ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1012 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-29 01:31
يوتا ئايلانمىسى 62 سانتىمىتىر. پۇت قىسىم مۇسكۇلىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۇنىڭ قاڭقىش كۈچىنى ئاشۇرغان. يۈگۈرۈش ۋە قاپقىغا توپ ئۇرۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئەۋزەللىككە ئېگە قىلغان.
ئەڭ يۇقىرى سەكرەش ئېگىزلىكى 83 سانتىمىتىر. NBA توپچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن.
بويۇن قىسمى 5G لىق تارتىش كۈچىگە بەرداشلىق بىرەلەيدۇ. F1 ماشىنا ماھىرلىرىنىڭ ساپاسىنى ھازىرلىغان.
بەدىندىكى ماي مىقدارى پەقەت %7. دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇلترا مودېل.
كىرىستىيانو رونالدو يەنە توپ كىرگۈزدى. ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گورۇپپا مۇسابىقىسىدە خان جەمەتى مادرىد قارشى تەرەپ مەيدانىدا رونالدونىڭ ئۇرغان بىر توپى بىلەن غەلبە قىلدى. رونالدو ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە 71 توپ بىلەن خان جەمەتى مادرىدنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى ئۈزۈك شاھى راھول بىلەن تەڭلىشىپ، مەرگەنلىكتە 2-ئۇرۇندا تەڭ تۇردى. تىلغا ئېلىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغىنى بولسا رونالدو مادرىدتا 56 مەيدان ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە 56 توپ كىرگۈزۈپ، ھەر بىر مەيدانىغا بىردىن توغرا كەلدى.
ئەمەلىيەتتە توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىدىن سىرىت، تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق بولغىنى بولسا رونالدونىڭ مۇسكۇلى. يېقىنقى كۈنلەردە، داڭلىق گۈزەل-سەنئەت ژورنىلى بولغان «Men Health » دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك 50 تەنھەرىكەتچىنى تىزىپ چىققان بولۇپ، كىرىستىيانو رونالدو داڭلىق ۋاسىكىتبول چولپىنى جامىس ۋە گىررىفىنلار بىلەن رەت-تەرتىپنىڭ ئالدىغا تىزىلغان.
1 كۈندە 3000 نى قورساق قاتلاش.
ھەر كۈنى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مەشىقى ئوتتۇرچە 16 پىكاپنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن تەڭ.
كۈچلۈك بولغان بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن مەشىق قىلىشنى تۇرمۇشنىڭ مىزانى قىلۋېلىش رونالدونىڭ بەدىننى شۇنداق كۈچلۈكلۈككە ئېگە قىلغان. «كۈدىلىك پوچتا گېزىتى» ئاشكارلاپ، كىرىستىيانو رونالدو كۈندىلىك كۈچ مەشىقىدە ئېغىرلىق كۆتۈرۈشنى يىغىپ ھېسابلىغاندا ئوتتتۇرچە ئېغىرلىقى 16 تال تويوتا پىكاپنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن تەڭ ئىكەن. 1 پىكاپنىڭ ئېغىرلىق 1.4 توننىغا يېتىدىغان بولۇپ، 16 پىكاپنىڭ بولسا 22.4 توننا دېگەن بولىدۇ. يەنى 22400 كىلوگىرام.
بۇ پورتىگالىيەلىك دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان ھەر كۈنى چېنىقىش ئۆيىدا ھەرخىل چېنىقىش ئېلىپ بېرىشتىن باشقا يەنە، ئۇ ھەركۈنى 1 سائەت ئەتىراپىدا ۋاقتىنى چىقىرىپ، 3000 نى قورساق قايلايدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، قورساق مۇسكۇللىرىنى مەشىقلەندۈرۈشتىن باشقا، ئوخشاشلا يەنە دوۋسۇن سۆڭىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولدىكەن. رونالدو توپ مەيدانىدا چېپىۋاتقىلى كۆپ يىللار بولدى. يارلىنىشى ساناقلىقلا خالاس. ئەمما دوۋسۇن سۆڭىكى ئەزەلدىن يارلىنىپ باققان ئەمەس. ئۇ رەسمى ھالدا جاپالىق مەشىق قىلغاننىڭ نەتىجىسىنى كۆردى. كۈندە 3000 نى قورساق قاتلاش، قانداق مەشىق كۈچلۈكلۈكتىن دېرەك بېرىدۇ؟ رونالدو مانچىستىردىكى ۋاقتىدا سەپداشلىرى ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا رونالدونىڭ رىكورتىنى بۇزالمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى سەپداشلىرى 3 مىنۇت رونالدونىڭ ئالداىدا تۇرۇپ قايىللىقنى بىلدۈرگەن. ئوخشاشلا مادرىدتىكى سەپداشلىرى تۇنۇشتۇرۇشچە، باشقىلار كېرىلىپ ئارام ئېلۋاتقاندا، رونالدو دائىم بىر تەرەپتىن تېلۋىزور كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن قورساق قاتلايدىكەن. مانا مۇشۇنداق كۆپ يىللىق جاپالىق مەشىق قىلىش ئاستىدا، رونالدونىڭ بەدىندىكى ماي مىقدارى پەقەت %7 بولۇپ، خەلقئارا داڭلىق مودىل «ئۆزگىرىشچان ۋاجىرا» فىلىمىدىكى باش ئايال ئارتىس روسى ھانتىڭتون ۋايىتلېيدىن تۆۋەن تۇردىكەن.
شىۋازىڭگىر بولسا رونالدو مەستانىسى
پورتىگالىيەلىكنىڭ پۇت قىسىمى ئالاھىدە بولغان مۇسكۇللار توپىغا ئېگە.
ئەنگىلىيەدىكى بىر داڭلىق بازار تەكشۈرۈش شىركىتى بىر قىسىم تور تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈشتە چولپانلارنىڭ مۇسكۇلى ئاياللارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالايدىكەن. نەتىجىدە %72 قىزلار «مۇكەممەل مۇسكۇل»غا ئېگە بولغان كىرىستىيانو رونالدونى بىرىنچى بولۇپ تاللىغان. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، رونالدونىڭ مۇكەممەل مۇسكۇللۇق بەدىنى «ئاخىرلاشتۇرغۇچى» فىلىمىدىكى داڭلىق ئارتىس شىۋازىڭگىر رونالدونىڭ بەدىنى ناھايتى قالتىس دەپ قايللىقىنى بىلدۈرگەن.
رونالدونىڭ تاماق قورۇما تىزىملىكى:
ئەتىگەنلىك:
ئاساسلىق يېمەكلىكى: قاقلانغان پىشلاق بولكا ياپراقچىسى، مايدا پىشۇرۇلغان بېلىق.
تاتلىق تۈرمە: قىسقۇچپاقا تورتى
ئىچىملىك: يۇقىرى كالتسىيلىق كالا سۈتى، ئاقسىل كىراخمالى، يېڭى سىقىپ چىقىرىلغان مېۋە شەربىتى
چۈشلىك تاماق:
يىرىك گۆرۈچ تامىقى، سۇلۇ بولكا، پىشلاق،
چۈشتىن كىيىنلىك چاي:
لىمون شەربىتى، مېۋە شەربىتى، چاي ياكى قەھۋە.
كەچلىك تاماق:
ئاساسلىق يېمەكلىكى: ئاق گۈرۈچ تامىقى، توخۇ گۆشى ياكى كۈركە توخۇ گۆشى، تۇخۇم، كالا قۇۋۇرغۇسى، پۇرچاق، بېلىق.
ئىچىملىك: سۇلۇ ئاقسىل كىراخمالى، ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى.
تالانىتسىز كۈچلىنىش. رونالدوغا بېرىلگەن باھالار:
رونالدو F1 مۇسابىقە ماشىنا ماھىرى ئالونسۇ، چويلا توپ شاھى نادال، قسىقا ئارلىققا يۈگۈرۈش چولپىنى بولىت قاتارلىقلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى يىغىققان. رونالدونىڭ بويۇن قىسمىنى ئالونسو بىلەن ئوخشاتساق، بويۇننىڭ توملۇقى تېخىمۇ ياخشى بولغىنى يارلىنىشتىن ساقلايدۇ. رونالدونىڭ بىلىكىنى نادالنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرساق، پۇت-قولىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، بوشلۇقتىكى توپنى مۇكەممەل بىر تەرەپ قىلالايدۇ. رونالدونىڭ كۆكرەك-قورساق مۇسكۇل تۇقۇلمىلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇردىغان بولۇپ، باشقىلارغا بولىتنىڭ تۇيغۇسىنى زىچ ھېس قىلدۇرالايدۇ. |
|