تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

كۆرۈش: 1227|ئىنكاس: 37

10 يىللىق سان - سىفىر . مېسسى پۇتبول دۇنياسىنى بويسۇندۇردى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-24 12:23:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يېقىندا ئىسپانىيە كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى  ھازىرقى چولپانلارنىڭ  10 يىللىق ئەھۋالىنى سىتاستىكىلاپ چىقتى  .   (2004- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن-2014-يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە)  . توپ سانى ، ياردەمچى پاس سانى ، ئۈنۈم جەھەتلەردە مېسسى  5 چوڭ بىرلەشمە چولپانلىرى ئىچىدە 1- ئورۇندا تۇردى  . ئۇ بارسېلونا 1- سەپ كوماندىسىغا چىقىپ ھازىرغىچە بولغان 10 يىلدا بۇ سان سىفىرلاردا مېسسىنىڭ ئالدىغا ئۆتكەن توپچى يوق  .
10 يىل جەريانىدا مېسسى بارسېلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن  بىرلەشمىدە 249 توپ كىرگۈزدى . (10 كۈن بۇرۇنقى سىتاستىكا بولغاچقا ئالدىنقى كۈنىدىكى  3 توپ ھېساپقا ئېلىنمىدى )  100  قېتىم پاس چىقاردى ، پاس سانى جەھەتتىمۇ  5 چوڭ بىرلەشمىدىكى ۋۇجۇمچىلاردىن مۇقەررەر ئۈستۈن تۇرىدۇ . (پەقەت بىرلەشمىلا ھېساپلاندى . شاھلىق ،ئۇزغۇنلۇق  ھېساپلانمىدى ) پاس سانى بىلەن توپ سانىنى قوشساق  349  .  ئۇنىڭ قان رەقىبى رونالدونىڭكىنى كۆرۈپ باقايلى ؛  رونالدو بۇ  10 يىلدا  مادرىت ۋە مانچېستىر بىرلەشمىسى ئۈچۈن بىرلەشمىدە  270 توپ ئۇردى  ، 79  پاس بەردى  .  بۇنى قوشساقمۇ ئوخشاشلا 349 .
ئەلۋەتتە تەكىتلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر نوقتا بار . بۇ  349 توپنىڭ بارلىققا كېلىشىگە مېسسى   284 مەيدەن سەرىپ قىلدى  . رونالدو بولسا   331 مەيدان سەرىپ قىلدى . رونالدو مېسسىدىن  47 مەيدان ئارتۇق سەرىپ قىلدى . بۇنىڭدىن كۆرۋېلىشقا بولىدىكى مېسسىنىڭ بىرلەشمىدىكى  ئۈنۈمى رونالدودىن يۇقىرى  .
قېرىنداشلارنىڭ تالاش تارتىش قىلماسلىقى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئەسكەرتىشلەرنى قالدۇرۇشنى لايىق تاپتىم .
1- ئۇمۇمىي بىرلەشمە ھاياتىنى ھېساپلىغاندا مېسسى رونالدونىڭ كۆرۈنەرلىك ئالدىدا .
2- ئىسپان بىرلەشمىسىنى ھېساپلىغاندا رونالدونىڭ ئۈنۈمى راسلا قورقۇنۇچلۇق .
3-ئۇزغۇنلۇق ، شاھلىق ۋە باشقا مۇسابىقىلەردە مېسسى ھەممسىنى زور دەرىجىدە بېسىپ چۈشىدۇ .
5-ئومۇمىي كەسپىي ھاياتىنى ھېساپلىغاندا مېسسى يەنىلا ئالدىدا .

مۇشۇنىڭ بىلەن مۇنبەردىكى تالاش تارتىشلارغا خاتىمە بېرىلدى -------

ۋاقتى: 2014-11-24 13:10:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە كۈن بولدى مۇشۇ پاراڭ  ،  ھەممىلا تېمىدا   سۇيارىز ئىنىم  بەك تالىشىپ كىتىپ بارىسىز ، بۇنداق قىلىپ مىسسىنىڭ نوچىلىغىنى ئىسپاتلىماقچىغۇ دەيمەن . توغرا مىسسى نوچى ، رونالدومۇ  نوچى . ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىدىن قېلىشقۇسىز نوچى . بىرسى بىر تۈردە نوچى بولسا ، بىرسى يەنە بىر تۈردە نوچى ، بىرسى بۇرۇن نوچى بولسا ، بىرسى ھازىر نوچى ، بىرسى بۈگۈن نوچى بولسا ، بىرسى ئەتە نوچى دىگەندەك بۇ ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىنى قوغلىشىدىغان نوچىلىغى تاكى بىرسىنىڭ ئىپادىسى ئاجىزلاش ياكى چىكىنگۈچە داۋاملىشامدىكىن بۇنى پەقەت ئىگىسىلا بىلىدۇ .
سان-سىفىرلار داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ ، ئەمما تەقدىر-ئىرادە قېرى -ياش دىمەيدۇ .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
بۇغدا + 100 ئۇغۇل!
تۇمشۇق + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-11-24 18:11:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى كۇنى بارلىق پۇتبولچىلارنى مىسسىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇلتۇردۇ دەۋاتقان ، ئەسلى مىسسى بۇيسۇندۇرۇپتىكەن دە ئۇلارنى ، ئاشۇ تۇت تال سان سىفىر بىلەن يىزىلغان تىمىڭىز بىلەن خولاسسە چىققان بولدىما ؟ نەچچە كۇندىن تالىشىپ يۇرۇپ تاپقان گىپڭىزكەندە بۇ ، پوتبۇل دۇنياسى دەپ قويۇڭ تىخى، لامنىڭ بىر گىپى بولىدىغان ، ‹‹مىسسى 4 ئالتۇن توپ ئالغان بىلەن تىخى مەندىن ئۇتۇپ توپ ئۇرۇپ باقمىدى ›› دىمەك لامنى تىخى بويسۇندۇرماپتۇ ....داۋاملىق تىرىشقىن بۇرگە.
ۋاقتى: 2014-11-24 13:53:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق   تېمىلا   كوپ  يېزىلىۋەسىمۇ   خۇدى  ئادەمگە   گۇاڭگوۋ  ئاڭلىغاندەك   بۇلۇپ   قالدىكەن .
ۋاقتى: 2014-11-24 13:00:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە   بولسا   بولمامدۇ ،  رونالدو   سەن  ئەڭ  قالتىس .[شەخسى  قاراش]
ۋاقتى: 2014-11-24 12:48:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن خاتىمە بىردىغان ئىش يوق ، قۇرۇق گەپ قىلماڭلار ، رونالدو  مىسسى جىڭى داۋاملاشسۇن ! خاتىمە بىرىشكە تىخى بالدۇر .
ۋاقتى: 2014-11-24 12:50:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەردار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 12:52  

ئۇمۇمى كەسپى ھاياتىنى ھىسابلىغاندا كىم مىسسىنى رونالدودىن كۆپ توپ ئۇردى دەيدۇ ، ئۇمۇمى كەسپى ھاياتىدا ،پەقەت  كۇلۇبتىكى جۇمۇ .  رونالدونىڭ تۇنۇگۇنگە قەدەر ئۇرغان توپى نەق 400بولدى ، مىسسىنىڭ ئەمدى 369
ئىسپان بىرلەشمىسىدە 264مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 277توپ ، ئىنگىلاتتا 118توپ ، لىسابوندا 5توپ
ۋاقتى: 2014-11-24 12:53:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنىڭ بىلەن مۇنبەردىكى تالاش تارتىشلارباشلانغۇسى ، يىراق تۇراي.
ۋاقتى: 2014-11-24 12:54:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما  بۇرۇنمۇ بىر يېزىلغاندەك ئىسىمدە تۇرىدۇ !   بىر مۇنچە مۇنازىرە بولغان شۇ تېمىدا !      ئەمدى يانا قايتىدىن مۇنازىرە قىپ ئولتامايلى !     
ۋاقتى: 2014-11-24 12:57:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زورلاپ مېسسىغا قايىل قىلغۇزغاننىڭ نىم پايدىسى !  ئىككىسىنىڭ جىدىلىنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ !   
ۋاقتى: 2014-11-24 12:58:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە قىلغان تىما بولسا تىما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ ، ئۈزىڭىز يازغان بولسىڭىز تىمىنى ياكى تەھلىل شەكلىدە يېزىڭ ،ئىنكاس ئەمەس تىما بولغاچقا  ئۇ بىرىنجى بۇ ئىككىنجى دەپ باھا بىرىۋەتمەڭ ، بۇ مۇنبەردىكى بىرەرسىمىز تېخى بىرەر كومىتىتنىڭ باشقىلارغا دەرىجە بىكىتىپ بىرىدىغان يىرىدە ئىشلىمەيمىز . شۇڭا تىمىدىن بىرنى يېزىپلا ئۇ بىرىنجى بۇ ئىككىنجى دەپ قويساق قاملاشماسمىكىن
ۋاقتى: 2014-11-24 12:59:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە مىسسى نىشانىغا يىتىپ بولدى.بارسىلونادا يەنە 4 يىل مۇسابىقە ئوينىيالايدۇ.بۇ چاققىچە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە كىيىنكىلەر بۇزالمايدىغان بىر رىكورت يارىتىپ قۇيۇشى ئېنىق.
مۇنبەرگە بىر تەكىلىپ: مەن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغىلى بەك ئۇزاق بولدى.گەرچە ئىنكاس يازمىساممۇ ،كۇندە كومپىيۇتىرىمنى قۇزغىتىپ بىرىنچى بۇلۇپ بۇ مۇنبەرنى ئاچىمەن.لىكىن خېلى ئۇزاق بولدى،مۇنبەردىكى خەۋەرلەر ئازىيىپ كەتتى.بەزى چوڭ بىرلەشمە خەۋەرلىرى ياكى چوڭ مۇسابىقە خەۋەرلىرى كىينراق يوللىنىۋاتىدۇ ياكى كىيىنراق يوللىنۋاتىدۇ....ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە خەۋىرىمۇ يوق،گەرچە دۆلىتىمىز بىرلەشمىسىنىڭ سەۋەيىسى تۆۋەن بولسىمۇ قايسى كۈنىدىكى جۇڭگۇ ئۇيۇشما لۇڭقسىسى خەۋىرىمۇ يېزىلمىدى...شەندۇڭ لۇنىڭ بىلەن جىياڭسۇ شۇنتىيەن كوماندىسىنىڭ ئېككىنچى ئايلانما ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى خېلى قىزىدى دىيىشكە بولدۇ....شەندۇڭ ئاخرقى 1 مىنۇتتا جىياڭسۇ كوماندىسىنى بۇغۇزلاپ 5 قېتىم بۇ خېلدىكى مۇسابقىنىڭ چىمپىئۇنلىقىغا ئېرىشتى....
بۇلۇپمۇ مەن ئامراق ئىتاليە بىرلەشمىسىنىڭ خەۋەرلىرى .....
مۇنبەردىكى دوسلار ئۇندىدار خەۋەرلىرىگە جىق قاراپ كەتمەي ،ماۋۇ مۇنبىرىمىزگىمۇ كۆڭۇل بۈلۈپ قۇيۇڭلار....

گىپىم ئارتۇق كەتسە كەچۇرۇڭلار بۇ مىنىڭ سەمىمىي تەكىلىپىم
ۋاقتى: 2014-11-24 13:03:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىغا شۇنچە ئۇقۇپمۇ تازا چۇشنەلمىدىممىسسى 11يىلدا 284 مەيدان مۇسابىقە ئوينىدىما ؟ رونالدونىڭ قانداقسىگە 331 مەيدان بۇلۇپ كەتتى ؟ رونالدو ئىسپانغا كەلگەندىن بۇيان قاتناشقان مۇسابىقىسى ئەمدى 264 مەيدان تۇرسا ، قايسىڭلا ماڭا چۇشەندۇرۇپ قۇيسىلە ؟
ۋاقتى: 2014-11-24 13:06:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىستاستىكىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى مەن بىر تېما قىلىپ يوللاي. ھەر ئىككىلىسى بەك قورقۇنچلۇق. ھازىرقى بۇ ئىستاستىكىلار قايىل قىلارلىق ئەمەس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-12-29 12:07 , Processed in 0.105715 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش