elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2514|ئىنكاس: 26

ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان 10 توپچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-24 17:40:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 19:54  

ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان 10 توپچى

alan.jpg
1. ئالەن-شېر  260 توپ ئۇرغان
ئالەن-شېر 1970-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ نيۇكاستىل شەھرىدە تۇغۇلغان، ئىگىزلىكى 183 سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 73 كىلوگىرام، ھوجۇمچى.
دۆلەت كوماندىسىدا 9-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيگەن. دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 63مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 30 توپ ئۇرغان.
1985-يىلى جەنۇبى ئامپىتۇن كوماندىسىغا قوشۇلغان، 1987-يىلى تۇنجى قىتىم جەنۇبى ئامپىتۇنغا ۋاكالىتەن ئارسىنال بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ قالپاق ئويۇنى ئوينىغان. 1992-يىلى تۇنجى قىتىم دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ فىرانسىيەگە بىر توپ ئۇرغان. 1992-يىلى بىلەكبېرن كوماندىسىغا قوشۇلغان. 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بىرلەشمىدىكى 100-توپنى ئۇرغان. 1996-يىلى 7-ئايدا شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيا يۆتكۈلۈش باھاسىنى بۇزۇپ 15 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن نيۇكاستىل كوماندىسىغا يۆتكەلگەن. 1998-يىلى دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى سالاھىتىدە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان. 2000-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىدىن كىيىن دۆلەت كوماندىسىدىن چىكىنگەن. 2005-2006-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن كىيىن پۇتبۇلچىلىقتىن چىكىنگەن.
ئېرىشكەن شان-شەرىپى
1995-يىلى ‹ ئېنگلاند پۇتبۇل ئەپەندىسى › مۇكاپاتى.
1996-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپ ئۇرغۇچى › مۇكاپاتى.
10 يىللىق ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى › مۇكاپاتى.
10 يىللىق ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر يەرلىك توپچى › مۇكاپاتى.
10 يىللىق ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى › .
10 يىللىق ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر يەرلىك سەپ شەكلى › .
ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى › .

جەنۇبى ئامپىتۇن كوماندىسىدا 23 توپ ئۇرغان. بىلەكبېرن كوماندىسىدا 112 توپ ئۇرغان.  نيۇكاستىل كوماندىسىدا 125 توپ ئۇرغان.

andiro.jpg

2. ئاندىرىۋ-كول  189 توپ ئۇرغان
1971-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ نوتتىڭھامدا تۇغۇلغان. ئىگىزلىكى 178 سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 73 كىلوگىرام، ھوجۇمچى.
كول 1988-يىلى ئارسىنالغا قوشۇلغان، 2 يىلدىن كىيىن فۇلھام كوماندىسىغا ئىجارىگە بىرىۋىتىلگەن، ئۇ فۇلھام كوماندىسىدا 13 مەيدان مۇسابىقىدە 3 توپ ئۇرغان.
1993-يىلى 2-ئايدا نيۇكاستىل كۇلۇبىنىڭ يۆتكۈلۈش رىكورتىنى بۇزۇپ 17مىليون 500 مىڭ فونىستېرلىڭ باھا بىلەن نيۇكاستىل كۇلۇبىغا قوشۇلغان، كوماندىغا قوشۇلغان يىلى 12 توپ ئۇرۇپ كوماندىنىڭ ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە قاتنىشىشىغا ھەسسە قوشقان. كىينكى يىلى نيۇكاستىل كوماندىسىنىڭ ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى پەسلىدە كول 40 مەيدان مۇسابىقىدە 34 توپ ئۇرۇپ نيۇكاستىل كوماندىسىنىڭ ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىشىغا تۆھپە قوشقان. 1995-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 7 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان. قىزىل ئالۋاستىغا قوشۇلغان دەسلەپكى 18 مەيدان مۇسابىقىدە 12 توپ ئۇرغان. 1995-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلغان، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 15 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 1 توپ ئۇرغان، 2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلمىغاچقا دۆلەت كوماندىسىدىن چىكىنگەن. 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى پۇتبۇلچىلىق ساھەسىدىن چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلغان.

نيۇكاستىل كوماندىسىدا 55 توپ ئۇرغان، مانچېستېر بىرلەشمىسىدە 93 توپ ئۇرغان، بىلەكبېرن كوماندىسىدا 27 توپ ئۇرغان، فۇلھام كوماندىسىدا 12 توپ ئۇرغان، مانچىستېر شەھرى كوماندىسىدا 9 توپ ئۇرغان، پورستماۋس كوماندىسىدا 3 توپ ئۇرغان.
ئېرىشكەن نەتىجىسى
مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى 6 يىل جەريانىدا 5 قىتىم بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن. 1993-1994-مۇسابىقە پەسلى ‹ ئالتۇن كەش › مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

hinri.jpg

3. ھىنرى  175 توپ ئۇرغان
ھىنرى 1977-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئىگىزلىكى 188سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 83 كىلوگىرام. ھوجۇمچى.
1999-يىلى 10مىليون 500مىڭ فونىستېرلىڭ باھا بىلەن يۇۋىنتۇستىن ئارسىنالغا قوشۇلغان. ئارسىنالغا قوشۇلغاندىن كىيىن دۇنيا دەرىجىلىك چولپانغا ئايلانغان.
1999-2000-مۇسابىقە پەسلى ھىنرى 26 توپ ئۇرۇپ ئارسىنالنىڭ بىرلەشمىدە ئىككىنچى بولىشىغا كۈچ قوشقان. 2001-2002-مۇسابىقە پەسلى ئارسىنالنىڭ لېۋىرپۇلنى يىڭىپ بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەن. 2002-2003-مۇسابىقە پەسلى ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 32 توپ ئۇرۇپ 23 ياردەمچى پاس چىقىرىپ پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان. 2003-2004-مۇسابىقە پەسلى ئارسىنال كوماندىسى ھىنرى، پىرىس، بېرگكەمپ قاتارلىق توپچىلارنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن بىرلەشمىدە بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرماي بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن.

ئىرىشكەن نەتىجىلىرى
1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى، 2000-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسى چېمپىيونى، 2002،2004،2005،2006-يىللىرى ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر ›، 2003،2005-يىللىرى ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى پاس شاھى، 2000،2003،2004،2005،2006-يىللىرى ‹ فىرانسىيە پۇتبۇل ئەپەندىسى › ، 2003-يىلى بىرلەشمە لوڭقىنىڭ ‹ ئالتۇن توپ › ۋە ‹ ئالتۇن كەش › مۇكاپاتى،2003-2004-،2004-2005-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋرۇپا ‹ ئالتۇن كەش › مۇكاپاتى قاتارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
ھىنرى 175 توپنىڭ ھەممىنى ئارسىنال كوماندىسىدا ئۇرغان.

roni.jpg

4. رۇنى  175 توپ ئۇرغان
رۇنى 1985-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ لېۋىرپۇل شەھرىدە تۇغۇلغان. ئىگىزلىكى 178سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 83 كىلوگىرام. ھوجۇمچى.
2002-يىلى 17 ياشقا توشمىغان رۇنى ئىۋىرتۇن كۇلۇبىنىڭ ياشلار كوماندىسىدا 8 مەيدان مۇسابىقىدە 8 توپ ئۇرۇپ بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا چىققان، 17 ياشقا كىرگەن رۇنى 2003-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلغان ھەمدە 2003-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاۋۇستىرالىيە بىلەن بولغان دوستلۇق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان،
2003-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى توپنى ئۇرغان. 2004-يىلى 27 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان.
ئېرىشكەن نەتىجىلىرى
2002-يىلى BBC يىللىق ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش تەنھەركەتچى › مۇكاپاتى.
2004-يىلى ‹ ياۋرۇپا ئالتۇن ئۆسمۈر › مۇكاپاتى. 2008،2009-يىللىرى ئېنگلاند يىللىق ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى › مۇكاپاتى.
2008-2009-يىللىق دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى › مۇكاپاتى. 2004-يىلى ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى.
2004-يىلى ياۋرۇپا ‹ كۆمۈش ئاياق › مۇكاپاتى، 2004-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىدا ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش توپچى › مۇكاپاتى.
2009-2010-،2011-2012-مۇسابىقە پەسلى ‹ ئېنگلاند كۆمۈش ئاياق › مۇكاپاتى، 2009-يىلى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى ‹ ئالتۇن ئاياق › مۇكاپاتى.
ئىۋىرتۇن كوماندىسىدا 15 توپ ئۇرغان، مانچېستېر بىرلەشمىسىدە 160 توپ ئۇرغان.
lampard.jpg

5. لامپارد  173 توپ ئۇرغان
لامپارد 1978-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى لوندۇندا تۇغۇلغان.  ئىگىزلىكى 183سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 79 كىلوگىرام. ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى.
لامپارد 1995-يىلى غەربى ھام كۇلۇبى بىلەن توختام تۈزگەن، 1995-يىلى 10-ئايدا سىۋانسى كوماندىسىغا ئىجارىگە بىرىۋىتىلگەن، 1996-يىلى 1-ئايدا قايتىپ كەلگەن. 2001-يىلى 11مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن چىلسى كۇلۇبىغا قوشۇلغان. 2001-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى نيۇكاستىل كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە
چىلسىدىكى تۇنجى توپىنى ئۇرغان. چىلسىدىكى دەسلەپكى پەسىل 7 توپ ئۇرغان. 2014-يىلى چىلسى كوماندىسىدىن ئايرىلغان. 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامرىكا نيۇيورك كوماندىسى بىلەن توختام تۈزگەن. 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى مانچېستېر شەھرى لامپاردنى ئىجارىگە ئالغانلىقىنى ئىلان قىلغان.

ئېرىشكەن نەتىجىلىرى
2004-يىلى ئېنگلاند دۆلەت كوماندىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر ›، 2004-يىلى ‹ ئېنگلاند پۇتبۇل ئەپەندىسى › نى باھالاشتا ئىككىنچى.
2005-يىلى ‹ دۇنيا پۇتبۇل ئەپەندىسى ›نى باھالاشتا ئىككىنچى، 2005-يىلى ياۋرۇپا ‹ كۆمۈش ئاياق › مۇكاپاتى.
2005-يىلى چىلسى كوماندىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر ›، 2005-يىلى ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر › .
2008-يىلى ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى › قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
لامپارد 173 توپنىڭ 23 توپنى غەربى ھام كوماندىسىدا، 148 توپنى چىلسىدا، 2 توپنى مانچېستېر شەھرىدە ئۇرغان.
fawlir.jpg

6. روببى-فوۋلىر  162 توپ ئۇرغان
روببى-فوۋلىر 1975-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى لېۋىرپۇلدا تۇغۇلغان.  ئىگىزلىكى 180سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 74 كىلوگىرام. ھوجۇمچى.
فوۋلىر 1991-يىلى لېۋىرپۇل كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 2001-يىلى 11 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن لىز كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 2003-يىلى 3 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن مانچېستېر شەھرى كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 2006-يىلى ئەركىن توپچى سالاھىتىدە لېۋىرپۇلغا قوشۇلغان، 2007-يىلى كاردىف شەھرى كۇلۇبىغا ھەقسىز قوشۇلغان.
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى پۇتبۇلچىلىقتىن چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلغان.

ئېرىشكەن نەتىجىلىرى
1995،1996-يىللىرى پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش توپچى › مۇكاپاتىغا، 1994-1995-،2000-2001-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى › مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
162 توپنىڭ 128 توپنى لېۋىرپۇلدا، 14 توپنى لىزدا، 20 توپنى مانچېستېر شەھرىدە ئۇرغان.
owin.jpg

7. ئوۋىن  150 توپ ئۇرغان
ئوۋىن 1979-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغان.  ئىگىزلىكى 172سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 70 كىلوگىرام. ھوجۇمچى.
ئوۋىن 1996-يىلى لېۋىرپۇل كۇلۇبى بىلەن توختام ئېمزالىغان، 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى 12 مىليون ياۋرۇ باھا بىلەن خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان، 2005-يىلى
8-ئاينىڭ 30-كۈنى 16 مىليون ياۋرۇ باھا بىلەن نيۇكاستىل كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 2009-يىلى مانچېستېر بىرلەشمىسىگە ھەقسىز قوشۇلغان، 2012-يىلى سىتوك شەھرى
كۇلۇبىغا ھەقسىز قوشۇلغان.2013-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى پۇتبۇلچىلىقتىن چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلدى.

ئېرىشكەن نەتىجىلىرى
1998-يىلى BBC تەرىپىدىن ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچى ›، 1998-يىلى ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى ‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ›.
2001-يىلى ‹ ياۋرۇپا پۇتبۇل ئەپەندىسى ›، 2001-يىلى ياۋرۇپا ‹ ئالتۇن توپ  › مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
150 توپنىڭ 118 توپنى لېۋىرپۇلدا، 26 توپنى نيۇكاستىلدا، 5 توپنى مانچېستېر بىرلەشمىسىدە، 1 توپنى سىتوك شەھرىدە ئۇرغان
firdinand.jpg
. لەسلى-فىردىنەند  149 توپ ئۇرغان
فىردىنەد 1966-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى لوندۇندا تۇغۇلغان.  ئىگىزلىكى 181سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 80 كىلوگىرام. ھوجۇمچى.
فىردىنەند 1987-يىلى ئايال پادىشاھ باغچا سەرگەردانلار كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 1995-يىلى 6 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن نيۇكاستىل كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 1997-يىلى 6 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن توتتىنھام كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 2003-يىلى 200مىڭ فونىستېرلىڭ باھا بىلەن غەربى ھام كوماندىسىغا قوشۇلغان، 2003-يىلى 7-ئايدا لەستىر كۇلۇبىغا ھەقسىز قوشۇلغان، 2004-يىلى 4-ئايدا بولتۇن كۇلۇبىغا ھەقسىز قوشۇلغان. 2005-يىلى 12-ئايدا چىكىنگەن.
149 توپنىڭ 80 توپنى ئايال پادىشاھ باغچا سەرگەردانلار كۇلۇبىدا، 41 توپنى نيۇكاستىل كۇلۇبىدا، 33 توپنى توتتىنھام رىس كۇلۇبىدا، 2 توپنى غەربى ھام كوماندىسىدا،
12 توپنى  لەستىر كۇلۇبىدا، 1 توپنى بولتۇن كۇلۇبىدا ئۇرغان.
xirigham.jpg
9. تەددىي-شىرىڭخام  147 توپ ئۇرغان
تەددىي-شىرىڭخام 1966-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى لوندۇندا تۇغۇلغان.  ئىگىزلىكى 180سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 78 كىلوگىرام. ھوجۇمچى.
1984-يىلى مىلۋول كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 1991-يىلى 2 مىليون فونىستېرلىڭ باھا بىلەن نوتتىڭھام ئورمان كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 1992-يىلى 2مىليون 150مىڭ فونىستېرلىڭ باھا بىلەن توتىنھام رىس كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 1997-يىلى 3 مىليون 500 مىڭ فونىستېرلىڭ باھا بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان، 2001-يىلى
توتىنھام رىس كۇلۇبىغا ھەقسىز قوشۇلغان،2003-يىلى پورتىس ماۋۇس كۇلۇبىغا ھەقسىز قوشۇلغان، 2004-يىلى غەربى ھام كۇلۇبىغا ھەقسىز قوشۇلغان.
2008-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلغان. 2014-يىلى 6-ئايدا غەربى ھام كوماندىسى شىرىڭخامنى تىرىنىرلىققا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئىلان قىلغان.
147 توپنىڭ 1 توپنى نوتتىڭھام ئورمان كۇلۇبىدا، 98 توپنى  توتىنھام رىس كۇلۇبىدا، 31 توپنى مانچېستېر بىرلەشمىسىدە، 22 توپنى  پورتىس ماۋۇس كۇلۇبىدا، 8 توپنى
غەربى ھام كۇلۇبىدا ئۇرغان. شىرىڭخام تۇنجى قىتىم ئېنگلاند ‹ ئالتۇن ئاياق › مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن


10. جىرمەيىن- دىفو  134 توپ ئۇرغان
جىرمەيىن- دىفو 1982-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى لوندۇندا تۇغۇلغان.  ئىگىزلىكى 170سانتىمىتىر، ئىغىرلىقى 65 كىلوگىرام. ھوجۇمچى.
دىفو 1999-يىلى چىلتو تەنتەربىيە كۇلۇبىدىن 400مىڭ فونىستېرلىڭ باھادا غەربى ھام كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 2004-يىلى 700مىڭ فونىستېرلىڭ باھادا  توتىنھام رىس كۇلۇبىغا قوشۇلغان، 2008-يىلى 750 مىڭ  فونىستېرلىڭ باھادا پورتىس ماۋۇس كۇلۇبىغا قوشۇلغان،2009-يىلى 1 مىليون 640 مىڭ فونىستېرلىڭ باھا بىلەن توتىنھام رىس كۇلۇبىغا قوشۇلغان.  دۆلەت كوماندىسىدا 40 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 11 توپ ئۇرغان.
134 توپنىڭ 11 توپنى غەربى ھامدا، 15 توپنى  پورتىس ماۋۇسدا، 95 توپنى  توتىنھام رىستا، 13 توپنى چىلتو تەنتەربىيە كۇلۇبىدا ئۇرغان.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +120 يىغىش سەۋەبى
turgunjan + 50 نادىر تىما !
XATKAR886 + 50 يەنىمۇ تىرىشىڭ
تۈمەن + 20 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 17:55:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ 10 مەرگىنىنىمۇ بىلىۋالدۇق.  نادىر تىما، نادىرلاشقا بىر بىلەت كەتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 17:57:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېكىت كەتمىگەن بولسا بىرىنچىسى بولالمىسىمۇ ئىككىنچىسى بوپ قالاركەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 17:59:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت تىمىللىرىڭىزغا شۇنداق رەتلىك چىقىپتۇ ، تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلۇپ قالمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-24 18:08:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغىچىلا مەن تەھرىرلەپ ئۆچۇرۋەتكەن ئا رونىنىڭ رەسمىنى يەنە چىقۋاپتۇ بىر ئوڭشاپقويساڭلا بوپتىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 18:13:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 18:19:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
10 مەرگىنىنىمۇ بىلىۋالدۇق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 18:24:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لامپارد ئوتتورا مەيدان ئويناپ تۇرۇپمۇ ھۇجۇمچىلاردىن ئېشىپ چۈشۈپ ،خېلى -خېلى ھۇجۇمچىلارنى خىجىل قىلىپ قۇيۇپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 18:28:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ دوستىمىز كەڭ دائىرلىك تېمىلارنى خېلى يازدى. نادىرلاشقا تۇشۇپ قالىدۇ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ قۇيىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 18:32:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت بەك تەپسىلى چىقىپتۇ مەندىنمۇ  بىر بىلەت كەتتى نادىرلاشقە ئەمسە   بىز بىلەت تاشلاپ باھا لىيالايمىزما تىمىنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 19:36:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاجىكا  لامپارد  پەقەت  چېلسىدىلا  203  توپ  ئورغان  تۇرسا  بۇ  قانداق  بولغىنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 19:58:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-29 06:32

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش