akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1345|ئىنكاس: 29

كىلىشمەسلىك يەنە ۋېنگىرغا كەلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-27 18:02:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
كىلىشمەسلىك يەنە ۋېنگىرغا كەلدى
   
a.jpg
   ئارسىنالنىڭ ياردارلار سېپىگە يەنە ئەزا قوشۇلدى. ھەپتىنىڭ ئۈچى كەچقۇرۇن سېرىق ھەرە بىلەن بولغان ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپ مۇسابىقىسىدىن كىيىن ئارتىتانىڭ يارا سەۋەبلىك بىر مەزگىل ئارام ئالدىغانلىقى مەلۇم بولدى. «كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى» ئالتە ھەپتە ئەتراپىدا ئارام ئالدىغانلىقى توغرسىدا خەۋەر بەردى. مۇسابىقىدىن كىيىن بوشلۇق تەنتەربىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەشقاۋۇل ۋېنگىر مۇنداق دىگەن: « بۇ پەقەت ياخشى ئىش بولمىدى، پاقالچاقنىڭ ئارقا تەرىپى يارلاندى. ئۇ بىر مەزگىل دەم ئېلىشقا مۇھتاج. بىز ئىنتايىن جاپالىق ۋاقىتنى باشتىن كەچۈرۋاتىمىز، بىزنىڭ يەنە نۇرغۇن مۇسابىقىمىز بار، بىز ھەربىر توپچىنىڭ ياردىمىگە ئىنتايىن مۇھتاج ئىدۇق.»
     ئارتىتا بىلەن سانوگ ئىككسى دورتموند بىلەن بولغان مۇسدبىقىدە يارلىنىپ مەيداندىن ئايرىلغان. بۇ ئىككىسىنىڭ يارلىنىشى بىلەن ئارسىنالنىڭ ياردارلار سېپى يەنىمۇ ئاۋۇغان بولۇپ، ۋېلشىر، ئوزىل، دىبوش، ۋالكوت بۇلارنىڭ ھەممىسى ئارسىنالنىڭ كوزور ماھىرلىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋېنگىرنىڭ قوشۇنى ھازىر بىرلەشمىدە 8-ئورۇندا ئاران جان ساقلاپ تۇرۋاتىدۇ.
    مەسىلىلەرنىڭ كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئارسىنال خەلىپە مەيدانىدا 2-0 نەتىجە بىلەن سېرىق ھەرىنى مەغلۇپ قىلىپ 16 كۈچلۈككە قەدەم قويدى. ۋېنگىر زىيارەت جەريانىدا توپچىلارنىڭ ئىپادىسىدىن رازى بولغان تەرەپلىرىنىمۇ ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە: « بۈگۈن ۋە ھەپتە ئاخىرىدا قىزىل ئالۋاستى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە بىزنىڭ مۇداپىئە قىلىشىمىز ناھايتى ياخشى بولدى. بولۇپمۇ بۈگۈنكى مۇسابىقىدە ئەزالارنىڭ كوللىكتىپ مۇداپىئە قىلىشىدىن ئىنتايىن رازى بولدۇم، ھەقىقەتەن قالتىس بولدى. بىزنىڭ ئەمدى خىزمىتىمىز بولسا بىرلەشمىگە پۈتۈن دېققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈش. ئەلۋەتتە چەك تارتىشقىمۇ ئالاھىدە دېققەت قىلىمىز.»

http://voice.hupu.com/soccer/1824518.html
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-27 22:31:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىنگىرنىڭ مەشىق ۋە مۇسابىقە مەيدانىدىكى تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرىشىدا ئازراق مەسىلە بارمىكىن دەيمەن !   نىمىدىگەن كۆپ يارلىنىش بۇ !   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-28 10:21:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
januzay يوللىغان ۋاقتى  2014-11-28 10:15
ۋىنگىرغا ياخشى تاللاش ھېدىرا، مانچىستىردىكى فىلەينى ...

خېدرا بولاتتى، مۇدىرىچ يارلىنىپ قالدى، خېدرانى قويۇپ بېرىشىمىز تەس، فىلەينىمۇ مانچېستىردا ئوبدانلا ئويناۋاتىدۇ، باشقىغا كۆز تىككىنى ياخشى، سوڭنى قايتۇرۇپ كەلسىمۇ بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-27 18:11:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋېنگىر - دوختۇرخانا باشلىقى
ۋېنگىر - داۋالىنىش ئىسپىراپكىسىغا جىددى ئېھتىياجلىق توپچىلار دەرھال ئېسىگە ئالىدىغان تىرىنىر .
ۋىنگىر .....
ۋېنگىر..........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-27 18:18:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ەمدى بولدى ۋىنگىر ئ‍ۈزەڭگە بىر پوتبۇل كىيىمى تەييارلاپ قۇي،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-27 18:25:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسىنالنىڭ ئوتتۇرا مەيدانچىلىرى بىر بىرلەپ ئىسپىراپكىسىنى تاپشۇرۋاتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-27 18:27:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مويېس ئالۋاستىلارنى يېڭى تۇتقاندا يارىدارلار كۆپىيىپ كەتكەن، ئەمدى نۆۋەت ۋېنگىر تۇتقان ئارسىنالغا كەپتۇ، بۇ جاھىل قېرى قانداق قىلاركىن، ھېچ بولمىسا قىشتا سودا قىلمىسا بولمايدىغان يەرگە يەتتى. خېدران بېرەيلى دېسەك مۇدىرىچ يارىدار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-27 18:37:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-27 18:53:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆركىشى يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 18:37
ئاخشام پەچەت ئوينىۋەتكەن  بۇ     فىلەينىمۇ بۇنىڭ ئورنىن ...

فىلەينى مانچېستېردا ئوينايدۇ، ئارسىنالدىكىسى فىلامىنى ( ھەيران قالغان چىراي ئىپادىسى)، ئارسىنال مەستانىسى تۇرۇپ ئىسمىنىمۇ ئۇقاميدىكەنسىلە ( مەنسىتمىگەن چىراي ئىپادىسى). ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-27 19:22:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بووپتۇ ئورۇندۇق بىقىپ ئولتاغانلارغىمۇ پۇرسەت بىرىپ باقسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-27 19:45:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىرسىنالنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلاردىن چېپچەستەي ئۆتۇپ كىتشىگە چەكسىز ئىشىنىمەن ، بۇرۇنقىدەكلا ئۆتۈپ كىتىدۇ ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-27 19:45:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 08:22
بووپتۇ ئورۇندۇق بىقىپ ئولتاغانلارغىمۇ پۇرسەت بىرىپ با ...

ئۇرۇنداق بېقىپ ئۇلتۇرغانلىار ئارىسدا ئارقا بەل يوقتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-27 19:58:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-27 19:59:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 00:57

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش