ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 205 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئاخشام رىمنىڭ مۇسابىقە ئوينىشىغا قاراپ ھەيران قالدىم، قايتۇرما ھۇجۇم دېگەننى خىيالمۇ قىلىپ قويمايدىكەن، نەچچە قېتىم قايتۇرما ھۇجۇم پۇرسىتى كەلگەنتى پەقەت كۈچىمىدى، يەنە بىرى ئۇزۇن پاسنىمۇ ئىشلەتمەيدىكەن، پۈتۈن مۇسابىقىدە ئاران ئۈچ ئۇزۇن پاس بەرگىنىنى كۆرۈپتىمەن، ئېنىقىنى دىگەندە رىمدا ھەقىقىي بىر ھۇجۇم ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى يوقكەن. مۇسابىقە باشلانغاندا رىم تەرەپتە تۇرۇپ كۆرگەنتىم مۇسابىقىنى، ئاخىرىغا بېرىپ بۇلارنىڭ ئىپادىسىدىن نارازى بولۇپ موسكىۋا تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتىم، چۈنكى موسكىۋانىڭ تىرىشچانلىقى مېنى قايىل قىلدى. رىمنىڭ ئاخشامقى ئىپادىسىگە 30نۇمۇر.
ئاخشام باشقا مۇسابىقىلەرنى كۆرمەپتىمەن، قايسى كۈنى مىيۇنخىن بىلەن خانلىق مادرىدنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىلېرىدە رەقىبلېرىنى 0 دە 4 نەتىجە بىلەن يەڭگەن مۇسابىقىلېرىنى كۆردۈم، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ شۇ مۇسابىقىلېرىدىكى ئىپادىسىگە قاراپ ئىككى كوماندىنى سېلىشتۇرۇپ باقتىم، مىيۇنخىننىڭ ئومۇمىي ئەزالار ماسلىشىشى ياخشىكەن يەنە مىيۇنخىن قىسقا پاس ئارقىلىق قارشى تەرەپ مۇداپىئەسىنى بۇزۇشقا ماھىركەن بۇ كوماندىغا 90 نۇمۇر. خانلىق مادرىدقا كەلسەك بۇ كوماندا ئەزالېرىنىڭ ماسلىشىشىدا يەنە ئازىراق يىتەرسىزلىك بار، بۇ كوماندىدىكى ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق كارۋاخالنىڭ ئورنى دەپ قارايمەن، كارۋاخالنىڭ سۈرئىتى سەل ئاستىكەن يەنە توپ تارتىۋېلىشىمۇ ياخشى ئەمەس، رونالدونىڭمۇ پۇرسەت تۇتۇشى ياخشى بولغان بىلەن پۇرسەت يارىتىشى يېتەرلىك ئەمەس. خانلىق مادرىدقا 85 نۇمۇر.
ئەگەر مىيۇنخىن بىلەن خانلىق مادرىد تۇتۇشۇپ قالسا، مىيۇنخىن سول ھۇجۇمغا لەيۋەندوۋىسكىنى ياكى شاچىرىنى قويسا خانلىق مادرىدنى يېڭەلىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|