەن موراتتا ، كاسىمىرولارنىڭ قايتىپ كەلسە مادرىد كوماندىسى ياشلاشقان ، بىر جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلانغۇسى .

1417545188_279082_1417552730_album_grande.jpg original.jpg 下载.jpg
1417545188_279082_1417553088_album_grande.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 07:38:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موراتانى ئىجارىگە بەرمەي سېتىۋەتتى، ئىككى يىلدىن كېيىن سېتىۋېلىش توختامى بىلەن.
خېسىنىڭ بىلەن جامىسنىڭ توپ ئۇرغىنىدىن خۇشھال بولدۇم. خېرناندىزمۇ كىرگۈزگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىدە.
زاپاس كۈچىمىز بىلەنمۇ خېلى كوماندىلارنى يەڭگۈدەكمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 09:21:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىسەي قايتىپ كىلىپ ياخشى ئىش بولدى.
ياشلاشقان  مادىرىد كوماندىسى قالتىس !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 09:33:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بۇلۇپتۇ، ياش ماھىرلار كۆپەرەك پۇرسەت بىرش كېرەك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 09:42:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇ بارەك  بولسان  شا كىچىكلەر  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 09:43:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېسسى  سول  تەرەپتە  ئوينىسا  بولغۇدەك  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 09:43:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىتنىڭ ئورۇندۇق كۈچىمۇ بوش ئەمەسكەن ، ھەربىرياشتىن چولپانلار سىماسىنى كۆرگىنى بولىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 09:48:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇراراتانى نەدە ئىجارىگە بىرىدۇ 20مىلىيۇن ياۋرۇغا سېتىۋەتتىغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 10:35:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە مادرىد بۇندىن كىيىن ئىسكوغا تىخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىرشى كىرەك! بۇ بالا ئىككى ئۈچ ئادەمدىن تەمتىرمەي ئۆتۈپ كىتەلەيدىكەن! بۇندىن كىيىن مادرىدنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم تەشكىللۈگچىسى بوپ قىلشىدا گەپ يوق!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 10:35:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا مادىرىت، ئالغا ئەزالار .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 10:38:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانلىق مادرىد راسلا ئىچىلىپ كىتىپ بارىدۇ دىسە .... داۋاملىق مۇشۇنداق جەڭگىۋار ھالەتتە مىڭىشىغا تىلەك تاش مەن................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-12-3 10:39:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى پىشقەدەملەرنى پىنسىيەگە چىقىرىش................پې پې ،راموس،كاشالياس،رونالدو قاتارلىقلار مۇشۇ ھالىتى بىلەن بولمىغاندا 3 يىل مادىرتتا پۇت دەسسەپ تۇرالايدۇ........كاشالياسنىڭ ئەركىن توپچى قاتارىدا سېتىلىشىنى ھىسابقا ئالمىغاندا....
ياشلاشتۇرۇش بىرىنجى ئۈچ يىللىق پىلاننىڭ 3-يىللىرى ئەمەلگە ئېشىپ قالارمىكىن........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 15:18

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش