elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1198|ئىنكاس: 21

دىمارىيا-پەرىشتىنىڭ ھېكايىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-26 23:37:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
QQ图片20121214021359_副本.jpg

دىمارىيا-پەرىشتىنىڭ ھېكايىسى.
مەخپىيەتلىك - ئىلگىرى دىمارىيانىڭ باھاسى پەقەت 25 پۇتپولغا يارايتتى؛
''پىدلىئىردا تۇغۇلغىنىم مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل ئىش ''
دىمارىيا ھەر قېتىم يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتىنى تەسۋىرلىگەندە سول بېلىكىگە چەكتۈرگەن تۇغۇلغان مەھەللىسنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى .پىدلىئىر ئارگىنتىنانىڭ ئۈچىنجى چوڭ شەھىرى بولغان روسارىئونىڭ شىمالىي مەركىزىگە جايلاشقان بىر كىچىك مەھەللە ، روسارىئو ئىلگىرىكى ئۇلۇغ كۇبالىق ئىنقىلاپچى گوۋارنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ شاھىدى ئىدى ، مىسسىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە .
ھازىرقى مانچېستىر بىرلەشمە كۇلۇبىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى بولغان  دىمارىيانىڭ ئىلگىركى پۇتپول شارائىتى ناھايىتىمۇ ناچار بولۇپ مەركىزى روسارىئو كۇلۇبىنىڭ مەشىق مەيدانى بەئەينى نەچچە يۈز مېتىرلىق ئىشچىلار كوچىسى بىلەن باراۋەر .
QQ图片20121214022020_副本.jpg

ئەتراپ پۈتۈنلەي خارابىلىق ۋە ئەسكى تۆمۈر رېشاتكىلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ، خۇددى بىر نامراتلار كوچىسىنىڭ ئۆزى دېيىشكە بولىدۇ .دىمارىيا ناھايىتى جاپالىق شارائىتتا
چوڭ بولغان بولۇپ ، قىش كۈنلىرى دائىم دادىسىغا ياردەملىشىپ كۆمۈر توشۇيتتى، ئۇ ھەر قېتىم ئىشتىن قايتقىنىدا ،خالتىغا قاچىلانغان كۆمۈرنى مەھەللىسدىكى نامرات كىشلەرگە بۆلۈپ بېرەتتى ، بەلكىم بۇمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۇنى پەرىشتە دەپ چاقىرىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك . مەركىزى روسارىئو كوماندىسىنىڭ ئىلگىركى سابىق مەشقاۋۇلى دىمارىيانىڭ كىچىك ۋاقتىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيتتى .
''ئۇ مەشىققە ئالدىراشلا كېلەتتى، قارىساق قوللىرى قاپقارا كۆمۈر يۇقى ھەم ناھايىتى جىمغۇر، ئىچ مىجەز ئىدى .پەقەت مەيدانغا چۈشكەندىلا ئۇ باشقىچىلا بىر روھلىنىپ تولۇپ تاشقان جاسارەتلىك ئادەمگە ئايلىناتتى .
QQ图片20121214021537_副本.jpg

ئۇ كىچىك ۋاختىدا توپ تەپكەن دوستلىرى بىلەن ئىجىل -ئىناق ئۆتەتتى ،ئۇ يەنە تۇنجى كەسپىي سەھنىگە چىقىپ داڭق قازىنىپ كەلگىنىدە دوستلىرى بىلەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللىسىنىڭ رەسىمىنى بىلىكىگە چەكتۈرگەن بولۇپ بۇ ئۇلارنى دوسلىقنىڭ سىموۋۇلى قىلدى،  ھېلىھەممۇ توپ ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يۈرەك شەكىلنى چىقىرىپ ئۆز يۇرتىغا چوڭقۇر مۇھەبىتىنى ئىپادىلەتتى .
1-141109201311460.jpg

1998-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مەھەللىلەر ئارا پۇتپول مۇسابىقىسدە ، ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شۇ چاغدىكى داڭلىق كۇلۇب بولغان روسارىئو مەركىزى كۇلۇبىنىڭ شوتا كوماندىسىنى يىڭىپ مەھەللىسنى''ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى''نىڭ شەرپىگە نائىل قىلدى .
QQ图片20121214022056_副本.jpg

كېيىنچە بۇ كۇلۇب مەھەللە كوماندىسىغا 25 دانە پۇتپول سوۋغا قىپ بۇ تالانت ئېگىسنى سېتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ ،ئەپسۇس بۇ رېئاللىق ئەمەلگە ئاشماي قالدى .
2007-يىلى دىمارىيا  u20 ياشلىقلار دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش پۇتپۇل مۇسابىقىسدە ،ھازىرقى مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبىنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى بولغان ئاگۈيرۇ بىلەن بىرلىكتە چىمپىيۇنلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ ،ياۋروپادىكى داڭلىق كۇلۇبلارنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىنى قوزغىدى شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە 8 مىليون ياۋرو باھا بىلەن ھازىرقى پورتۇگالىيەنىڭ داڭلىق كۇلۇبى بولغان بېنفىكىغا يۆتكىلىپ ئۆزىنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۈتىرىلگەن پۇتپول كەسپىي ھاياتىنى باشلىدى .
QQ图片20121214043741_副本.jpg

دىمارىيانىڭ دادىسىمۇ ئىلگىرى كەسپىي پۇتپولچى ئىدى .بىر قىتىملىق ئېغىر يارلىنىش تۈپەيلى ،ھازىرقى ئارگىنتىنانىڭ داڭلىق كۇلۇبلىردىن بىرى بولغان دەريا قېنى كوماندىسىغا كىرىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان ئىدى ، شۇڭلاشقا دىمارىيا دادىسنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى بوپ قالغان ئىدى .كۈتكەندەك ئۇمۇ دادىسنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويمىدى ھەمدە دادىسنىڭ پۇتپول ئارزۇسنى ئۆزى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇردى . كېيىنچە ئۇ ئسپانىيە خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن بىرىنجى قىلغان ئىشى بولسا، ئاتا-ئانىسنىڭ يەنە ئەمدى جاپالىق ئىشلىمەسلىكىنى ،ئوغلى بىلەن بىللە تۇرۇپ تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى سۈرۈشنى ئىتتى .گەرچە ئىسپانىيەدە ئۈتكۈزگەن  ھاياتى شانلىق ۋە ئازاپقا تولغان بوسمۇ ئۇ ھەرگىز كۇلۇبتىكى دوسلىرنى ئۇنتۇپ قالمايتى ،  تاھازىرغىچە  ئۇلار بىلان ئالاقە باغلاپ تۇراتتى .
u=2285280901,2697093797&fm=21&gp=0.jpg

u=3397885666,638863828&fm=11&gp=0.jpg

دىمارىيانىڭ مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبىدىكى سەھنە ھاياتى تېخى ئەمدى باشلاندى ،ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى پۇتپول ھاياتىنىڭ تېخىمۇ بىر يۇقىر پەللىگە كۈتىرلىشىنى تولمۇ ئارزۇ قىلمەن .
u=2590908544,1653510543&fm=11&gp=0.jpg


                                                                                          ئەسكەرتىش
                     
                          ''دىمارىيانىڭ پۇتپول ھاياتى توغۇرلۇق بۇرۇن تېما يوللانغانمۇ ، يوللانمىغانمۇ بىلمىگەن ئاساستا يوللاۋەدىم ''

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
turgunjan + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-27 00:18:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   @baggio@ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-27 00:19  

ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ مەيداندىكى تىرىشچانلىقى رونالدو بىلەن مېسسىنىمۇ بېسىپ چۈشۈدۇ...90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاياغلىشاي دىگەندە ياكى تۇلۇقلىما مۇسابىقە ئويناش باسقۇچىغا كىرگەندە ،مەيداندا يەنىلا مۇسابىقە ئەمدى باشلانغاندەكلا ئاتتەك چېپىپ ئوينايدىغان بالا دەل مۇشۇ دىمارىيا.......
دىمارىيانىڭ ئۆزۈنى  مۇسابىقىغە بېغىشلاش روھىنى مېنىڭچە خالىغان يەردىن ئۇچىراتماق بەك تەس، جاننى تىكىپ ئوينايدىغان بالا بۇ... ...
ساڭا ھۆرمەت دىمارىيا....!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 23:42:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇن     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 23:46:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاۋاقنى يەنە يەنە ئازراق كولاپ نادىر تېما قىلىۋەتمەي. داۋاملىق تىرىشىڭ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 23:50:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتتى ياخشى تېما بوپتۇ ، قولۇڭىزغا دەرت بەرمىسىۇن ،   

ئۆزىل مادىرد تىن  كېتىپ ئۇزۇنغا قالمايلا ئۆزنى يەنە بىر قېتتىم  ئىسپاتلىدى . مانچىستىر دىكى كېيىنكى ئېشلىرى

ئۇتۇقلۇق  بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 23:54:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 23:58:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-27 00:01:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ميۇنخېن يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 23:50
ناھايتتى ياخشى تېما بوپتۇ ، قولۇڭىزغا دەرت بەرمىسىۇن ، ...

ئۆزىلنىڭ جىنى چاپلاشتىمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-27 00:04:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
motiwar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 00:01
ئۆزىلنىڭ جىنى چاپلاشتىمۇ؟

نويىر نىڭ جىنى چاپلاشتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-27 00:05:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 23:46
بۇ ئاۋاقنى يەنە يەنە ئازراق كولاپ نادىر تېما قىلىۋەتمە ...

ئۇنىمۇ كىنچە قىلامىز ،رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-27 00:07:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ميۇنخېن يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 23:50
ناھايتتى ياخشى تېما بوپتۇ ، قولۇڭىزغا دەرت بەرمىسىۇن ، ...

رەھمەت مۇشىنچېلىك دىگىنىڭىزگە ، خىلى بىر ھادىقىم چىقتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-27 00:20:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالۋاستىلاردا مۇشۇ بالىغا ماسلىشىدىغان يەنە بىر ياراملىق ئوتتورا مەيدان توپچىسى بولغان بولسا دىمارىيا تېخىمۇ ئېچىلىپ كىتەتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-19 04:22

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش