ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 707 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ 5-ئايلانمىسىدا بىنزىمانىڭ 4 مەيدان ئۇدا توپ ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لىكىن بىرلەشمىدە مالاگا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە
1 توپ ئۇردى. بىنزىما ئۇرغان مۇشۇ توپى بىلەن مادرىد تارىخدىكى 8-ئورۇندا تۇرىدىغان رىۋايەنلىك توپچى پاسىنىئونىڭ رىكورتى بىلەن تەڭلەشتى.
ئۆتكەن يىلى مادرىد ھىگۇئايىننى سىتىۋىتىپ بىنزىمانى ئىلىپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلغان. لىكىن بىنزىما ئۆزىنىڭ ئىپادىسى
بىلەن مادرىدنىڭ توغرا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بولدى.
بىرلەشمىنىڭ يىقىنقى 13 ئايلانمىسىدا بىنزىما 12 توپ ئۇرۇپ، 7 پاس بەرگەن بۇلۇپ ئومۇمى توپ سانى 19 توپ بولغان.
بىنزىما مادرىدقا قوشۇلغان 6 پەسىلدىن بۇيان بىرلەشمىدە 80 توپ، ئۇزغۇنلۇقتا 29 توپ، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى بىلەن شاھلىق لوڭقىسىدا 15 توپ ئۇرۇپ
بولغان بولۇپ، فىرانسىيەلىك بۇ توپچى مادرىدقا ۋاكالىتەن 124 توپ ئۇرغان. بىنزىما 124 توپ بىلەن مادرىدنىڭ 8-ئورۇندا تۇرىدىغان رىۋايەنلىك توپچى پاسىنىئونىڭ رىكورتى بىلەن تەڭلەشكەن.
ئەنچىلوتتىمۇ بىنزىمانى ئاساسلىق ئەزا قىلىشتىن ۋاز كەچمىگەن، ئەنچىلوتتىنىڭ نەزىرىدە كىچىك پۇرچاق ئىرنەندىس ھەرگىزمۇ بىنزىمانىڭ ئورنىنى ئىلىپ بولالمايدۇ.
لىكىن ئەنچىلوتتى بىنزىمانى ئاياپ ئىرنەندىسكىمۇ پۇرسەت بەرمەكچى. كىلەر ھەپتە ئوينىلىدىغان شاھلىق لوڭقىسىدا ئەنچىلوتتى ئىرنەندىسنى ئاساسلىق ئەزا قىلىپ مەيدانغا چىقارماقچى.
|
|