elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2004|ئىنكاس: 54

ئىسپانىيە «مادرىد»قا قاراپ ئالغا!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-24 17:51:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
«خېڭدا پۇتبول مەكتىپى»دە تەربىيەلىنىۋاتقان شىنجاڭلىق شاكىچىك پۇتبول ئەزىمەتلىرى قىسقىغىغا ئىككى يىل ئىچىدە جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چىملىق مەيدانلاردا، ئىسپانىيە خان جەمەتى «مادىرىد» كوماندىلىرىدا، ئىتالىيەنىڭ داڭلىق پۇتبول مەيدانلىرىدا ئەھمىيەتلىك ئىزلارنى قالدۇردى ۋە قالدۇرماقتا.
«خېڭدا پۇتبول مەكتىپى»دىكى بىرقانچە نەپەر شاكىچىك پۇتبول چولپانلىرىنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىدىن ئارىيە بېرىلدى.

يازما ئاپتورى: شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلىنىڭ مۇخبىرى ئاتىكەم مۇھەممەد، مەزكۇر يازما ئاپتورنىڭ ئالاھىدە ئىجازىتى بىلەن تارقىتىلدى.   شەخسلەرنىڭ  تولۇق ئەسكەرتىپ تارقىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
——————————

مۇقەددىمە
خېڭدا پۇتبول مەكتىپى 2012- يىلى ئومۇمىي مۈلكى 421 مىليارد 650 مىليون يۈەن بولغان ئالاھىدە چوڭ كارخانا «خېڭدا گۇرۇھى»نىڭ 12 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، خېڭدا گۇرۇھى لىدىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى شۇ جىيايىڭ ئەپەندىنىڭ بۇ مەكتەپكە ناھايىتى كۆپ مېھىر–مۇھەببىتى سىڭگەن. خېڭدا پۇتبول مەكتىپى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە شىنجاڭدىن جەمئىي 130 غا يېقىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان بولۇپ، قىسقىغىنا ئىككى يىل ئىچىدە شىنجاڭلىق بۇ كىچىك پۇتبول ئەزىمەتلىرى جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چىملىق مەيدانلاردا، ئىسپانىيە خان جەمەتى مادرىد كوماندىلىرىدا، ئىتالىيەنىڭ داڭلىق پۇتبول مەيدانلىرىدا ئەھمىيەتلىك ئىزلارنى قالدۇردى. تۆۋەندە سىلەرگە بۇ مەكتەپتىكى بىر قىسىم كىچىك پۇتبول ئەزىمەتلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.
1411241113441250_副本.jpg

قەيسەر تۇرسۇن
قەيسەر تۇرسۇن شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن. بۇ يىل 13 ياشتا. 2012– يىلى پۇتبولدىكى ئالاھىدە ئىقتىدارى بىلەن خېڭدا پۇتبول مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ياش–ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تالانتىنى نامايەن قىلىپ، خېڭدادىكى «كىچىك مېسسى» دەپ نام ئالغان. پۇتبول ساھەسىدە تۇغما ئىقتىدار ۋە تالانتى بار مايسىلارنى خەلقئارادىكى ئەڭ ئىلغار پۇتبول كۇلۇبلىرىدا تەربىيەلەش مەقسىتىدە، خېڭدا گۇرۇھى 2014– يىلنىڭ بېشىدا بۇ مەكتەپتىكى 2800 گە يېقىن ئوقۇغۇچى ئىچىدىن تاللاش ئېلىپ بېرىپ، 25 نەپەر كىچىك پۇتبولچى تاللاپ، ئىسپانىيەگە بېرىپ ئۈچ يىللىق ئۆگىنىش ۋە مەشىققە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. شىنجاڭلىق «كىچىك مېسسى» دەپ نام ئالغان قەيسەرمۇ بۇ مانا بۇ تىزىملىككە كىرگەن بولۇپ، ئۇ ھازىر ئىسپانىيە خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىدا تەربىيەلىنىۋاتىدۇ.
1411241114231875_副本.jpg

ئەنزەر ئەسقەر
ئەنزەر ئەسقەر، بۇ يىل 15 ياشتا. شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرىدىن. 2012– يىلى خېڭدا پۇتبول مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان. 2013– يىلى خېڭدا پۇتبول مەكتىپى سەرۋازلار كوماندىسى قۇرۇلغان ۋاقىتتا، خېڭدا پۇتبول مەكتىپىدىكى ئىسپانىيەلىك باش مەشقاۋۇل (تىرېنېر) يىراق شىنجاڭدىن كەلگەن ئەنزەر ئەسقەرنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى بۇ كوماندىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئەنزەر بۇ كوماندىدىكى 20 نەپەر پۇتبولچىغا باشلامچىلىق قىلىپ، زىچ ئىتتىپاقلىشىپ دۆلىتىمىز ئىچى–سىرتىدا مول نەتىجىلەرگە تولغان تالاي مۇھىم مۇسابىقىلەرنى ئويناپ، پۇتبول مەيدانلىرىدا ئەھمىيەتلىك ئىزلارنى قالدۇردى. ئۇ باشچى بولغان سەرۋازلار كوماندىسى جۇڭگو ياش–ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە خېڭدا پۇتبول مەكتىپىنى چىمپىيونلۇققا ئېرىشتۇردى. نۇرغۇن پۇتبول ھەۋەسكارلىرى بۇ كىچىك كوماندا باشلىقىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئاپىرىن ئوقۇدى. ئۇ باشچى بولغان سەرۋازلار كوماندىسى بۇ يىل يىل بېشىدا ئىتالىيە يۇۋېنتىستىكى دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول كۇلۇبىدا 15 ياشلىقلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئويناپ، بۇ كوماندىنى 7 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن يەڭدى.
1411241115111718_副本.jpg

دىلئۈمىد تۇراخۇن
دىلئۈمىد تۇراخۇن شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرىنىڭ شورۇق يېزىسىدىن، بۇ يىل 15 ياش. 2012– يىلى خېڭدا پۇتبول مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان. 2013– يىلى خېڭدا پۇتبول مەكتىپى سەرۋازلار كوماندىسىغا تاللانغان. ھازىر بۇ كوماندىنىڭ غوللۇق ئالدى ھۇجۇمچىسى. جۇڭگودىكى 15 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىلىرى ئىچىدە خېڭدا پۇتبول مەكتىپى كوماندىسىنىڭ چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشىگىچە بولغان جەرياندا دىلئۈمىد ئۆز رولىنى ئاجايىپ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ مول نەتىجىلەرگە تولغان مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇساپىنىڭ بارلىق جەريانلىرىغا شاھىت بولدى. بۇ يىل 3– ئايدا ئىتالىيەنىڭ يۇۋېنتىستا ئۆتكۈزۈلگەن دوستلۇق پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. ئىسپان تىلىنى 40 پىرسەنت ئەتراپىدا چۈشىنىدۇ. مەدەنىيەت دەرسلىكلىرىدىكى ئىپادىسىمۇ ئالاھىدە ياخشى.
1411241115425468_副本.jpg

ئابدۇۋاھاپ ئەنۋەر
ئابدۇۋاھاپ ئەنۋەر بۇ يىل 13 ياشتا، شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسدىن. 11 يېشىدا خېڭدا پۇتبول مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان. ھازىر خېڭدا پۇتبول مەكتىپى 13 ياشلىقلار كوماندىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئالدى ھۇجۇمچى. قىسقىغىنا ئىككى يىل ئىچىدە ئۇ جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوستلۇق مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ماھارىتىنى نامايەن قىلغان. بولۇپمۇ، شەندۇڭ لۇنېڭ، خاڭجۇ لۈچىڭ قاتارلىق داڭلىق پۇتبول كۇلۇبلىرى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىلەردە ئۆزىنىڭ چەبدەسلىكى بىلەن ئىسپانىيەلىك مەشقاۋۇللارنىڭ ئالاھىدە باھاسىغا ئېرىشكەن. ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياش–ئۆسمۇرلەر دوستلۇق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
1411241116147343_副本.jpg

ئېرشات تۇرسۇنجان
ئېرشات تۇرسۇنجان بۇ يىل 14 ياش، شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرىدىن. 2012– يىلى خېڭدا پۇتبول مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان. ھازىر خېڭدا پۇتبول مەكتىپى سەرۋازلار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى. پۇتبول مەيدانىدىكى باتۇرلۇقى بىلەن ئىسپانىيەلىك باش مەشقاۋۇل ئۇنىڭغا «كىچىك ماسەيلو» دەپ ئىسىم قويۇپ قويغان. مەيداندا ئارقا مۇداپىئە ئوينايدۇ. ھازىرغىچە مەملىكەتلىك ياش–ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى 14 ياشلىقلار كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسى، شياڭگاڭ، ئاۋمېندا ئۆتكۈزۈلگەن ياش–ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ خېڭدا پۇتبول مەكتىپىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن كىچىك پۇتبولچىغا ئايلانغان. ئىسپانىيە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدا پەسىللىك تەربىيەلەنگەن، شۇنداقلا دۇنيادىكى بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول كوماندىسىدا مۇكاپاتقىمۇ ئېرىشكەن.
1411241123076250_副本.jpg

مەۋلان جاپپار
خېڭدا كۇلۇبى بىلەن ئىسپانىيە خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى «خېڭدا پۇتبول مەكتىپى ئىسپانىيە تارمىقى»غا 2014– يىل 9– ئايدا تۇنجى تۈركۈمدە ماڭغان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر شاكىچىك پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بىرى مەۋلان جاپپار (قالغان ئىككىيلەن بەرمەنجان ۋە قەيسەر). ئۇلارنىڭ پۇتبول ھاياتىغا ئۇتۇقلار تىلەيمىز.     

ئاپتور ئارخىپى .

ئاتىكەم مۇھەممەد، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلىنىڭ مۇخبىرى. 2000– يىلى غەربىي شىمال پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەل تىللىرى ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن. ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان نادىر پروگراممىلار مەيدان سىرتى مۇخبىرلىقىنى ئىشلەپ، ئىستانسا رەھبەرلىكى، خىزمەتداشلىرى ۋە كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ياش، غوللۇق ئاخباراتچىلىرىمىزنىڭ بىرى. «خېڭدادىكى پۇتبول شاكىچىك ئەزىمەتلىرى» يازمىسى ئاتىكەم مۇھەممەدنىڭ گۇاڭجۇ خېڭدا پۇتبۇل مەكتىپىگە بېرىپ ئېلىپ بارغان نەق مەيدان زىيارىتىدىن ئېلىنغان يازما .

تارقاتقۇچى: رېيۇس11
u=799033675,3262736142&fm=21&gp=0.jpg





باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
turgunjan + 50 قوللاش!
سىرداش + 100 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 18:49:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنچلىدى سېتىۋالمىز دېگەن مىسسى مۇشۇمۇ نېمە....

شاكىچىكلىرىمىزنىڭ ھەربىر ئىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، تىرشىپ ياخشى نەتىجە يارتىپ، خەلقىڭلارغا ياخشى جاۋاپ قايتۇرۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 18:12:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاكىچىك لىرىمىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ئاجايىپ بىركۈنلەرنىڭ كىلىدىغىنىغا كۈزۈم يىتىۋاتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 18:13:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا شاكىچىكلەر، سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 18:13:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uchkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 18:16  

ئەمسە ئۈچ يىلدىن كىيىن ئۆلۈپ كەتمىسەك جۇڭگۇ كوماندىسىدا ماھارىتنى شاش راقلىرنى ياۋرۇپادا كۆردىكەنمىزدە. كىچىك مېسسى دەپ ئاڭلىغان ،بۇ بالىنىڭ ئىسمى قەيسەركەندە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 18:16:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالا ئاللا مۇندا مۇ خەۋەرلە بادەڭلا باللا شۇندا خۇشبولدۇم ، كىچىك ئەزمەتلىرمىزنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسۇن خۇدايىم يوللىرنى ئوچۇق قىلسۇن ئارزۇ ئارمانلىرىغا يەتكىلى نىسىپ قىلسۇن ئاپرىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 18:18:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان تېرى مادرىتقا بىرىپ قاپسەندە ،بارسىلونا توختام بۇزۇپ ئەكىتە يا ھې ھې ھې يا مېسسى يازدا مادرىتقا كىپ قالامۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 18:19:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت ياخشى خەۋەركەن مانا . بۇ تىمىنى قانچىلىك مۇنازىرە ،مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىگۇدەك ، ھامان بىركۇنى ئەزمەتلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى مۇنبەردە تالىشىپ قوللىنىپ يىتىشمەي ئاخىرىغا سان يىزىپ قوللىنىدىغانلىقىغا كۆزۇم يىتىۋاتدۇ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 18:21:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ،كەلگۈسىدە بىزنىڭ قاراقاشتىن داڭلىق پۇتبول چولپىنى چىققۇدەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-24 18:24:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللا خالسا ھەممىمىز ئارزۇ قىغان شۇ كۇنلا كىلىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 18:24:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇندىن كىيىنكى مادىرت مەستانىلىرىنىڭ داۋالغۇشىدىن جېق ئەنسىرەشنىڭمۇ ھاجىتى يوقكەن جۇما...
كەلگۈسىدە مادىرتتا توپ تىپىش پۈرسىتىگە ئىرىشپ قالسا ئۇيغۇر مەستانىلەر ئارىسىدا مادرىت مەستانىلىرى شىددەت بىلەن كۆپەيگۈسى.....
ئەگەر مادىرتتىن باشقا كۇلۇپلاردا توپ تەپسە مەستانىلەر ئارىسىدىكى بۈيۈك بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغۇسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 18:24:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
exaniq يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 18:19
ئالامەت ياخشى خەۋەركەن مانا . بۇ تىمىنى قانچىلىك مۇناز ...

مىنىڭچە بۇ تىما چىكىت بىلەن بۈرگىنىڭ تىمىسىدەك قىززىمايدۇ، كۆپۈنچە ئەزالارنىڭ كاللىسىنى چىكىت بىلەن بۈرگە ئىگەللىۋالغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-19 06:02

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش