akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1211|ئىنكاس: 44

بىرىنچى بۆلۈم:ئون مۇنەۋۋەر ۋارىتار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-24 13:28:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 14:30  

مەن بىر تېما يەنى يېقىنقى يىگىرمە يىل ئىچىدىكى مەيداننىڭ ھەر قايسى ئورنىدىكى مۇنەۋۋەر توپچىلارنى تونۇشتۇرۇش تېمىسى يېزىپ چىقماقچى.بۇنى بىر قانچە بۆلەككە بۆلۈپ يازماقچى بولىۋاتىمەن.
ئۇنداقتا ئەڭ ئاۋۋال  مەيداندىكى قاپقىچىلاردىن باشلايلى.
10:  فابىيان بارتېز:
b0527b899e510fb3a0ab9dcbda33c895d0430c5f.jpg
بۇ ۋارىتارنى بەزىلەر تونىماسلىقى مۇمكىن، بۇ ۋارىتار فىرانسىيەنىڭ ۋارىتارى بولۇپ، فىرانسىيە تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرگەن،ئىنكاسى تېز. ئەينى يىللىرىدىكى قورقۇنچلۇق فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ۋارىتارى.  
ئېرىشكەن نەتىجىلىرى: بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونى، بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى ئىككىنچى دەرىجە،بىر قېتىم ياۋروپا لوڭقىسى. كۇلۇبتا ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ.

9:چىلاۋېرت:
0d2ac9ea15ce36d3f7fb696c39f33a87e850b10a.jpg
بۇ ۋارتار ئىختىيارى توپ ئۇستىسى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ۋارتاردا تۇرۇش تېخنىكىسى ئالاھىدە يۇقىرى. ئۇ دۆلەت كوماندىسى ۋە كۇلۇب تارىخىدا جەمئى 56 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ،بۇ سان خېلى كۆپ ھۇجۇمچىىلارنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ.
نەتىجىلىرى: 20- ئەسىردىكى جەنۇبى ئامرىكا قىتئەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارتار(دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى سايلىغان) 98-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارتار مۇكاپاتى  .

8:نويىر:
7eab349b033b5bb5d639caa235d3d539b700bc1b.jpg
بۇنى ئارتۇق چۈشەندۈرۈپ يۈرمىسەممۇ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن، بەدەن ئېگىزلىكى يۇقىرى، توسىدىغان بوشلۇقى چوڭ، قول توپنى كونتىرول قىلىشى، يەكمۇ يەك توپلارنى توسىشى، چوڭ پۇت توپى باشلاشلىرى ھەممە ئادەمنى قايىل قىلماي تۇرالمايدۇ. لېكىن، بەزىدە كاسىللاس ۋە بۇففىنلاردەك مۇقىم ئەمەس.
ئېرىشكەن نەتىجىلىرى:2014- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئالتۇن پەلەي مۇكاپاتى . ئۇنىڭدىن باشقا نويىر كائىندىن كېيىن ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتى نامزاتى ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن بىردىنبىر ۋارىتار.لېكىن ئىككىنچى بولۇپ قالدى.   ھازىر بۇ ۋارتار ناھايىتى ياش. ئېھتىمال يەنە نەچچە يىللاردىن كېيىن ۋارتارلار تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقى ئۈچىگە كىرىشى مۇمكىن.

7:پېتىر چېخ  
98849d16fdfaaf51abee54e38f5494eef11f7af8.jpg
بۇنىمۇ ھەممىمىز ئاساسەن تونۇيمىز.  ئېگىز، سوغۇققان، ھاۋادىكى توپلارنى توسۇش ئىقتىدارى يۇقىرى. ئورۇن تاللاش ۋە ئالدىن پەرەز قىلىشى تېخىمۇ ياخشى. سېلىشتۇرۇپ كەلگەندە، كاللىسى يارىلانمىغان چىخ ھازىرقى چىختىن تېخىمۇ يامانتى.  
نەتىجىلىرى: فىرانسىيە بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارىتارى .بىر قېتىم
ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ئالتۇن پەلەي: ئۈچ قېتىم
ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇنەۋۋەر ۋارىتارى: ئۈچ قېتىم
IFFHS سايلىغان دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارتار مۇكاپاتى :بىر قېتىم  ( ھەر يىلى پۈتۈن دۇنيادىن بىرنى تاللايدىغان مۇكاپات)
ئىنگىلاند كەسپىي توپچىلار جەمئىيتى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتى: بىر قېتىم
چېخ دۆلەت پۇتبول ئەپەندىسى:  ئالتە قېتىم

6: پېرۇززى
e48e9313b07eca804a0eecbb922397dda0448386.jpg
تارىختىن بۇيانقى ۋارتارلىق ئاساسلىق تېخنىكىسى ئەڭ مۇكەممەل ۋارتار.خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ۋارتار قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن پرۇززى گەرچە دۆلەت كوماندىسىدا بەك ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋارىتار 90- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىكى قورقۇنچلۇق تاغىل ئات كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ۋارىتارى . كۇلۇبتا ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى سان ساناقسىز.بولۇپمۇ95- يىللىرىدىن 98- يىلىغىچە، دۇنيادىكى بىردىنبىر ئەڭ مۇنەۋۋەر دېيىشكە تامامەن ماس كېلىدىغان ۋارىتار.

5:سەيسار
eaa1b13533fa828bde2448bffe1f4134960a5a82.jpg
ئىنكاسى تېز،يەكمۇ يەك كەلگەن توپلارنى توسۇشقا ئۇستا،خەتەرلىك توپلارنى قۇتقۇزىشىمۇ ئالاھىدە ياخشى. سوغۇققان ، مۇقىم ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بۇ سەيسارنىڭمۇ گەرچە كىشىلىك ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى ئاز بولسىمۇ ، ئەمما كۇلۇب بىلەن بىرلىكتە  ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى ئوتتۇزدىن ئاشىدۇ. شۇڭا تەپسىلىي يېزىپ يۈرمەي.

4:ۋاندېسار
3196c93d70cf3bc7177418b0d200baa1cc112a91.jpg
ئاياكېس ياش ئۆسمۈرلەر سېستىمىسىدىن  يېتىشىپ چىققان بۇ ۋارىتار گەرچە ئىككى مېتىرغا يېقىن دارازا بويى بار بولسىمۇ لېكىن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك توپ كونتىرول قىلىش تېخنىكىسى بار ئىدى. مۇداپىئەچىلەر قايتۇرۇپ بەرگەن پاسلارنى بىر تەرەپ قىلىشى ،ھەمدە قولدا چۆرۈيدىغان توپنى بىر تەرەپ قىلىشى ھازىرغىچە ئەڭ ياخشى بولغان ۋارىتار مۇشۇ بولىشى مۇمكىن.تېخىمۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئىش شۇكى، يېشى ئاشقانسىرى ۋاندېسارنىڭ تېخنىكىسىنىڭ ئۆرلەپ مېڭىشىدۇر.
كىشىلىك مۇكاپاتلىرى:
ياۋروپا يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارىتار .  ئىككى قېتىم
گوللاندىيە ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارىتارى . تۆت قېتىم
گوللاندىيە پۇتبول ئەپەندىسى. بىر قېتىم
ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە ئالتۇن پەلەي.  بىر قېتىم

3:كاسىللاس
b6619925bc315c6057eabeb38eb1cb134854778a.jpg
بەك كۆپ چۈشەندۈرمىسەممۇ بۇ ۋارىتار ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل ۋارىتار،نېمىشقا سەۋەبىنى دېمەيمىز دېگەندە، بۇ ۋارىتار، يېقىنقى ئون يىلدىكى مادرىت ۋە ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ۋارىتارى. مۇشۇ ئورۇن ئۈچۈن قانچىلىك تېخنىكا ۋە تەلەپ كېتىدۇ مۇشۇنى ئويلىشىپ باقساقمۇ كاسىللاسقا قول قويماي تۇرالمايمىز. ئالغان كىشىلىك ۋە كۇلۇب مۇكاپاتلىرىمۇ ئادەمنىڭ ھورۇنلۇقىنى تۇتقۇزغۇدەك بەك جىق.شۇڭا تەپسىلىي يېزىپ يۈرمىدىم.

2:كائىن
f5537cd98d1001e97a51c153bb0e7bec55e79798.jpg
ئەمدى پۇتبولنىڭ يۇمىلاق بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغان كىشى بولسىلا كائىن ئىسىملىك بۇ توپچىنى ئاڭلاپ باققان بولىشى مۇمكىن، كائىن دېسە تونۇمايدىغان مەستانە يوق .شىر پادىشاھ  . ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ئالغان ۋارىتار.  

1. بۇففىن
c4c7d109b3de9c82be0a2cd36f81800a18d8439a.jpg
ئون بەش يىلدىن بۇيانقى ئىپادىسى ئەڭ مۇقىم ، ئىنكاسى ئاستىلاپ كەتمىگەن ۋارىتار، بۇ ۋارىتار  ۋارىتارلىق تېخنىكىسى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن مەيداندا مۇداپىئەنى كونتىرول قىلىپ باشقۇرۇشقىمۇ ئالاھىدە مۇكەممەل .
كىشىلىك مۇكاپاتلىرى:
ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ۋارىتارى: يەتتە قېتىم
دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر ۋارىتار: تۆت قېتىم
ياسىن مۇكاپاتى( دۇنيا لوڭقىسىدىكى مۇنەۋۋەر قاپقىچىغا بېرىلىدۇ): بىر قېتىم
FIFA 100 تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارىتار: بىر قېتىم
IFFHS  ئەسىر مۇنەۋۋەر ۋارتار بىر قېتىم
ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى ئەڭ قىممەتكە ئىگە توپچى مۇكاپاتى( ۋارتار ئورنىدىكىلەرنىڭ بىرىنچى قېتىم بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشى) بىر قېتىم
ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى : ئۈچ قېتىم
ياۋروپا كۈمۈش توپ مۇكاپاتى   (ئالتۇن توپ نامزاتىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىسى)
21- ئەسىردىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارىتار مۇكاپاتى  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
dilmurat. + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 22:30:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلقى بىر ۋارتار  بۇلدىغان توپنى پۇتىدا تۇسۇپ،تۇرۇپلا ھۇجۇمغا چىقىپ كىتىدىغان شۇ ۋارتار كىم بولغۇيتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 13:36:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارتىزنىڭ ئەڭ نوچى ۋاقتى ،زىدانى باشچىلغىدا سامبا قوشۇننى ئۆز مەيداندا ياساپ 98-يىلى دۇنيا لوڭقىسنىڭ چېمپىئون بولغان ۋە 2000-يىللىرى ياۋروپا لوڭقىسنىڭ چېمپىئون بولغان ۋاقىتلىرى ئىدى ،،شۇنىدىن كېيىن فىرانسيەدىن نوچىراق ۋارتا چىقمايۋاتدۇ ...زىنداننىڭ 3-ئوغلى مادىرد ياشلار بازىسنىڭ ۋە فىرانىسيە ياشلار كوماندىسنىڭ ئاساسى ۋارتاسى ،،نەچچە يىلدىن كىيىن مۇشۇ نام قازنامدىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-24 13:42:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېمپىئون يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 13:36
بارتىزنىڭ ئەڭ نوچى ۋاقتى ،زىدانى باشچىلغىدا سامبا قوش ...

يېزىپ بولماي تۇرۇپ يوللىۋىتىپ قاپتىمەن بۇ تېمىنى ، سەت بولدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 13:43:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇز بۇرادەر، قالغان ئالتە نەپەر ۋاراتارغا نامزات ئىزدەۋاتامسىلەر؟
كائىن، ۋان دېسار، كاسىللاس، بۇففىن، دىدا، شۇممىچېر... مۇشۇ ئالتىسى ياخشى نامزاتلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 13:49:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېمپىئون يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 13:36
بارتىزنىڭ ئەڭ نوچى ۋاقتى ،زىدانى باشچىلغىدا سامبا قوش ...

سىزمۇ   باكەنسىز   ھە     پۇتۇپ   چىقسا   نادىر  تېما   بولغۇدەك   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 13:51:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەندىرسار،چىخ ،سەيسار مەن ئەڭ قايىل بولغان كونا ۋارتالار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-24 13:57:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 13:43
مۇز بۇرادەر، قالغان ئالتە نەپەر ۋاراتارغا نامزات ئىزد ...

ياق ، يېزىپ بولالماي تۇرۇپ يوللىۋىتىپ قاپتىمەن ،شۇڭا تەھرىرلىگەچ قايتا تولۇقلاۋاتىمەن بۇرادەر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 13:58:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇز يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 13:42
يېزىپ بولماي تۇرۇپ يوللىۋىتىپ قاپتىمەن بۇ تېمىنى ، سە ...

ئۇراگۇايمۇ پاراگۇيمۇ ئىشقىلىپ قايسى بىر دۆلەتنىڭ ۋارتاسى بۇلدىغان 98 - يىلدىكى مۇسابىقىدە تۇنۇلغان بۇلسا شۇ ۋاتالنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 14:13:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇمشۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 14:28  

مەن پۇتبولغا قىزىققىچە كائىن چىكىنىپ بوپتىكەن ، مەن بىلىدىغان ئەڭ ئىسىل قاپقىچى كاسسىلاس

مادرېد چ چ توپىنىڭ تىمىسى بەك قىززىپتىكەن ، ۋاقتىڭىز چىقىپ قالسە شۇ تىمىنىڭ داۋامىنىمۇ تۇلۇقلاپ يېزىپ قويسىڭىز ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 14:15:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسەممۇ بىلىسلەر دەپ يازغىچە تەپسىلى ېازغان بولسىڭىز بوپتىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 14:21:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 13:58
ئۇراگۇايمۇ پاراگۇيمۇ ئىشقىلىپ قايسى بىر دۆلەتنىڭ ۋار ...

98-يىلى ئۇرۇگىۋاي دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالمىغان، سىز دېمەكچى بولغىنىڭىز دەل پاراگىۋاينىڭ ۋارتارى چىلاۋېرىت شۇ بولۇشى مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-24 14:25:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XATKAR886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 14:29  

ئەڭ نوچىسى كائىن . كاسلاس مۇشۇدەۋىردىن باشلاپ ھازىرغىچە چاقناۋاتىدۇ. ئاپىرىن

                                             
ghghghghghghghghghg.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 11:15

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش