elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2426|ئىنكاس: 42

ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى تارىخى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-26 16:58:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
e824b899a9014c08cf0467f4097b02087bf4f4a0.jpg

ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ( Premier League )، ئادەتتە ئېنگلاند بىرلەشمىسى دىيىلىدۇ. ئېنگلاند پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى باشقۇرىشىدىكى پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسى، ياۋرۇپادىكى 5 چوڭ بىرلەشمىنىڭ بىرى. ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 20 كوماندىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 1992-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېنگلاند ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى دەپ ئاتىلاتتى، ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ئېنگلاند پۇتبۇل سىسىتىمىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقە ھىسابلىنىدۇ. ھەر پەسىللىك بىرلەشمە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئەڭ كەينىدىكى ئۈچ كوماندا ئېنگلاند چېمپىيونلۇق لوڭقىسى بىرلەشمىسىگە چۈشۈپ كىتىدۇ.
ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى دۇنيادىكى مەستانىلىرى ئەڭ كۆپ، كۆرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن، كىرىمى ئەڭ يۇقىرى تەنتەربىيە تۈرى ھىسابلىنىدۇ.
ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ 5 كوماندا چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ باققان. مانچېستېر بىرلەشمىسى 13 قىتىم، ئارسىنال 3 قىتىم، چىلسى 3 قىتىم، مانچېستېر شەھرى 2 قىتم، بىلەكبىرن 1 قىتىم چېمپىيون بولغان.

تارىخى تەرەققىياتى
ئەنگىلىيە ھازىرقى زامان پۇتبۇلچىلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئەنگىلىيەلىكلەر 1888-يىلىدىن باشلاپ بىرلەشمە مۇسابىقىنى باشلىغان. ئېنگلاند بىرلەشمىسى 100 نەچچە يىللىق
تارىخقا ئىگە.  1992-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 1992-1993-يىللىق ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇسابىقىسى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېنگلاند بىرلەشمىسى 4 دەرىجىگە بۆلۈنۈپ ئىلىپ بىرىلاتتى.
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كىيىن يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلارئېنگلاند پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىسلاھات ئىلىپ بىرىشىغا سەۋەپ بولغان.
1985-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 56 نەپەر پۇتبۇل مەستانىسى كونا تىراففورد مەيدانىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن. كەينىدىنلا 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بىلگىيەنىڭ
بىريۇسىل شەھرىدىكى خەيخۇر مەيدانىدا ئىلىپ بىرىلغان ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ لېۋىرپۇل بىلەن يۇۋىنتۇس ئوتتۇرسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە داڭلىق
خەيخۇر پارتىلىتىش ۋەقەسىدە 39 نەپەر مەستانە ئۆلگەن. ئېنگلاند كۇلۇبلىرى ياۋرۇپا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن 5 يىل ياۋرۇپادىكى ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە
قاتنىشىشتىن چەكلەنگەن. 1989-يىلى خىلىسبۇرگ پۇتبۇل مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن  لېۋىرپۇل بىلەن نوتتىڭھام ئورمان كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى ئېنگلاند لوڭقىسى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كۆرۈش سۇپىسى ئۆرۈلۈپ كىتىپ، 96 مەستانە ئۆلۈپ، 150دىن ئارتۇق ئادەم يارلانغان.
ئەينى ۋاقىتتا ھەرقايسى كۇلۇبلارنىڭ مەيدان ئەسلىھەلىرى كونىراپ كەتكەن، پۇتبۇل لۈكچەكلىرى ھەممە جايدا قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ يۈرگەن ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.
خىلىسبۇرگ پۇتبۇل مەيدانى ئۆرۈلۈپ چۈشكەندىن كىيىن ئېنگلاند پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ مەيدانلارنى يىڭىلاپ، بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش خىزمىتى ئىلىپ بارغان.
1992-يىلى مەيدان ئۆزگەرتىشكە زور مەبلەغ ئاجراتقان نۇرغۇنلىغان كۇلۇبلار زىيان تارتقان، ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ چەكلىنىشى ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇبلارنىڭ
ياۋرۇپادىكى كۇلۇبلار بىلەن بولغان پەرقىنى زورايتىۋەتكەن.
شۇ ۋاقىتلاردا ئېنگلاند پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى ئېنگلاند ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ بىرلەشمىدىن چىكىنگەنلىكىنى، ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ
قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە 22 كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشقان. 1994-1995-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن كىيىن بىرلەشمىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن 22 كوماندا 20 كوماندىغا قىسقارتىلغان.
ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى 1992-يىلى 8-ئاينىڭ 15- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن.
ئېنگلاند پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى مەبلەغ توپلاش ئۈچۈن ئاسمان تېلۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ئۇلاپ تارقىتىش توختامى ئېمزالىغان.
ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنى ئۇلاپ تاقىتىدىغان ئاسمان تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 5 پەسىللىك ئۇلاپ تارقىتىشدىن كىيىن پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى 191 مىليون فونىستېرلىڭ كىرىمگە ئېرىشكەن.ئىككىنچى قىتىملىق توختامدىن كىيىن يەنى 1997-1998-مۇسابىقە پەسلىدىن كىيىنكى 4 پەسىل ئاسمان ېلۋىزىيەئىستانسىسىنىڭ
ئۇلاپ تارقىتىشدىن كىيىن 670 مىليون فونىستېرلىڭغا ئېرىشكەن. ئۈچىنچى قىتىملىق توختامدىن كىيىن 1 مىليارت 100 مىليون فونىستېرلىڭغا ئېرىشكەن.
ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ كۆرۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كىلىنسىمان، زولا، ۋىئالى، قاتارلىق چولپانلارنى قوشۇۋالغان. يەنە باشقا دۆلەتلەردىن
مورىنىئو، ۋىنگىر قاتارلىق داڭلىق تىرىنىرلارنىمۇ قوشۇۋالغان.
مۇشۇنداق تىرىشچانلىق ئارقىسىدا، مانچېستېر بىرلەشمىسى 1997-1998، 2007-2008-يىللىق ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا، ئارسىنال بولسا
1993-1994-يىللىق ياۋرۇپا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا، لېۋىرپۇل 2000-2001-يىللىق ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا، 2004-2005-يىللىق ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا، چىلسى 1998-يىلى ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا، 2011-2012-يىللىق  ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن.

بىرلەشمە مۇسابىقە تۈزىمى
1994-1995-يىللىق مۇسابىقە پسلىدىن كىيىن 22 كوماندا 20 كوماندا قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ھەربىر كوماندا ساھىبخان ۋە مىھمان مەيدان بولۇپ ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ. ئومۇمى 38 ئايلانما مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلىدۇ. بىر مەيدان مۇسابىقىدە يەڭسە 3 نومۇرغا تەڭلەشسە 1 نومۇرغا ئېرىشىدۇ. ئېرىشكەن ئومۇمى نومۇرىغا
ئاساسەن چېمپىيون كوماندا تاللاپ چىقىلىدۇ.
بىرلەشمىدە ئالدىنقى ئۈچ قاتارىغا كىرگەن كوماندا ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدۇ، 4-بولغان كوماندا سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئوينايدۇ.
10dfa9ec8a136327d0258030938fa0ec09fac7ed.jpg

چېمپىيونلۇق لوڭقىسى
ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى خانلىق ئەسپىرەي ئۈنچە-مەرۋايىت دۇككىنى ياسايدىغان بولۇپ، ئىغىرلىقى ئىككى يىرىم كىلوگىرام،
ئىگىزلىكى 43 سانتىمىتىر، كەڭلىكى 25 سانتىمىتىر، ئاساسلىق ئالتۇن بىلەن كۆمۈشنى بىرلەشتۈرۈپ ياسايدۇ. ئاستىغا چېمپىيون كوماندىنىڭ نامى ئويىلىدۇ.
ئەڭ ئاستىدىكى يىشىل رەڭ چىملىققا سىمۋۇل قىلىنىدۇ. لوڭقا ئەنگىلىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ‹ ئۈچ شىر › ئاساسىدا ياسىلىدۇ، ئۈستىگە تاج قويىلىدۇ، ئىككى شىر ئىككى تەرەپكە
ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ،چېمپىيون كوماندىنىڭ كاپىتنى ئۈچىنچى شىر ھىسابلىنىدۇ.
2004-يىلى ساپ ئالتۇندىن ياسالغان لوڭقا ئارسىنال كوماندىسىغا بىرىلىدۇ، چۈنكى ئارسىنال كوماندىسى ئاشۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە بىر مەيدانمۇ مەغلۇپ بولماي
چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.
ھەر ئايدا بىر قىتىم ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر كاپىتان ›، ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى › مۇكاپاتى تارقىتىلىدۇ. ھەر پەسىلدە بىر قىتىم ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر تىرىنىر › مۇكاپاتى تارقىتىلىدۇ.


ئىقتىسادى ئەھۋالى
ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 2006-2007-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى ئومۇمى مەبلىغى 2 مىليارت 200 مىليون فونىستېرلىڭ
بولغان. لىكىن بۇنىڭ ئىچىدىكى 900 مىليون فونىستېرلىڭ ھەرقايسى پايچىكلەرنىڭ قولىدا. بىرلەشمىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان چىلسى، مانچېستېر بىرلەشمىسى،
ئارسىنال قاتارلىق كۇلۇبلارنىڭ مەبلىغى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 620 مىليون فونىستېرلىڭ، 605 مىليون فونىستېرلىڭ ۋە 268 مىليون فونىستېرلىڭ بولۇپ، چىلسى كۇلۇبىنىڭ رەئىسى ئابلايىموۋىچنىڭ سالغان مەبلىغى 575 مىليون فونىستېرلىڭ. ئۇ ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئۆز ئالدىغا ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان ئادەم ھىسابلىنىدۇ.
ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ھەر يىللىق كىرىمى 2 مىليارت 300 مىليون ياۋرۇ بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى بىرلەشمىلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
لىكىن ھەر يىلى 1 مىليارت 410 مىليون قەرز قايتۇرىدىغان بولۇپ، ساپ كىرىم جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىن 250 مىليون ياۋرۇ ئاز.

خاتىرىلەش يىغىنى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 20 يىللىق خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا 20 يىلدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاپ چىققان.
ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت؛
‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى › - گىگىس
‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر يەرلىك توپچى › - گىگىس
‹ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەللىك توپچى › - ھىنرى
‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپ ئۇرغۇچى › - ئالەن-شېر 260 توپ
‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر تىرىنىر ›- ئالىكىس-فورگىسىن
‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر كوماندا › - ئارسىنال  2003-2004-مۇسابىقە پەسلى 38 ئايلانمىدا 26 مەيدان يىڭىپ، 12 مەيدان تەڭلىشىپ ئۇتتۇرمىغان.
‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇسابىقە- 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى مانچېستېر بىرلەشمىسى 4-3 نەتىجە بىلەن مانچېستېر شەھرىنى يەڭگەن مۇسابىقە
‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئۇرۇلغان توپ ›- 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى رۇنىينىڭ مانچېستېر شەھرىگە ئۇرغان توپى
‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر تەبرىكلەش ھەركىتى ›- 1996-يىلى مانچېستېر بىرلەشمىسى 5-0 ساندىرلاند كومەندىسىنى يەڭگەن مۇسابىقىدىكى كانتونانىڭ ھەركىتى
‹ ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت مەغلۇپ بولمىغان ۋارتا ›- داۋىد-جامىس 173 مەيدان مەغلۇپ بولمىغان
‹ ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان ماھىر ›- گىگىس 598 مەيدان

20 يىل جەريانىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى ›
ۋارتا- داۋىد-جامىس،   بىكلار- گەرىي-نىۋىللا، تونى-ئادامىس، نىمانىيا-ۋىدىچ، ئاشلى-كول،    ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى- كىرىستىيانو-رونالدو، پاۋلو-سىكولىس،
سىتىۋىن-جىرراد، رىيىن-گىگىس،   ھوجۇمچىلار- ئالەن-شېر، ھىنرى.

ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ چېمپىيون بولغان كوماندا ۋە قىتم سانى، مۇسابىقە پەسلى
مانچېستېر بىرلەشمىسى 13 قىتىم.  1992-1993-، 1993-1994-، 1995-1996-، 1996-1997-، 1998-1999-، 1999-2000-، 2000-2001-،
2002-2003-، 2006-2007-، 2007-2008-، 2008-2009-، 2010-2011-، 2012-2013-مۇسابىقە پەسىللىرى.

ئارسىنال 3 قىتىم.  1997-1998-، 2001-2002-، 2003-2004- مۇسابىقە پەسىللىرى.

چىلسى 3 قىتىم.  2004-2005-، 2005-2006-، 2009-2010-مۇسابىقە پەسىللىرى.

مانچېستېر شەھرى 2 قىتىم.  2011-2012-، 2013-2014-مۇسابىقە پەسىللىرى.

بىلەكبىرىن سەرگەردانلار 1 قىتىم.  1994-1995-مۇسابىقە پەسىللىرى،

ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان 10 توپچى
alan.jpg
1. ئالەن-شېر  260 توپ ئۇرغان
ئالەن-شېر 1970-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ نيۇكاستىل شەھرىدە تۇغۇلغان، ئىگىزلىكى 183 سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 73 كىلوگىرام، ھوجۇمچى.
دۆلەت كوماندىسىدا 9-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيگەن. دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 63مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 30 توپ ئۇرغان.
1985-يىلى جەنۇبى ئامپىتۇن كوماندىسىغا قوشۇلغان، 1987-يىلى تۇنجى قىتىم جەنۇبى ئامپىتۇنغا ۋاكالىتەن ئارسىنال بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ قالپاق ئويۇنى ئوينىغان. 1992-يىلى تۇنجى قىتىم دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ فىرانسىيەگە بىر توپ ئۇرغان. 1992-يىلى بىلەكبېرن كوماندىسىغا قوشۇلغان. 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بىرلەشمىدىكى 100-توپنى ئۇرغان. 1996-يىلى 7-ئايدا شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيا يۆتكۈلۈش باھاسىنى بۇزۇپ 15 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن نيۇكاستىل كوماندىسىغا يۆتكەلگەن. 1998-يىلى دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى سالاھىتىدە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان. 2000-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىدىن كىيىن دۆلەت كوماندىسىدىن چىكىنگەن. 2005-2006-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن كىيىن پۇتبۇلچىلىقتىن چىكىنگەن.
ئېرىشكەن شان-شەرىپى
1995-يىلى ‹ ئېنگلاند پۇتبۇل ئەپەندىسى › مۇكاپاتى.
1996-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپ ئۇرغۇچى › مۇكاپاتى.
10 يىللىق ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى › مۇكاپاتى.
10 يىللىق ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر يەرلىك توپچى › مۇكاپاتى.
10 يىللىق ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى › .
10 يىللىق ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر يەرلىك سەپ شەكلى › .
ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى › .

جەنۇبى ئامپىتۇن كوماندىسىدا 23 توپ ئۇرغان. بىلەكبېرن كوماندىسىدا 112 توپ ئۇرغان.  نيۇكاستىل كوماندىسىدا 125 توپ ئۇرغان.
andiro.jpg
2. ئاندىرىۋ-كول  189 توپ ئۇرغان
1971-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ نوتتىڭھامدا تۇغۇلغان. ئىگىزلىكى 178 سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 73 كىلوگىرام، ھوجۇمچى.
كول 1988-يىلى ئارسىنالغا قوشۇلغان، 2 يىلدىن كىيىن فۇلھام كوماندىسىغا ئىجارىگە بىرىۋىتىلگەن، ئۇ فۇلھام كوماندىسىدا 13 مەيدان مۇسابىقىدە 3 توپ ئۇرغان.
1993-يىلى 2-ئايدا نيۇكاستىل كۇلۇبىنىڭ يۆتكۈلۈش رىكورتىنى بۇزۇپ 17مىليون 500 مىڭ فونىستېرلىڭ باھا بىلەن نيۇكاستىل كۇلۇبىغا قوشۇلغان، كوماندىغا قوشۇلغان يىلى 12 توپ ئۇرۇپ كوماندىنىڭ ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە قاتنىشىشىغا ھەسسە قوشقان. كىينكى يىلى نيۇكاستىل كوماندىسىنىڭ ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى پەسلىدە كول 40 مەيدان مۇسابىقىدە 34 توپ ئۇرۇپ نيۇكاستىل كوماندىسىنىڭ ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىشىغا تۆھپە قوشقان. 1995-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 7 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان. قىزىل ئالۋاستىغا قوشۇلغان دەسلەپكى 18 مەيدان مۇسابىقىدە 12 توپ ئۇرغان. 1995-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلغان، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 15 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 1 توپ ئۇرغان، 2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلمىغاچقا دۆلەت كوماندىسىدىن چىكىنگەن. 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى پۇتبۇلچىلىق ساھەسىدىن چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلغان.

نيۇكاستىل كوماندىسىدا 55 توپ ئۇرغان، مانچېستېر بىرلەشمىسىدە 93 توپ ئۇرغان، بىلەكبېرن كوماندىسىدا 27 توپ ئۇرغان، فۇلھام كوماندىسىدا 12 توپ ئۇرغان، مانچىستېر شەھرى كوماندىسىدا 9 توپ ئۇرغان، پورستماۋس كوماندىسىدا 3 توپ ئۇرغان.
ئېرىشكەن نەتىجىسى
مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى 6 يىل جەريانىدا 5 قىتىم بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. 1993-1994-مۇسابىقە پەسلى ‹ ئالتۇن كەش › مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
hinri.jpg
3. ھىنرى  175 توپ ئۇرغان
ھىنرى 1977-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئىگىزلىكى 188سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 83 كىلوگىرام. ھوجۇمچى.
1999-يىلى 10مىليون 500مىڭ فونىستېرلىڭ باھا بىلەن يۇۋىنتۇستىن ئارسىنالغا قوشۇلغان. ئارسىنالغا قوشۇلغاندىن كىيىن دۇنيا دەرىجىلىك چولپانغا ئايلانغان.
1999-2000-مۇسابىقە پەسلى ھىنرى 26 توپ ئۇرۇپ ئارسىنالنىڭ بىرلەشمىدە ئىككىنچى بولىشىغا كۈچ قوشقان. 2001-2002-مۇسابىقە پەسلى ئارسىنالنىڭ لېۋىرپۇلنى يىڭىپ بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەن. 2002-2003-مۇسابىقە پەسلى ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 32 توپ ئۇرۇپ 23 ياردەمچى پاس چىقىرىپ پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان. 2003-2004-مۇسابىقە پەسلى ئارسىنال كوماندىسى ھىنرى، پىرىس، بېرگكەمپ قاتارلىق توپچىلارنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن بىرلەشمىدە بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرماي بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن.

ئىرىشكەن نەتىجىلىرى
1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى، 2000-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسى چېمپىيونى، 2002،2004،2005،2006-يىللىرى ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر ›، 2003،2005-يىللىرى ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى پاس شاھى، 2000،2003،2004،2005،2006-يىللىرى ‹ فىرانسىيە پۇتبۇل ئەپەندىسى › ، 2003-يىلى بىرلەشمە لوڭقىنىڭ ‹ ئالتۇن توپ › ۋە ‹ ئالتۇن كەش › مۇكاپاتى،2003-2004-،2004-2005-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپا ‹ ئالتۇن كەش › مۇكاپاتى قاتارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ھىنرى 175 توپنىڭ ھەممىنى ئارسىنال كوماندىسىدا ئۇرغان
roni.jpg
4. رۇنى  175 توپ ئۇرغان
رۇنى 1985-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ لېۋىرپۇل شەھرىدە تۇغۇلغان. ئىگىزلىكى 178سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 83 كىلوگىرام. ھوجۇمچى.
2002-يىلى 17 ياشقا توشمىغان رۇنى ئىۋىرتۇن كۇلۇبىنىڭ ياشلار كوماندىسىدا 8 مەيدان مۇسابىقىدە 8 توپ ئۇرۇپ بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا چىققان، 17 ياشقا كىرگەن رۇنى 2003-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلغان ھەمدە 2003-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاۋۇستىرالىيە بىلەن بولغان دوستلۇق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان،
2003-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى توپنى ئۇرغان. 2004-يىلى 27 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان.
ئېرىشكەن نەتىجىلىرى
2002-يىلى BBC يىللىق ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش تەنھەركەتچى › مۇكاپاتى.
2004-يىلى ‹ ياۋرۇپا ئالتۇن ئۆسمۈر › مۇكاپاتى. 2008،2009-يىللىرى ئېنگلاند يىللىق ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى › مۇكاپاتى.
2008-2009-يىللىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى › مۇكاپاتى. 2004-يىلى ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى.
2004-يىلى ياۋرۇپا ‹ كۆمۈش ئاياق › مۇكاپاتى، 2004-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىدا ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش توپچى › مۇكاپاتى.
2009-2010-،2011-2012-مۇسابىقە پەسلى ‹ ئېنگلاند كۆمۈش ئاياق › مۇكاپاتى، 2009-يىلى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى ‹ ئالتۇن ئاياق › مۇكاپاتى.
ئىۋىرتۇن كوماندىسىدا 15 توپ ئۇرغان، مانچېستېر بىرلەشمىسىدە 160 توپ ئۇرغان.
lampard.jpg
5. لامپارد  173 توپ ئۇرغان
لامپارد 1978-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى لوندۇندا تۇغۇلغان.  ئىگىزلىكى 183سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 79 كىلوگىرام. ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى.
لامپارد 1995-يىلى غەربى ھام كۇلۇبى بىلەن توختام تۈزگەن، 1995-يىلى 10-ئايدا سىۋانسى كوماندىسىغا ئىجارىگە بىرىۋىتىلگەن، 1996-يىلى 1-ئايدا قايتىپ كەلگەن. 2001-يىلى 11مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن چىلسى كۇلۇبىغا قوشۇلغان. 2001-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى نيۇكاستىل كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە
چىلسىدىكى تۇنجى توپىنى ئۇرغان. چىلسىدىكى دەسلەپكى پەسىل 7 توپ ئۇرغان. 2014-يىلى چىلسى كوماندىسىدىن ئايرىلغان. 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامرىكا نيۇيورك كوماندىسى بىلەن توختام تۈزگەن. 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى مانچېستېر شەھرى لامپاردنى ئىجارىگە ئالغانلىقىنى ئىلان قىلغان.

ئېرىشكەن نەتىجىلىرى
2004-يىلى ئېنگلاند دۆلەت كوماندىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر ›، 2004-يىلى ‹ ئېنگلاند پۇتبۇل ئەپەندىسى › نى باھالاشتا ئىككىنچى.
2005-يىلى ‹ دۇنيا پۇتبۇل ئەپەندىسى ›نى باھالاشتا ئىككىنچى، 2005-يىلى ياۋرۇپا ‹ كۆمۈش ئاياق › مۇكاپاتى.
2005-يىلى چىلسى كوماندىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر ›، 2005-يىلى ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر › .
2008-يىلى ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى › قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
لامپارد 173 توپنىڭ 23 توپنى غەربى ھام كوماندىسىدا، 148 توپنى چىلسىدا، 2 توپنى مانچېستېر شەھرىدە ئۇرغان.
fawlir.jpg
6. روببى-فوۋلىر  162 توپ ئۇرغان
روببى-فوۋلىر 1975-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى لېۋىرپۇلدا تۇغۇلغان.  ئىگىزلىكى 180سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 74 كىلوگىرام. ھوجۇمچى.
فوۋلىر 1991-يىلى لېۋىرپۇل كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 2001-يىلى 11 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن لىز كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 2003-يىلى 3 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن مانچېستېر شەھرى كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 2006-يىلى ئەركىن توپچى سالاھىتىدە لېۋىرپۇلغا قوشۇلغان، 2007-يىلى كاردىف شەھرى كۇلۇبىغا ھەقسىز قوشۇلغان.
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى پۇتبۇلچىلىقتىن چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلغان.

ئېرىشكەن نەتىجىلىرى
1995،1996-يىللىرى پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش توپچى › مۇكاپاتىغا، 1994-1995-،2000-2001-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى › مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
162 توپنىڭ 128 توپنى لېۋىرپۇلدا، 14 توپنى لىزدا، 20 توپنى مانچېستېر شەھرىدە ئۇرغان.
owin.jpg
7. ئوۋىن  150 توپ ئۇرغان
ئوۋىن 1979-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان.  ئىگىزلىكى 172سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 70 كىلوگىرام. ھوجۇمچى.
ئوۋىن 1996-يىلى لېۋىرپۇل كۇلۇبى بىلەن توختام ئېمزالىغان، 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى 12 مىليون ياۋرۇ باھا بىلەن خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان، 2005-يىلى
8-ئاينىڭ 30-كۈنى 16 مىليون ياۋرۇ باھا بىلەن نيۇكاستىل كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 2009-يىلى مانچېستېر بىرلەشمىسىگە ھەقسىز قوشۇلغان، 2012-يىلى سىتوك شەھرى
كۇلۇبىغا ھەقسىز قوشۇلغان.2013-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى پۇتبۇلچىلىقتىن چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلدى.

ئېرىشكەن نەتىجىلىرى
1998-يىلى BBC تەرىپىدىن ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچى ›، 1998-يىلى ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ›.
2001-يىلى ‹ ياۋرۇپا پۇتبۇل ئەپەندىسى ›، 2001-يىلى ياۋرۇپا ‹ ئالتۇن توپ  › مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
150 توپنىڭ 118 توپنى لېۋىرپۇلدا، 26 توپنى نيۇكاستىلدا، 5 توپنى مانچېستېر بىرلەشمىسىدە، 1 توپنى سىتوك شەھرىدە ئۇرغان
firdinand.jpg
8 -لەسلى-فىردىنەند  149 توپ ئۇرغان
فىردىنەد 1966-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى لوندۇندا تۇغۇلغان.  ئىگىزلىكى 181سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 80 كىلوگىرام. ھوجۇمچى.
فىردىنەند 1987-يىلى ئايال پادىشاھ باغچا سەرگەردانلار كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 1995-يىلى 6 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن نيۇكاستىل كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 1997-يىلى 6 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن توتتىنھام كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 2003-يىلى 200مىڭ فونىستېرلىڭ باھا بىلەن غەربى ھام كوماندىسىغا قوشۇلغان، 2003-يىلى 7-ئايدا لەستىر كۇلۇبىغا ھەقسىز قوشۇلغان، 2004-يىلى 4-ئايدا بولتۇن كۇلۇبىغا ھەقسىز قوشۇلغان. 2005-يىلى 12-ئايدا چىكىنگەن.
149 توپنىڭ 80 توپنى ئايال پادىشاھ باغچا سەرگەردانلار كۇلۇبىدا، 41 توپنى نيۇكاستىل كۇلۇبىدا، 33 توپنى توتتىنھام رىس كۇلۇبىدا، 2 توپنى غەربى ھام كوماندىسىدا،
12 توپنى  لەستىر كۇلۇبىدا، 1 توپنى بولتۇن كۇلۇبىدا ئۇرغان
xirigham.jpg
9. تەددىي-شىرىڭخام  147 توپ ئۇرغان
تەددىي-شىرىڭخام 1966-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى لوندۇندا تۇغۇلغان.  ئىگىزلىكى 180سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 78 كىلوگىرام. ھوجۇمچى.
1984-يىلى مىلۋول كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 1991-يىلى 2 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن نوتتىڭھام ئورمان كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 1992-يىلى 2مىليون 150مىڭ فونىستېرلىڭ باھا بىلەن توتىنھام رىس كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 1997-يىلى 3 مىليون 500 مىڭ فونىستېرلىڭ باھا بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان، 2001-يىلى
توتىنھام رىس كۇلۇبىغا ھەقسىز قوشۇلغان،2003-يىلى پورتىس ماۋۇس كۇلۇبىغا ھەقسىز قوشۇلغان، 2004-يىلى غەربى ھام كۇلۇبىغا ھەقسىز قوشۇلغان.
2008-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلغان. 2014-يىلى 6-ئايدا غەربى ھام كوماندىسى شىرىڭخامنى تىرىنىرلىققا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئىلان قىلغان.
147 توپنىڭ 1 توپنى نوتتىڭھام ئورمان كۇلۇبىدا، 98 توپنى  توتىنھام رىس كۇلۇبىدا، 31 توپنى مانچېستېر بىرلەشمىسىدە، 22 توپنى  پورتىس ماۋۇس كۇلۇبىدا، 8 توپنى
غەربى ھام كۇلۇبىدا ئۇرغان. شىرىڭخام تۇنجى قىتىم ئېنگلاند ‹ ئالتۇن ئاياق › مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن
difo.jpg
10. جىرمەيىن- دىفو  134 توپ ئۇرغان
جىرمەيىن- دىفو 1982-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى لوندۇندا تۇغۇلغان.  ئىگىزلىكى 170سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 65 كىلوگىرام. ھوجۇمچى.
دىفو 1999-يىلى چىلتو تەنتەربىيە كۇلۇبىدىن 400مىڭ فونىستېرلىڭ باھادا غەربى ھام كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 2004-يىلى 700مىڭ فونىستېرلىڭ باھادا  توتىنھام رىس كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 2008-يىلى 750 مىڭ  فونىستېرلىڭ باھادا پورتىس ماۋۇس كۇلۇبىغا قوشۇلغان،2009-يىلى 1 مىليون 640 مىڭ فونىستېرلىڭ باھا بىلەن توتىنھام رىس كۇلۇبىغا قوشۇلغان.  دۆلەت كوماندىسىدا 40 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 11 توپ ئۇرغان.
134 توپنىڭ 11 توپنى غەربى ھامدا، 15 توپنى  پورتىس ماۋۇسدا، 95 توپنى  توتىنھام رىستا، 13 توپنى چىلتو تەنتەربىيە كۇلۇبىدا ئۇرغان.


سەمىمى ئەسكەرتىش ، ئەڭكۆپ توپ ئۇرغان توپچىلار دىگەن تىمىنى ئالدىنقى كۇنى يوللاپ بولغانتىم
شۇندا بولسىمۇ تىمىنىڭ تىخىمۇ بەك مۇكەممەللشسى ئۇچۈن  مۇنۇ تىمامنىڭ ئاخىرغا قىتىپ قويدۇم
تىمامنى ياختۇرشىڭلانى چىنكۆڭلۇمدىن ئۇمۇد قىلىمەن رەخمەت

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +300 يىغىش سەۋەبى
turgunjan + 50 نادىر
سىرداش + 100 ئەجىرلىك تىما
تۈمەن + 50 قالتىس!
murder + 50 قالتىس!
raul001 + 50 ئەجىرلىك تېما ،قالتى.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 19:35:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-26 18:34:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رەئېس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-26 18:38  
XATKAR886 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 18:23
ئەرىز قىلىپ تېما تەكشۈرۈش تامغىلاش باش ئىشتبىغا بارى ...


ھى ھى ھى قىززىقچى جۇمۇ سىز قايىلمەن سىزگە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 18:23:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
murder يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 18:11
ھاھا، دىمىسىمۇ ئەمدى نادىرلىمىسا بولماس، بولمىسا رەئ ...


ئەرىز قىلىپ تېما تەكشۈرۈش تامغىلاش باش ئىشتبىغا بارىمەن دەيدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 18:07:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-26 18:09  
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 17:03
ۋاي  كۆزەم   قايسى  پىخسىق  باشلىق  نادېر  تامغىسىنى   ...


قېرىكا رەھپەرلەر بۇتېمىغا  ئەمدى تامغا باسمىسا رەئىس ئەرىز قىلىپ نادىر تېمىدىن بىرنى يىزىۋېتىشى مۇنكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 17:03:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي  كۆزەم   قايسى  پىخسىق  باشلىق  نادېر  تامغىسىنى  باسمايدۇ  بۇ  تىمىغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 17:10:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى تىمىنى قوشقۇنىڭىزنى توغرا چۈشىنىمىز، بەكلا ياخشى چىقىپتۇ. نادىر تىما بولغۇسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 17:11:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونىينىڭ مانچىستىردا توپ تەپكىنىگىمۇ بىردەمدە 10 يىل بوپقاپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 17:15:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى تىللىشىئىپ تۈكۈرۈشۈپ كەتكەن مۇشۇ ۋاقىتتا نادىر تىمىدىن بىرنى يېزىۋىتىپسىز رەھمەت بۇرادەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 17:17:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە دىگەن ئۇقۇمغا بىرەرسىڭلار چۇشەنچە بىرىپ باققان بولساڭلار ، دەرجىدىن تاشقىرى ئاتىلىشىنىڭ بىرەر شەرتى ياكى سەۋەبى بولامدىغاندۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 17:24:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
exaniq يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 17:17
دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە دىگەن ئۇقۇمغا بىرەرسىڭلار چ ...

مىنىڭ چۈشەنچەمچە، ئىلگىرىكى تۆت دەرىجىگە ئايرىپ ئىلىپ بىرىلىدىغان بىرلەشمە مۇسابىقە يوقۇتىلىپ ھەممە بىرلەشمە بىرلەشتۈرۈلۈپ ئەڭ ياخشى كوماندىلار تاللاپ چىقىلغان يىڭى بىرلەشمە بولغاچقا دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ ئاتالغان بولىشى مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 17:35:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي تۆۋە ، ئۆزىنىڭ شەخسى ئۆچىنى دەپ ،بىرنى تر…چ دەپ سېتشتىن يانمايدىكەنمىز ھە، مىنىڭ ئاكام ھەربى دەپ
ئاتقۇزۋەتسەم تاغان ج خ ئىدارىسنىڭ باشلىقى دەپ سولاتقۇزۋەتسەم نامەرتلىك بولماسمۇ ،ئۇنداق قىممايلى كەڭ قوساق بولايلى ،پەقەت تۈزەلمىسە ھەممەيلەن ئەركەك بولغاندىكىن چىقىپ بىر ئىككىدىن قويشۇپ ،ھە دەپ يەنە قول بىرىپ ئۆتسەك بولماسمۇ؟ ھە ياركۈيى، ئۇنداق ئاچچىقىمىز بولسا ،خەقتىن سەۋەنلىك ئۆتكەن بولسا،سېنىڭ ما ئىشىڭ خاتا
دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىغا خىلاپ دەپ ،تۈزتىۋالساق بولىدىغۇ
پەقەت ئاچچىقىمىز چىقمىسا،بىرەر ئىككىدىن ئىتىشساقمۇ بولىدىغۇ،ياركۈى ئىنىم بىلەن تەڭسىز بەلكىم ،بۇلارمۇ قىرىنداشلىرىمىز ئەمەسمۇ ،خاتالىقىنى كۆرسىتىپ تۈزىتىپ
قانۇن نىزاملارنى ئەسكەرتىپ تۇرساق ياخشى بولماسمۇ ئىنكاسىڭىزنى ساقلايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 17:39:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uchkur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 17:35
ھەي تۆۋە ، ئۆزىنىڭ شەخسى ئۆچىنى دەپ ،بىرنى تر…چ دەپ سېت ...

تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يىزىپ كىتىپسىزغۇ قىرىندىشىم، نىمە بولغان سىزنى بۇنچە ئاچچىقلاتقىدەك ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 17:45:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا، بەزى تىمىلاردا گەپ تالىشىپ ئىنكاس دىگەن نەچچە بەت بولۇپ كىتىپتۇ، بىلمىگەننى بىلىۋالدىغان مۇشۇنداق تىمىدا ئىنكاسنىڭ تايىنى يوق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 17:55:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
murder يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 17:39
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يىزىپ كىتىپسىزغۇ قىرىندى ...

مەن ئاچىقلىنىشىم باشقىلار بىلەن يۈزتۇرانە پىكىرلىشەلمەي
كۆڭلۈمنى باشقىلارنىڭ چۈشەنمەسىلىكىدىن كەلگەن دەپ قارسىڭىزمۇ بولىدۇ ،مەن باشقىلارغا ئۆچمەنىلىك ساقلىمايمەن
باشقىلار ماڭا ئەسكىلىك قىلسا ،مەن دەل ۋاقتىدا ،دەل جايىدا
ئەدىپىنى ئۆز قولۇم بىلەن بىرىمەن ،چۈنكى باشقىلار مەن بىلەن قانداق سالاھىيەتتە تىركەشسسە مەن شۇنداق سالايەتتە ئەدىپىنى بىرىمەن،چۈنكى باشقىلار مىنىڭ باشقا سالايىتىمنى بىلمىگەندىن كىيىن  ئۇلاردا خاتالىق يوق ،مىنى باشقىلار توپ مەيداندىكى رىقابەتچىم دەپ قاراپ پۇت سالسا مەن دەرھال قوپۇپ بىر پەشۋا سوغا قىلشىم مۇمكىن خەق ئورۇنسىز بىرنى سالسا مەنمۇ بىرنى سالىمەن ،ئۇنداق قىلماي بىرنى سالسا گەپ قىلالماي تاغام ج خ ئېدارىسىنىڭ باشلىقى دەپ ئۇنىڭ باشقا گەپلىرىنى دەپ سولاتقۇزۋەتمەي نەق مەيداندا بۇنداق دىسەڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ دەپ يول يولى بىلەن ھەل قىلمەن، يا ئاكام ھەربى مۇشلىشالايدۇ دەپ ئاكامنى تولاپ كەلمەيمەن
نەق جايىدا مۇشلىشىدىغان بولسا مۇشلىشىمەن تەربىيە قىلىدىغان تۈزتىدىغان بولسا نەق ۋاقتىدا تەربىيە قىلىمەن
ئاڭلىمىسا شۇ تاغام ئېدارىسىغا ئاپرىپ تەربىيە قىلىدۇ
لىكىن ئۆچمەنلىك ساقلىمايمەن، نەق ۋاقتىدا تۈگىتىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-26 17:58:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uchkur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 17:55
مەن ئاچىقلىنىشىم باشقىلار بىلەن يۈزتۇرانە پىكىرلىشە ...

بولدى، ئاچچىقىڭىزغا ھاي بىرىڭ، كىشلىك تۇرمۇشتا ھەرقانداق ئىش يۈز بىرىدۇ، بۇ كۈلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ، كىملەردىن قالمىغان جاھان بۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-27 14:49

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش