ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 5134 |
تۆھپىسى: سەر |
|
جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسى 1916-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر 43نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن تارىخى ئەڭ ئۇزۇن قىتئەلەر مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ.
جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسى 4يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغاچقا، 44-نۆۋەتلىك مۇسابىقە 2015-يىلى 6-ئايدا چىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. 2016-يىلى جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسىنىڭ 100يىللىق شانلىق تارىخى بولغاچقا، جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە مۇسابىقىنى بىر قېتىم ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ ساھىبخانلىق ئورنىنى ئامېرىكىغا بەرگەن.
2016-يىللىق جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسىنىڭ 100يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن جەمئىي 16دۆلەت قاتنىشىدۇ. جەنۇبىي ئامېرىكىدىن 10دۆلەتتىن باشقا يەنە ساھىبخان دۆلەت ئامېرىكا ۋە مېكىسكا قاتنىشىدۇ. قالغان 4ساننى كارىپ رايۇنىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسىگە قارىتا بېرىلىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسىغا جۇڭگۇ بىلەن مېكسىكىنى تەكلىپ قىلغان. دۆلىتىمىز بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ ئەمما بۇ مۇسابىقە دەل 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىگە دوقۇرۇشۇپ قالغاچقا ئامالسىز پۇرسەتتىن ۋاز كەچكەن.
جەنۇبىي ئامېرىكىدا 12 دۆلەت 2رايۇن بار (بىرسى فىرانسىيەگە قاراشلىق گىۋايانا ئارىلى) بار. گىۋىيانا، سورىنان قاتارلىق 2دۆلەت شىمالىي ئامېرىكا كارىپ رايۇنى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى شۇڭا ھەر قېتىم جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن ساھىبخان دۆلەت باشقا قىتئەدىكى 2دۆلەتنى تەكلىپ قىلىدۇ. ( بۇ نۆۋەتتىكىسىگە يامايكا بىلەن مېكسىكىنى تەكلىپ قىلغان)
سەۋەبى زادى نېمە؟
گوۋىيانا ۋە سورىنان جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان دۆلەت. گىۋىيانا ئارىلى بولسا فىرانسىيەگە قاراشلىق كۆچمەنلەر رايۇنى. بۇ دۆلەتلەر ئىلگىرى گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيەلەرنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن پۇتبولدا شىمالىي ئامېرىكا رايۇنىنى تاللىغان. (خۇددىي ئاۋستىرالىيەگە ئوخشاش قىتئە ئاتلىغان)
گىۋىيانا 1966-يىلى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان. ئاساسلىق مىللەتلەر ئىندىنئانلار بىلەن نېگىرلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. خەلقلىرى ئىسلام دىنى، خىرىسىتيان ۋە ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. (نوپۇسى 752مىڭ)؛ سورىنان 1954-يىلى گوللاندىيە پادىشاھلىقىنىڭ چەتئەلدىكى ئۆلكىسى بولۇپ قالغان. 1975-يىلى مۇستەقىل بولغان. سورىنان مەيلى نوپۇس جەھەتتە ۋە ياكى يەر مەيدانى جەھەتتىن بولسۇن جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ كىچىك نوپۇسى ئەڭ تۆۋەن دۆلەت (560مىڭ)
گۇۋىيانانىڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 1904-يىلىلا قۇرۇلغان. دۆلەت كوماندىسى 1976-يىلىدىن باشلاپ خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى باشلىغان. 1978-يىلى تۇنجى بولۇپ دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە شۇ نۆۋەتلىكتىن باشلاپ ئوتتۇرا ئامېرىكا كارىپ رايۇنى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنى تاللىغان. گەرچە گىۋىيانانىڭ پۇتبول جەھەتتىكى سەۋىيەسى يۇقىرى بولمىسىمۇ ئەمما ئۇلارمۇ ياخشى نەتىجە ياراتقان. 2011-يىلى دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە 2:1 نەتىجە بىلەن 2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان ترنادو توباگو كوماندىسىنى يەڭگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىدىن پەخىرلىك نەتىجىسى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەردىن بىرسى بولغان ھىندىستان كوماندىسىنى 2:1 نەتىجە بىلەن يەڭگەن.
سورىنان 1975-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن، پۇتبولدا شىمالىي ئامېرىكا كارىپ رايۇنىنى تاللىغان.
فىرانسىيەگە قاراشلىق گىۋىيانا ئارىلى بولسا ئوخشاشلا كارىب رايۇنىدىكى ئەزاسىدۇر. ئەمما خەلقئارا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى بولمىغاچقا خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتى يوق پەقەت كارىب رايۇنىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشالايدۇ. فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى مالودا دەل مۇشۇ ئارالدا تۇغۇلغان.
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|