akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1265|ئىنكاس: 23

كەلگۈسىدىكى 1-نۇمۇرلۇق قاپقىچى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-28 20:59:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
730_1388958_206655.jpg

   بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەر سائەت 04:05 تە ياۋرۇپا ئىتتىپاق لوڭقىسى 5-ئايلانما مۇسابىقىسى بىر بۈلىكىدە ئىتالىيە زەردارى ئېنتىر كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا دىشبولو كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى، 2:1 نەتىجىدە غەلبە قىلىپ مۇددەتتىن بۇرۇن گۇرپىدىن 1-بۇلۇپ چىقىشقا ئاساس سالدى.

   سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا نوقتا توپنىڭ چۈشۈش نىسپىتى 90 پىرسەنتكە يىتىدۇ. بىز دائىم كىرىستىيانو رونالدو، بالوتېلى قاتارلىق چولپانلارنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈمدە نوقتا توپ بىلەن نۇمۇر ئالغانلىقىنى ئاڭلايمىز، بىراق بىر قاپقىچىنىڭ ئۇدا نوقتا توپنى تۇسۇپ چىقىرىۋېتىش ئىشىنى ئاساسەن ئاڭلاپ باقمىدۇق. چۈنكى نوقتا توپنى تۇسۇپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن تۈۋەن.

   دىشبولو كۇلۇبى بىلەن بولغان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئېنتىر كۇلۇبى قاپقىچىسى خەندانوۋىچ مۇسابىقە جەريانىدا قالتىس ئىپادىسى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ بىر نوقتا توپىنى تۇسۇپ چىقىرىۋەتكەن. كاپىتان لانوچىيانىڭ قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چۈشۈپ كىتىشى بىلەن ئېنتىر كۇلۇبى 1 ئەزا كەم ھالەتتە جەڭ قىلىشقا مەجبۇرى بولغان. مۇشۇنداق ھالقىلىق ۋاقىتتا خەندانوۋىچ قارشى تەرەپنىڭ كۆپ قېتىملىق خەتەرلىك ھۇجۇمىنى بىچىت قىلىپ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن خەندانوۋىچنىڭ ئۇدا توسۇپ چىقىرىۋەتكەن توپ سانى 6 گە يەتكەن. ( يېقىنقى 6 مەيدان ھەر قايسى مۇسابىقىلەردە ئۇدا 6 نوقتا توپنى توسىۋالغان )

   تىلغا ئېلىشقا ئەرشىيدىغىنى شۇكى بۇ مەيدان مۇسابىقە خەندانوۋىچنىڭ ئېنتىر كۇلۇبىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىققان 100-مەيدان مۇسابىقىسى، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر مەيدان مۇسابىقە. ھازىرغىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىتالىيە بىرلەشمىسى مۇھابىقىسىدە خەندانوۋىچ 20 نوقتا توپنى تۇسۇپ چىقىرىۋەتكەن.  ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ نوقتا توپنى تۇسۇپ چىقىرىۋېتىش رىكورتىنى ئىتالىيە قاپقىچىسى پالاك بەرپا قىلغان بۇلۇپ 24 نوقتا توپنى تۇسۇپ چىقىرىۋەتكەن. بۇ رىكورتنى بۇزۇش خەندانوۋىچقا نىسپەتەن ۋاقىت مەسىلىسى بۇلۇپ قالغان.

   نۆۋەتتە خەندانوۋىچنىڭ ئېنتىر كۇلۇبى بىلەن بولغان توختامى 2016-يىلىغىچە بۇلۇپ يوۋىنتىس، مانچىستىر شەھىرى قاتارلىق زەردارلار بۇ تالانىت ئىگىسىگە قىزىقىپ قالغان. ئېنتىر كۇلۇبى بۇ كۇلۇپلارنىڭ سېتىۋېلىش تەكلىۋىنى رەت قىلىپ بۇ چولپان بىلەن توختام ئۇزارتىشقا تەييارلانغان.



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-29 00:36:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەنكى  بىر نەچچە يىل بىز توپقا قىززىققاندىن بىرى كۆرۈپ چوڭ بولغان دىسەكمۇ بولدىغان   پىشقەدەم ۋارتارلارنىڭ دەۋىر ئالمىشىش  ۋاقتى بولدى ھەم بولىۋاتىدۇ .   مانچىستىردىن ۋەندىسار ،  ئىنتىردىن  سەيسار ،  بارسىلۇناندىن ۋالدىز ،  مىلاندىن دىدا      مىيۇنخىندىن  كاھىن ( بۇ ئىككىسىگىغۇ   خېلى بولدى ) ... ئاساسەن بىز بىلەن خوشلىشىپ بولدى   . قېپقالغانلىرى  داڭلىقىراقتىن     يۇۋىنتىستىن بوففىن  ،  مادىرىتتىن كاپىتان ،  چىلسىدىن  ياش كورتىۋانىڭ بىسىمى ئاستىدا  تەغدىرى نائىنىق تۇرۋاتقان چىخ   مۇشۇ ئۈچىلا  قالدى . ( مىلاندىن ئابىيادىمۇ بار ) .   

سەيسار  يۆتكەلگەندە   يىشىمۇ چوڭكەن   قانداقىراقتۇ  ؟ دەپ ئويلىغانئىدىم   خەندانوۋىچنى    . كىيىن بىلسەم   ئىنتىرغا قوشۇلۇشتىن ئاۋالقى پەسىلمۇ   بۇنىڭ ئىپادىسى   قالتىس بولغان  ،  شۇڭا ئىنتىر  قورىقماي   سەيساردىن ۋاز كەچكەنئىكەن .   قايسى كۇلۇپتىن يۆتكەلگەنلىكى  ئىنىق ئىسىمدە قالماپتۇ ،   ئەمما   بۇ  ،     كورتۇۋا ،   نويىر  ،    دىخىيا لار   ھەرقايسى كۇلۇپلاردىكى ئەڭ ياخشى ‹‹تولۇقلىغۇچىلار ›› دۇر .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-28 21:06:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-28 21:13:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما ئاداشمۇ ئەتە-ئۆگۈن زەردارلارنىڭ تالىشىشىدا قالغۇدەك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-28 21:19:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يەنە بىرى ئوسۋاردو 14 مەيداندا 11 توپ ئۇرۇپ ئېنتىرنىڭ ئاساسلىق نۇمۇر ئالغۇچىسىغا ئايلىنىپتۇ. ئوسۋاردونىڭ دىيىشىچە ھازىر 80 پىرسەنىت ئەسلىگە كەلگەنمىش...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-28 21:20:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتە-ئۆگۈن  باھاسى ئۆسۈپ  تالاشتا قالدىكەندە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-28 21:26:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تۇرۇپ قويدىكەنغۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-28 21:32:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ۋاراتاركەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-28 21:33:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغدا يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 21:19
يەنە بىرى ئوسۋاردو 14 مەيداندا 11 توپ ئۇرۇپ ئېنتىرنىڭ ئ ...

بۇغدا بۇرادەر مەن يازغان تېمىلا 13  تىلا توختاپ قالدىغۇ ،قاراپ باقامسىز ياكى مەن خاتالاشتىممۇ '' بىر قىسما بوپ قالدىم،بىكا تۇماي  يىزۋاتسام دەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-28 21:33:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
曼联不怕防守差,后防全靠德赫亚。
- جەنجۈن ئۈزۈندىللىرىدىن ……
مادىرىد مۇشۇ دېھىيانى ئەكىلۋالسا پەچەن بولۇپ كىتەتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-28 21:35:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولغىدەك ~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-28 21:41:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەندانوۋىچ 30 گە كىرىپ بولغانكەن ، لېكىن ئىنكاسى بەكلا تېز  ،بۈگۈنكى ئىپادىسى ئادەمنى بەكلا ھەيران قالدۇرىدۇ .
نۇقتا توپقا قارىغاندا ئاۋۇ ئىككىنچى قېتىم توسىۋالغىنى بەك پىچەت .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-28 21:44:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
reus11 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 21:33
بۇغدا بۇرادەر مەن يازغان تېمىلا 13  تىلا توختاپ قالدىغ ...

   بىلمىدىم، مۇشۇ تىما سانىدا زادى مەسىلە بار. بۇنى پەقەت نىجاتلا ھەل قىلالايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-29 22:28

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش