ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2725 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا باقاۋۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-1 10:50
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !
مادىرىت رىقابەت -لاكرۇنىيە
ئۇرۇمچى ۋاقتى ، 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 17دە ، مادىرىت رىقابەت كوماندىسى ، ئۆز مەيدانىدا لاكىرۇنىيە كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى ، مۇسابىقە جەريانىدا مەنزۇچىنىڭ ئىككى ياردەمچى پاس بىرىشى بىلەن ، مادىرىت رىقابەت كوماندىسىدىن سائۇل ۋە ئاردا تۇراننىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن ، مادىرىت رىقابەت كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا قىممەتلىك ئۈچ نۇمۇرغا ئىرىشىپ ، بىرلەشمىدە 29 نۇمۇر بىلەن رەت تەرتىپتە ئۈچىنجى ئورۇندا تۇردى .
ۋالونسىيە -بارسىلونا
ئۇرۇمچى ۋاقتى ، 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر سائەت 2دە ، ۋالونسىيە كوماندىسى ، ساھىبخان مەيداندا ، بارسىلونا كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى ، مۇسابىقە ناھايىتتى جىددى تەرىقىدە ئىلىپ بىرىلدى ، ھەر ئىككىلى كوماندا كەسكىن تۇتۇشقان بولسىمۇ ، 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە توپ كىرمىدى ، بارسىلونا كوماندسىغا يىڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن ئورۇگىۋايلىق توپچى سۇئارىز بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ ، ئورۇندىن ھالقىش دەپ ھۆكۈم قىلىنغاچقا ھىساپ قىلىنمىدى ، مۇسابىقە قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىت باسقۇچىغا كىرگەندە ، مىسسسىي بەرگەن پاسنى نىيمار ۋاتارغا قارىتىپ ئۈسسىگەن بولسىمۇ ، قارشى تەرەپ ۋارتارى توسۇپ قايتۇرۋەتتى ، بۇ توپنى بوسكىس ئەپچىللىك بىلەن تىپىپ كىرگۈزۈپ ، مۇسابىقىنىڭ 93-مىنۇتىدا ۋالونسىيە كوماندىسىنى بوغۇزلاپ تاشلاپ ، قىممەتلىك ئۈچ نۇمۇرغا ئىرىشىتى . بارسىلونا كوماندىسى ھازىر بىرلەشمىدە 31 نۇمۇر بىلەن 2-ئورۇندا تۇرماقتا (مادىرىتتىن 2 نۇمۇر كەينىدە ).
باشقا مۇسابقىلەر
سەرۋىلىيە5 -1گىراندە (سەرۋىلىيە 26 نۇمۇر بىلەن بىرلەشمىدە 4-ئورۇندا ، گىراندا 11نۇمۇر بىلەن بىرلەشمىدە 16-ئورۇندا)
كوردۇبا 0-ۋىللا رىئال2 (كوردۇبا 7 نۇمۇر بىلەن بىرلەشمىدە 20-ئورۇندا ، ۋىللا رىئال 21نۇمۇر بىلەن بىرلەشمىدە 6-ئورۇندا)
ئارمىلىيا -بالكانو (بۈگۈن كىچە ئىلىپ بىرىلىدۇ ،ھازىرچە ئارمىلىيا 10 نۇمۇر بىلەن بىرلەشمىدە 17-ئورۇندا ، بالكانو 14نۇمۇر بىلەن بىرلەشمىدە 13-ئورۇندا) |
|