elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3715|ئىنكاس: 47

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى ئالدىنقى 10 مەرگەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-26 22:24:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!

  راھۇل ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ كەلگەن ياۋروپا  ئۇزغۇنلۇق رەسمى مۇسابىقىلىرىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكۇرتىنى بارسېلونادىكى ئارگېنتىنالىق داڭلىق چولپان مېسسى بۇزۇپ، 74 توپلۇق يېڭى رېكۇرت ياراتتى.
تۈۋەندە بىز ئۇزغۇنلۇق تارىخىدىكى ئالدىنقى 10 مەرگەن توپچىغا نەزەر سېلىپ باقايلى:

10. دىروبا
1.jpg

91 مەيدان مۇسابىقىدە 44 توپ كىرگۈزگەن،
ئۇ ئىلگىرى مارسېلى، گالاتا ساراي ، چېلسى ۋە دۆلىتىمىزدىكى شاڭخەي شېنخۇا  كۇلۇبلىرىدا توپ تەپكەن، ھازىر يەنە چېلسىغا قايتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ  ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسانىقىسىدىكى توپ كىرگۈزۈش رېكۇرتىنى  داۋاملىق يېڭىلاپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق  3-ئايلانمىدىكى مارېبور بىلەن بۇلغان مۇسابىقىدە، 885 كۈندىن كېيىن چېلسى كۇماندىسى ئۈچۈن بىر توپ كىرگۈزۇپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق سەھنىسىگە قايتىپ كەلدى، ئۇ ئۇزغۇنلۇق مەرگەنلەر ئالدىنقى 10 توپچىنىڭ ئىچىگە كىرەلىگەن بىردىنبىر ئافرىقىلىق توپچى،  گەرچە يېشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھازىرغىچە يېشىل چىملىقتا ھارماي كۆرەش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.


9. ئىنزاگى
2.jpg

81 مەيداندا 46 توپ كىرگۈزگەن.
بۇ ئىتالىيىلىك ھۇجۇمچى 1997-يىلى تۇنجى قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چىققان بۇلۇپ، ئالدى كەينى يۇۋېنتىس ۋە ئا س مىلەن كۇماندىسىدا81 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ،  46 توپ  كىرگۈزگەن، 2006-2007-ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقە پەسلى ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ، لېۋىرپول بىلەن بۇلغان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئىككى توپ ئۇرۇپ، كۇماندىنىڭ 2005-يىلى ئىستانبۇلدا لېۋىرپول تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان قىساسىنى ئېلىپ بېرىدۇ.


  8.يوشبېئو
3.jpg

65 مەيداندا 46 توپ كىرگۈزگەن، 1961-يىلدىن 1974-يىلغىچە پورتۇگالىيە زاردارى بېنفىكا كۇلۇبىدا توپ تەپكەن.
بۇ پۇرتۇگاليىلىكنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى ئىنزاگى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا بولسىمۇ، لېكىن مەيدان سانى جەھەتتىن ئازراق ئۈستۈنلۈككە ئېگە.
ئۇ 1961-1962-مۇسابىقە پەسلىدىكى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، كۈچلۈك رەقىبى رېئال مادىرت كۇماندىسىغا ئىككى توپ ئۇرۇپ،  بېنفىكا كۇلۇبىنىڭ رەقىبىنى 5:3 نەتىجە بىلەن يېڭىپ،  شۇ پەسسىللىك ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشىشكە تۆھپە قوشقان.  
ئەپسۇس، بۇ چولپان بۇ يىل بىرىنچى ئايدا ئالەمدىن ئۆتتى، بۇ 10 مەرگەن توپچى ئىچىدىكى بىز بىلەن ئەڭ بۇرۇن بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان توپچى بۇلۇپ قالدى.


  7. شېفۇچېنكو
4.jpg

100 مەيدان مۇسابىقىدە 46 توپ ئۇرغان.
بۇ ئوكرائىنالىق  1994-يىلدىن 2012-يىلغىچە بۇلغان 18 يىللىق كەسپى ھاياتىدا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، پۇتىنھام، ئاس مىلەن ، چېلسى كۇلۇبلىرى ۋە ئەڭ ئاخىردا ئوكرائىنادا توپ تەپكەن، 2002-2003-مۇسابىقە پەسلىدە، ئاس مىلەن كۇلۇبىغا ھەمدەم بولۇپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن، بىراق، 05-2004-مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىستانبول كېچىسى ئۇ، بىر ھالقىلىق نوقتا توپنى كىرگۈزەلمەي، كۇماندىنى ئىككىنچى قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرۈشتىن مەھرۇم قىلغان.


6. دېستېفانو
5.jpg

58 مەيداندا 49 توپ كىرگۈزگەن، توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ھەر مەيدانغا 0.84 توپتىن تۇغرا كېلىدۇ، بۇ جەھەتتىن 10 مەرگەن ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
1955-يىلدىن 1964 يىلغىچە مادىرتتا توپ تەپكەن،
1955-يىلدىن 1960-يىلغىچە، دېستېفانو رېئال مادىرتنى يېتەكلەپ، ئۇددا 5يىل ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىشتەك  بۇزۇلماس قورقۇنۇشلۇق رېكۇرتنى ياراتقان.
  2014-يىلى 7-ئايدا 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.


5. ھېنرى  
   
6.jpg

  112 مەيداندا 50 توپ كىرگۈزگەن.
ئۇ ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن فىرانسىيەلىك توپچى.
مۇناكۇ، ئارسىنال، بارسېلونا كۇلۇبلىرىدا توپ تەپكەن، 2008-2009-مۇسابىقە پەسلىدە كەسپى ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن
.

4. ۋان نېستىروي
  
7.jpg

73 مەيداندا 56 توپ كىرگۈزگەن.
بۇ گوللاندىيىلىك كەسپى ھاياتىدا، ئېۋىنخوۋېر، مانچېستىر بىرلەشمىسى ۋە رېئال مادىرىت كۇلۇبلىرىدا توپ تەپكەن، ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ توپچى كەسپى ھاياتىدا بىر قېتىممۇ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ باقمىغان، بەلكى، 2001-2002 ، 2002-2003 ۋە  2004-2005 مۇسابىقە پەسلىدە ئۇددا ئۈچ قېتىم ياۋروپا ئالتۇن ئۆتۈك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

3. كىرىستىيانو.رونالدۇ
8.jpg

107 مەيداندا 70 توپ .
ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سان ۋاقىتلىق، ئۇنىڭ رىۋايىتى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشماقتا. ( قىسقارتىلدى).


2. راھول
  
9.jpg

142 مەيداندا 71 توپ .
ئۇ رېئال مادىرت ، شارك04 كۇلۇبلىرىدا توپ تەپكەن.
ئىلگىرى ئۇ ياراتقان 71 توپلۇق رېكۇرت بۇزۇلمايدۇ دەپ قارىلىپ كەلگەن، لېكىن ھازىرقى دەۋىردىكى  ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى قاتىل ھۇجۇمچىلار كىرىستىيانو رونالدۇ بىلەن مېسسى، ئۇ خىيالنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى.
راھۇلنىڭ بۇ رېكۇرتىدىن باشقا يەنە رېئال مادىرىتتا ئۇنتۇلغۇسىز شان-شەرەپ ۋە ئۇ قالدۇرغان ئەسلىمىلىرى مەڭگۈ ساقلىنىپ قالغۇسى.
ئۇ كەسپى ھاياتىدا ئۈچ قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن.


`1. لېئونىل مېسسى
10.jpg

91 مەيداندا 74 توپ
ئۇ ئەمدىلا 27 ياشقا كىردى، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى كىرگۈزگەن ھەربىر توپى يېڭى بىر رېكۇرت .( قىسقارتىلدى)
بۇندىن كېيىن يەنە قانداق  نەتىجىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى دۇنيا مەستانىلەرنىڭ سەۋەرچانلىق بىلەن كۈتۈشىگە توغرا كېلىدۇ.




   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 23:41:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 23:31
نەچچە كۈندىن بېرى بۇ مۇنبەردە ئۇچراتقان ئەڭ ياخشى ئىن ...

راس  ئەمەسمۇ    بىر  مىيىپ  بالا  ئۆزى ئۈستىدىن  غالىپ  كىلىپ   پۇتۇن  دۇنيا  تونۇيدىغان  چولپانغا  ئايلاندى

يەنە  بىر  نامراتلار  مەھەلىسىدىن چىققان بالا نامراتلىق ۋە  كەمسىتىش  ئۈستىدىن  غالىپ  كىلىپ   پۇتبول  دۇنياسىدا  ئەڭ يۇقرى  مۇئاشلىق  تەنھا جەڭچىگە  ئايلاندى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 23:10:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرى قەستەن چېلىۋاتىدۇ، باگىيو قېرىندىشىم، ئۈنۈمنىڭ گىپىنى قىلمايلى ،باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 22:31:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك  دېستفانو  بىلەن  ۋانىستېرلوي  ئەڭ  يامىنىكەن   ھەر  بىر يىرىم مەيدان مۇسابىقىدە  بىردىن  توپ  ئۇرۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 22:36:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇن رونالدو قۇلاقچا كىيىپ قۇيدىغاندەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 22:37:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنۇگۇن بىرسى بىلەن دوسلۇق مۇسابىقىسى ئويناپ  2 توپ ئۇردۇم.  شۇنداق قىلىپ  بىر مەيداندا 2 توپ بىلەن توپ ئۇرۇشۇم 200%  يەتتى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 22:43:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ خالىسا مىسسى بىلەن رونالدو بۇ رىكورتلارنى خېلى بىر يەرلەرگە ئاپىرىدۇ، مىنىڭچە مىسسى سالامەتلا بولسا پۇتبول ساھەسىدىن چىكىنىگىچە بۇ رىكورتنى خېلى بىر يەرلەرگە ئاپىرىپ ئۇزغۇنلۇق تارىخىدىكى بىرىنچى مەرگەنلىك ئورنىنى خېلى بىر زامانلىغىچە ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 22:45:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن كەچ ئارگېنتىنالىقلارنىڭ ‹‹ قالپاق كىيىش كۈنى›› ئىكەن.
بۈگۈن كېچە پورتۇگالىيەلىك ئىككى-ئۈچ توپ ئۇرۇپ بولسىمۇ يۇشىبىئو بوۋىسىنىڭ روھىنى خۇش قىلىپ قويسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 22:55:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىشلار بولىدۇ ،كىيىن مىسسى بىۋاستە ۋەتىنىگە قايتىپ ۋەتىندىكى بىرە كۇلۇپتا توپ ئويناپ قالسا ،لوناردۇ گالاتا سارايدەك كۇلۇپلادا توپ ئوينىسا بۇ ئىككىسى رىكورت دىگەننى ئوڭتەي توڭتەي قىلۋىتىدىغان بولدى ،
مەن قارىسام لوناردۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا يارلىنىپ قالمىسىلا دىروبا ۋە ئىبرايىمۇۋىچقا ئوخشاش كىيىنمۇ شاش ئوينىشى مۇمكىن ،بۇ قىتىم ئالتۇن توپ ئىلىۋەتسە كىيىنكى كۈنلىردە ئالتۇن توپ ئىلىشى ناھايتى قىيىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 22:56:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 22:31
دىمەك  دېستفانو  بىلەن  ۋانىستېرلوي  ئەڭ  يامىنىكەن   ھە ...

دېسىتىفانو 58 مەيداندا 49 توپ توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى %84.48  
مېسسى 91 مەيداندا 74 توپ ئۈنۈمى  %81.31
ۋان نېستىروي   73 مەيداندا 56 توپ كىرگۈزگەن توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى  %76.71 .
كېرىستىيانو 107 مەيداندا 70 توپ   توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى  %65.42  .
ئېنزاگى  81 مەيداندا 46 توپ كىرگۈزگەن توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى : %56.8 .
شېفۇچېنكې 100 مەيدان مۇسابىقىدە 46 توپ ئۇرغان توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى : %46 .
يوشبېئو  65 مەيداندا 46 توپ كىرگۈزگەن،  ئۈنۈمى : %70.76 .
رائول 142 مەيداندا 71 توپ  . توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى : %50 .
ئەمدى  قايتا دەپ بېقىڭا قېرى ئاكا زادى قايسى ئىككى پۇتبولچىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئىكەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 22:58:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدونىڭ بىرىنجى ئۇرۇنغا ئۈتۈشىگىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى مىنىڭچە ، مۇشۇ پەسىللا ئۈتۈپ كىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم شۇنداق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ،

بېنزىمامۇ ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرىشكە ئاز قاپتۇ ،

ئالغا مادرېدلىقلار !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 22:59:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
@baggio@ يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 22:56
دېسىتىفانو 58 مەيداندا 49 توپ توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى %84.48  
مېس ...

دېستىفانو
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 23:01:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىزگە قايىل بولدۇم دېمىسىمۇ ئاشۇ قېرى 1- ئۇرۇندا ..ئەمما 2-سى باشقا بىرسى ئەمەس بەلكى مېسسى  ....
1-دا چاتاق يوق ئەمما 2- ئالمىشىپ قالغان چىراي...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 23:09:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 22:45
تۈنۈگۈن كەچ ئارگېنتىنالىقلارنىڭ ‹‹ قالپاق كىيىش كۈنى› ...

ئۆلۈپ قالغان بۇۋاي نېمىنى كۆرىدۇ...؟؟؟؟؟
جاۋاپ :   دوزاخنى..........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-15 05:51

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش