ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1233 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا helpea تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-22 16:54
بۈگۈنكى كۈنلەردە مىسسى بارىسلونادىكى ئەڭ قىيىن مەزگىلىنى بېشىدىن كەچۈرىۋاتىدۇ، ئۇ ھازىر كوماندىدىكى بېسىم ئەڭ چوڭ، ئاساسلىق زەربە بېرىلىدىغان ئوبىكىت بولۇپ قالدى.
مىسسى پۇتبول ساھەسىدىكى شەخسى شان-شەرەپلەرگە ئەڭ كۆپ نائىل بولغان «زومىگەر»، تارىختىكى بىردىنبىر تۆت قېتىم ئالتۇن توپقا ئېرىشكەن گىگانىت توپچى بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇگۈنكى كۈندە باشقىلار ئۈچۈن قۇربانلىق بولۇشتەك تەقدىردىن قۇتۇلالمىدى.
«دۆلەت كوماندىسىغا كۈچ بەرمىدى، كۇلۇپتا سەيلە قىلىپ يۈردى» دىگەنگە ئوخشاش ئەيىپلەشلەر خۇددى مىسسىنىڭ دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويغاندەك، «كۈچتۈڭگۈرلەر لوڭقىسى»غا بىر قەدەم قالغان ۋاقىتتا خوشلىشىپ، پۇتبول شاھى بولۇشتەك بۇ شەرەپتىن مەھرۈم قالدى. مۇسابىقىدە ئىككىنچى بولغاننى ئازدەپ، ئۆزىنىڭ كولۇپتىكى شاھلىق ئورنىنىڭمۇ تەۋرەپ قالغانلىقىنى بايقىدى.
ئۇ سۇيارىز ئۈچۈن ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلىق ئورنىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشى، نىيمارنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك ئىدى.
بۇنداق ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىپ باشقىلار ئۈچۈن «ئات-ئىشەك» بولۇشتەك بۇ «شان- شەرەپ» ئارگىنتىنا دۆلەت پۇتبول كوماندىسىغىچە يامرىدى، يىڭى تېرىنىر مارتىنو ئاگۇيرونىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك چۈشكۈن ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، مىسىىنىڭ ئورنىنى ئوڭ يان ھۇجۇمچىلىق ئورنىغا تارتىپ قويدى.
تېخىمۇ قاملاشمىغىنى شۇكى، مىسسى بىلەن ئېپى كىلىشمەيدىغان تىۋىزنىڭ دۆلەت كوماندىغا چاقىرتىلىشى بولدى، ئىلگىرىكى تېرىنىر سابېللا مىسسىنىڭ ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئوينىشى ئۈچۈن بۇ «ياۋايى ھايۋان» نى كوماندىغا چاقىرتىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى، بۇ قېتىم تىۋېزنىڭ كوماندىغا چاقىرتىلىشى مىسسىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى نوپۇزلۇق ئورنىنىڭ تۆۋەنلىگەنلكىدىن دېرەك بەردى.
ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك، ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى مىسسىنى باج ئوغىرلىدى دەپ توختىماستىن كۆپتۈرۈپ خەۋەر قىلىپ، مىسىسىنى بارىسلونادىن ئايرىلىش نىيىتىگە ئەكىلىپ قويدى. ئۇ بۇ قېتىم «پۇتبول دۇنياسى تۈرلۈك-تۈمەن ئۆزگىرىشلەرگە تولغان، مەن بۇرۇندىنلا بارىسلونادا توپ تەپكۈم بارلىقىنى ئېيتىپ كەلدىم، بىراق بەزىدە ئىشلار سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدەك بولماي قالىدۇ، پۇتبول دۇنياسىدا ئۆزگىرىشلەر كۆپ، ئىشلار بەك مۇرەككەپ، بىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمايدۇ.» دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ بارىسلونا مەستانىلىرىنى گاڭگىرتىپ قويدى، شۇنداق قىلىپ مىسسى راستىنلا بارىسلونادىن كىتەرمۇ؟
بارلىق يول قۇيۇشلارنى بارىسلونانىڭ ئەزەلدىن پەخىرلىنىپ كەلگەن ئوتتۇرا مەيداندىكى پاس كونتىرول قىلىش سېستىمىسىنىڭ خاۋى بىلەن ئىنىستانىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بەربات بولۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، يىڭىدىن سەپكە قۇشۇلغان راكىتچ ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمىنىڭ ھۆددىسىدىن دىگەندەك چىقىپ كىتەلمىدى، بۇنىڭ بىلەن مىسسى بۇرۇنقى ئورنىدىن ئارقىغا چىكىنىپ توپ ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.
ئىنستا، راكىتىچ، خاۋى، رافىنىخا، روبىرتودىن ئىبارەت بۇ بەش ئالدى بەل يېقىندىن بۇيان ھۇجۇمدا پەقەت كۈچ بىرەلمىدى، بارىسلونا بۇگۈنكى كۈندە پەقەت مىسسى بىلەن نىيمارغا تايىنىپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
شۇنىڭ بىلەن مىسسى سان-سىفىر جەھەتتە كىرىستىيانو رونالدودىن بارغانسىرى كەينىدە قالدى، رونالدو بولسا مۇدىرىچ، كىروس، بېنزىما قاتارلىق سەپداشلىرىنىڭ ياردەمچى پاسلىرىدىن پايدىلىنىپ سان پەرقىنى بارغانسېرى چۇڭايتىپ مىسسىنى خېلىلا كەينىگە تاشلىۋەتتى، مىسسى بولسا سەپداشلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەي قىيىن شارائىتتقا چۈشۈپ قالدى.
خاۋى بىلەن ئىنىستا بولمىغان بولسا مىسسى ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر بىر گىگانىت چولپان بولۇپ يىتىشىپ چىقالمايتتى دىگەن تالاش-تارتىشلار ئەزەلدىن مەستانىلەر غۇلغۇلا قىلىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان. ئەلۋەتتە پۇتبول مۇسابىقىسىدە توپنى 11ئادەم ئوينايدۇ، «يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس، دېڭى چىقسىمۇ چېڭى چىقماس» دىگەندەك مىسسىنىڭ بۇ ئۇتۇقلىرىنى سەپداشلىرىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ئاشۇ شانلىق يىللاردا خاۋى خۇددى قۇدرەتلىك قۇشۇنغا قۇماندانلىق قىلىدىغان سەركەردىلەرگە ئوخشاش كوماندىنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ مۇسابىقىنىڭ ۋەزىيىتىنى، رېتىمىنى كونتىرول قىلالايتتى.
ئىنستامۇ يىنىك قەدەملىرى، نەپىس ھەرىكەتلىرى، ئاجايىپ ماھارەتلىرى بىلەن ئەڭ خەتەرلىك پەيتلەردە كوماندا ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقاتتى.
ئۇلار ئاشۇ جەڭگىۋارلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى بىلەن دۆلەت كوماندىسىنى يىتەكلەپ ئىسپانىيە تارىخىدىكى بىرىنچى «كۈتۈڭگۈرلەر لوڭقىسى» نى قولغا كەلتۈرگەن.
خاۋىنىڭ يېشى چوڭىيىپ بەدەن ساپاسى تۆۋەنلىدى، ئىنىستانىڭ ئىپادىسى بارغانسېىرى چىكىندى، بارىسلونا كوماندا ئەزالىرىنىڭ بۇرۇنقى جەڭگىۋارلىقى ئاجىزلىشىشقا باشلىدى.
ئىنىرىك تېرىنىرلىق قىلغان بۇ قېتىملىق دۆلەت دىربىسىدە ئاللىبۇرۇن ئاساسلىق ئورنىنى يۇقاتقان خاۋى يەنىلا قۇت بەلگىىسى سۈپىتىدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى ۋە ئىككى يىلدىن بۇيان ئىپادىسى تۆۋەنلىگەن ئىنىستا، يارىدار ھالەتتە مەيدانغا چىققان بۇسكىس ئۈچى بىرلىشىپ ئەينى ۋاقتىدىكى «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك»نى شەكىللەندۈرمەكچى بولغان ئىدى، بىراق رىئاللىق بۇ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى، «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك» ئەمدى داتلىشىپ «تۈمۈر ئۈچ بۇرجەك»كە ئايلىنىپ پەقەت كۈچ بېرەلمىدى.
بۇ ۋاقىتتا مەستانىلەر بۇرۇن خاۋىنىڭ ئىزباسارى بۇلالايدۇ دەپ قارىغان فابرىگاسنى ئەسلىدى.
بۇ چاغدا، بۇرۇن نۇرغۇن ئارزۇ ئۈمىدلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن فابرىگاس كوماندىدا يىتەرلىك ھۆرمەتكە ۋە ئىشەنچكە ئېرىشەلمەي، ئوتتۇرا مەيدان ۋە ئوتتۇرا ھۇجۇم ئارلىقىدا ئۇرۇلۇپ سۇقۇلۇپ يۈرۈپ، ئاخىرى سەۋىر قاچىسى تېشىپ چېلسىغا قاراپ يول ئالغان ھەمدە ناھايىتى تىزلا ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بوپ قالغان ئىدى.
نىيمار ۋە سۇيارىزدىن ئىبارەت بۇ ئىككى توپ ئۇرۇش ماشىنىسى كوماندىغا كەلدى، مىسسىنىڭ ھۇجۇمدىكى ئورنىمۇ كەينىگە تارتىلىدى . ئەمدى مىسسىنىڭ 91 توپ كىرگۈزۈشتەك تارىخى بەلكىم ئەمدى تەكرارلانماسلىقى مۇمكىن، چۇنكى خاۋى بىلەن ئىنىستاسىز ئوتتۇرا مەيدان توپ كونتىرول قىلىش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مىسسى كۆكرەك كېرىپ چىقىپ بۇ ئورۇننى تولۇقلاشقا مەجبۇر بولدى.
ھازىرقى بارىسلونادا ئوتتۇرا مەيداننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ساقلىماقچى بولغاندا، ياكى زەردارلار بىلەن تىركەشكەن مۇسابىقىلەردىكى پايدىسىز شارائىتلارنى ئۆزگەرتىشتە، مىسسى يەنىلا كوماندىنى خەتەرلىك ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈشكە ياردەم قىلالايدىغان باشلامچى بولالايدۇ.
مىسسى ئەمدى بۇرۇنقى باشقىلار ياردەم قىلىدىغان ئادەمدىن، باشقىلارغا ياردەم قىلىدىغان ئادەمگە ئايلاندى.
بۇ چىكىنىش ئەمەس، بەلكى بارىسلونانىڭ چىكىنىشنى تىزگىنلەش جەريانىدىكى غايەت زور ئىلگىرلەشتۇر.
بارلىق ئۆزگۈرۈشلەر ئازاپ ۋە قۇربان بىرىشلەرگە تولغان بولىدۇ، بۇ يول قۇيۇشلار مىسسىنىڭ بۇرۇنقى شانلىق دەۋر بىلەن تەلتۈكۈس خوشلاشقانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى يېڭى بىر رىقابەتنى كۈتىۋېلىشقا ئاتلانغانلىقتىن دېرەك بىرىدۇ.
ئەگەر مىسسى بۇ ئۆتكەلدىن ئۈتۈپ كەتسە، ئۇنىڭ پۇتبول ھاياتى يېڭى بىر يۇقىرى پەللىگە قاراپ قەدەم باسىدۇ. ھازىر مىسسى ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغىنى تىرىشچانلىق، چىدام-غەيرەت، ماسلىشىش ۋە كۆرەش قىلىش.
سىلەر بولغاچقا مەن مۇشۇنداق بۇلالىدىم، سىلەر بولمىساڭلا مەن سىلەردەك بولۇشقا تىرىشىمەن. ـــــــــــــــــــــــــــــــ مىسسى
مەنبە: تور دۇنياسى |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|