كۆرۈش: 1786|ئىنكاس: 11

ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى 6 چوڭ ئەينەك ئادەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-28 20:21:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-28 20:21  

   بارسىلوناغا كېسەللىكنى ئېلىپ كەلگىنىگە 3 ئايدىن ئاشقان ۋېرمالىننىڭ ئوپراتىسىيەنى قۇبۇل قىلىپ، يەنە 4-5 ئاي ئارام ئالىدىغانلىقىنى مەلۇم بولدى. سۇئارىزمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا توختام ئىمزالاپ، بارسىلونانىڭ ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بىر سودىسىنى تاماملاپ بەردى. ۋېرمالىن بولسا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەينەك ئادەملەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى. بۈگۈن «ماركا گېزىتى» ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخدىكى باشقا ئەينەك ئادەملەرنى تىزىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار توۋەندىكىچە:

1.jpg

1. پاترىك ئاندېرسون؛  شۋېتسىيەنىڭ ئوتتۇرا مۇداپىئەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارتقان. بايرىن مىيۇنخېنغا ياردەملىشىپ چېمپىيۇنلۇقنى ئالغان. ئەمما بارسىلوناغا قۇشۇلغاندىن كىيىن، ئۇ ئالدى-كەينى بولۇپ ئۈزلۈكسىز مۇسكۇل يارلىنىشقا دۇچار بولغان. پاترىك بارسىلوندا تۇرغان 3 پەسىلدە، بىرلەشمىدە پەقەت 19 قېتىم مەيدانغا چىققان. تۇنجى پەسللىك مۇسابىقىدە 12 قېتىم مەيدانغا چىققان. كىيىنكى 2 پەسىلدە 3 قېتىم ۋە 4 قېتىم مەيدانغا چىققان.

5.jpg

2. روبىرت پروسىنېچكى؛  ئۇ كىرودىيە تارىخىدىكى ئەڭ تالانىتلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىنىڭ بىرى. ئۇمۇ ئۈزلۈكسىز يارلىنىشقا دۇچار بولغان. 1991-يىل خانلىق مادرىدقا قۇشۇلغان. ئۇ تۇنجى پەسىلدە پەقەت 3 ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتناشقان. كىيىنكى 2 يىلدا 29 قېتىم ۋە 23 قېتىم مەيدانغا چىققان. 1995-يىلى پروسىنېچكى خانلىق مادرىد كۇلۇبىدىن بارسىلونا كۇلۇبىغا قۇشۇلغان. ئەمما يەنىلا يارلىنىش سەۋەبلىك 19 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان.

卡卡.jpg

3. كاكا؛ كاكا 2009-يىلى 65 مىليۇن ياۋرۇلۇق يۇقىرى يۆتكىلىش باھاسى بىلەن خانلىق مادىرىدقا قۇشۇلغان. تۇنجى پەسىللىك مۇسابىقىدە پەقەت 25 مەيدان بىرلەشمىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان. يارلانغاندىن كىيىن مەيدانغا چىقىشى رەت قىلىنغان. جەنۇبىي ئافىرىقا دۇنيا لوڭقىسى ئاياقلاشقاندىن كىيىن، لېپەك چىقىپ كېتىش دەپ قايتىدىن دېئاگىنۇز قۇيۇلدى. ئۇ ئاغرىقنىڭ دەردىنى يېرىم يىل تارتىپ، پەسىللىك مۇسابىقىدە ئاران 14 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان. كىيىنكى 2 يىلدا كاكا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 27 قېتىم ۋە 19 قېتىم مەيدانغا چىققان. ئۇ داۋاملىق ھەرخىل مۇسكۇل يارلنىشقا دۇچار بولغان.

6.jpg

4. چىرىسېتوف مېتزېلدېر؛  گېرمانىيەلىك مۇل-ھوسۇللۇق ئەزمەت، ئەمما مېتزېلدېرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. بۇ 1 مىتىر 94 سانتىمىتىر كېلدىغان بوي-بەسىتلىك ئوتتۇرا مۇداپىئەچى كەم-كۈتىسىز ئەينەك ئادەم. كېسەللىك يېپىشۋالغانلىقتىن مېتزېلدېر خانلىق مادرىدتىكى 3 يىلدا پەقەت 23 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتناشقان.

3.jpg

5. پابلو ئەيمار؛  بۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ۋالىنىسىيە كۇلۇبىدا توپ تەپكەن. ئەيمار ئىلگىرى ناھايتى چاققان ئالدى بەل توپچىسى ئىدى. ئەمما يارلىنىش ئۇنىڭدىن ئاجىرىماس ھالغا كەپ قالدى. ئۇنىڭ ۋالىنىسىيەدە تاق پەسللىك مۇسابىقىدىمۇ ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان قېتىم سانىمۇ 33 قېتىمدىن ئاشقان. ئەيمار ۋالىنىسىيەدىن بېنفىكاغا يۆتكەلگەندىن كىيىن، بىر پەسىلدە مەيدانغا چىققان قېتىم سانى پەقەت 30 قېتىمدىن ئاشقان. ئۇمۇ ئۈزلۈكسىز كىچىك بولغان ھەرخىل كېسەللىككە دۇچار بولغان.

2.jpg

6. ۋودگات؛  ئۇ 2004-يىل خانلىق مادىرىدقا قۇشۇلغان. ئەمما قۇشۇلغاندىن كىيىن بىر يېرىم يىل ئۇزۇن ۋاقىت يارلىنىش سەۋەبلىك داۋالانغان. 2005-2006-يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدە ۋودگات ساقىيىپ مەيدانغا قايتىپ كەلگەن. ئەمما 14 مەيداندىن ئارتۇق مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان. ۋودگات كىيىن مادرىدنىڭ تازلاش تىزىملىكدىن ئورۇن ئېلىپ، ئېنگىلانىدقا يۆتكىلىپ كەتكەن.
ۋاقتى: 2014-11-28 20:24:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋېرمالۇنمۇ ئەينەك ئادەم بولۇشقا قاراپ مېڭىپتۇ، بارسېلونانىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشالمايدىكەن
ۋاقتى: 2014-11-28 20:37:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىرمالىن بىرىمۇ مەيدان مۇسابىقە ئوينىيالماي كىتىپ قالارمۇ....
ۋاقتى: 2014-11-28 20:52:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاكانىڭ مادرىتنىڭ كىيمىنى كىيىپ چۈشكەن رەسىمىنى كۆرسەم بەك ئاچچىغىم كىلىدۇ مىنىڭ .

توۋا رىكورت يارىتىدىغانلا بارسىلونادىنلا چىقامدۇ نىمە   
ۋاقتى: 2014-11-28 21:02:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بايام 2014-2015-يىللىق ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى تالىشىش گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 5-ئايلانمىدىن كېيىنكى ھەرقايسى گۇرۇپپىلارنىڭ نۇمۇر جەدىۋىلى ۋە مەرگەنلىك رەت تەرتىۋى جەدۋەل تۇزۇپ يوللاپ قويدۇم،باشقۇرغۇچىلار تەستەقلاپ قويساڭلار.
ۋاقتى: 2014-11-28 21:39:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىدىن ئەلەم قىلغىنى كاكاغا بولدى.
ۋاقتى: 2014-11-28 22:02:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيمار بەك تالانىتلىق توپچى ئىدى،ئارگېنتىنا كوماندىسىغىمۇ كۆپ كۈچ بىرەلمەيلا يوقاپ كەتتى .
ۋاقتى: 2014-11-29 10:03:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسلونا 40 مىليون ياۋرۇغا ئەكىلىپ تۈزۈك مەيدانغا چىقمايلا يوقاپ كەتكەن گوللاندىيىلىك ئوۋىرماس قەپ قالغاندەك قىلىدۇ.
ۋاقتى: 2014-11-29 14:01:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي كاكا مايكىر ئوۋىن مۇكېسەللىك دەردىدە چېكىنگەن
ۋاقتى: 2014-11-29 15:40:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى يېللىرى روببىن مادىرىتتا تولا يارلىنىپ ئاخىرى مادىرىتتىن ئايرىلغان.....ھازىر بەيرىندىكى ئىپادىسىدىن ئۇنى ئەينەك ئادەم دىسە ھىچكىم ئىشەنمەيدۇ....
ۋاقتى: 2014-11-29 16:54:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيمار مارادونانىڭ ئىزباسارى دەپ تەرىپلەنگەن توپچىنىڭ بىرى ئىدى . ئەپسۇس ، بالدۇر توزۇپ كەتتى . لېكىن ئۇنىڭ تالانتىغا قول قويماي تۇرالمايمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-2-19 16:13

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش