ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 983 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-23 23:48
ئەسسالام
ئىككى قىسقا خەۋەر:
يېقىندا ئىسكو زىيارەت قۇبۇل قىلغان ۋاقتىدا مۇنداق دېدى:بىزنىڭ بىر توپىمىز بار،بىز بۇ توپتا ئادەتتە نۇرغۇن پاراڭلارنى قىلىشىمىز، مۇسابىقىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار ۋە قىزىقارلىق رەسىملەرنى ھەمبەھىرلىشپ ناھايىتى ئىناق ئۆتىمىز دەپ بىلدۈردى.
يېقىندا گۇاڭجۇ خېڭدانىڭ بىلەن ھەمكارلارشقان تاۋباۋ تورىدىكى مايۈن بېنزىمانىڭ يۆتكەلگۈسى بولسىلا قانچىلىك پۇل كېتىشىدىن قەتئىينەزەر ئەكىلىدىغىنىنى بىلدۈرگەن …
تېمىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك ، دېمەك، مادرىتچىلار ۋە باشقا پۇتبول مەستانىلىرى مادرىتنىڭ مۇشۇ توپىدا قانداق پاراڭلار بولىۋاتىدۇ ،پەرەز قىلىپ باقايلى:
كاسىللاس: ۋوي باللا، ما توپ جىمىپ كەتتىيا
بېنزىما: مەن با مەن با، گەپ قىڭلا كاپىتان
كاسىللاس: ھە، ئاڭلىسام جوڭگۇ ئەكىتەمىشقۇ سىلىنى قازانچى
بېنزىما:ۋاي يوق گەپ قىماڭلا، مەن تولا قارا قازان يۈدۈپقالغىنىم بىلەنتېخى جوڭگۇغا بېرىپ توپ تەپكۈدەك ناچار ھالەتكە چۈشۈپ قالمىدىم جۇمۇ
كاسىللاس: ھە،توغرد ئويلاپسىلە، سىلە كەتسەڭلا قارا قازاننى مەن يۈدۈپ قالىمەن ھەقاچان كوماندىدىكى
ئىسكو: ۋوي، ما توپ قايناپ كېتىپتۇيا،لېكىن مەنمۇ كۆدۈم ،شۇنداقراق خەۋەرنى ، كەتمەڭ ھە بېنزىماكا
كارۋاجال: ۋوي، بۇ قايسى نوچى كۇلۇپكىنا ئۇ، بېنزىمانى ئاغۇدەك كۇلۇب بارمىكىنا ئۇ جوڭگ7دا ؟
بېنزىما: بار، ئالدىنقى يىلىمۇ بىر يىلى بىر بېرىپ ئوينىغان، ھازىر گۇاڭجۇ تاۋباۋ خېڭدا پالانى پوكۇنى دېگەندەك بىر كۇلۇب شۇ،كىمنىڭ ئېسىدە باركىن ؟
رونالدو: ئۆھھۆ ئ مېنىڭ ئېسىمدە ،شۇ مۇسابىقىدە، مەن كەينىچە بىر توپ ئۇرغان، بېنزىما غىمۇ بىر كەينىچە ياردەمچى پاس بەرگەن
بېنزىما: ھە، شۇ كۇلۇپ شۇ،ئۇ كوماندىدا ھېلىقى جېڭجى دەپمۇ بىرسى با،ۋارانى ئۇكام ، باما سەن، شىسەي ئاكاڭنى بىلەمسە؟
ۋارانېي: ھەئە، يارىلانمىغان بولسا، بەك پەچەت ئوينايتتى
بېنزىما: ھە، ئاشۇنداق پۇت سۇندۇرىدىغان ئادەملەر بار كوماندىغا بارامدىمەن تېخى مەن؟ مۇمكىن ئەمەس
ۋارانى: ھە، ئەمدى لېكىن بىر كوماندىدا بولغاندىكىن ، ئۆز كوماندىدىكىلىرىنى يارىلاندۇرمايدىغاندۇ، قارشى تەرەپنى يارىلاندۇرىدۇ ھەقاچان
بېنزىما: ھەي ۋارانى ئۇكام ، نادانلىق قىلىۋاتىسەندە، كىم دەيدۇ بىر كوماندىدا بولسا يارىلاندۇرمايدۇ دەپ؟ ما كاسىللاس ئاكاڭنىڭ قولى بىكار يارىلانغانما؟ رامۇسجون ، ئىككى ئېغىز لىللا گەپ قىلىڭلا با بولساڭلا چىقىپ
رامۇس: ھېي قارا قازانچى، جىم ئولتاساممۇ بىكا يېغىرىمغا تېگىدىكەنسىلە، مەن يا قەستەن قىلمىسام، قانداق دېدىم پې ھەزرەت، چىقىڭلا ھىجىيىپ ئولتۇرىسىلە ھەقاچان ئىكران ئالدىدا
پې پې: ھىم، ياخشى تەھلىللەر بولۇۋىتىپتۇ، گۇمپا ۋە جانبازلىق دۇنياسى شۇنداق دۇنيادۇر، پۇتى ئاستا چىقسا، توپ كېتىدۇ پۇت قالىدۇ،پۇت تېز بولسا بەزىدە باشقۇرماقمۇ تەس بولىدۇ، پۇت كېتىدۇ يارا قالىدۇ، پۇتلار شۇنداق پۇتلار، ھېي گۈزەل پۇت
مارسېلو: پې پېياخۇن ، يەنە تۆت سەر يېرىم جىڭ قېقىۋالدىڭلىمۇ نېمە؟دېمىسىمۇغۇ، بىزنىڭ مادرىتنىڭ بېكلىرى باشقىلار تەرىپىدىن بەك تەنقىد قىلىنىمىز،ئىشقىلىپ ئۆزىمىز شۇنداق تىرىشىپ ئوينايمىز، بوپتۇ، بۇنداق قارىلىنىش دەردىمىزنى ئۆزىمىز بىلىمىز كۆڭلىمىزدە
ئىسكو:ھە بەك بىلىسىلە مارسىلو ئاخۇنۇم، ھەر قېتىم گۈلدۈرلەپ ئىچىگە كىرىپ كېتىسىلە، قايتۇرما ھۇجۇم بوپ قالسا، كەينىگە مەن يۈگرەيمەن ئۆپكەم تىقىلىپ،كېيىنكى مەيدان يەنە شۇنداق قىلساڭلا ، بېل چىقسۇنا ئورنۇڭلىغا، مايمۇن ئاغىمىزمۇ بۇرۇن بېكتى
بېل: كىم مايمۇنكەن ؟ ما گەپنى، يۈز مىلىيونغا توپچى ئەكىلىپ، بېك ئوينىتىپتۇ دېسە، ھەممە ئادەم كۈلۈپ يۇمىلىنىپ قالىدۇ ئۇكام، ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە/::+، مەن ئالدىدا رونالدوغا ياردەمچى پاسلارنى بېرىپ ئالدىراش،بېك ئوينىمايمەن
رونالدو: بوپتۇ، ھېي ، بېل، خاتىرجەم بېك ئويناڭلا كەينىگە بېرىپ، يېقىندىن بېرى جامۇس ئىنىمىز بەلەن بېرىۋاتىدۇ ياردەمچى پاسلارنى /:X-)
جامۇس: ماقۇل ئاكا، مەسىلە يوق، كېيىنكى مەيداندا تېخىمۇ تىرىشىمەن/::P
بېل: يوق گەپ قىلماڭلا، مەرگەنلەرنىڭ بىرىنچىسى بولالمىساممۇ ياردەمچى پاس قاتارىدا بىرىنچى بولىۋالاي/::-S
مودرىچ: ھىم… بېل ئۇكام پاسلارنى بەلەن بېرىۋاتقانلىقىڭغۇ راست، لېكىن كېتىشىڭگە كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ جۇمۇ/::'|
تونى كىروس:ئوخخو، ما باللا يانماي پاراڭلىشىپ قويدۇڭلا ھە، بىردەم كىنو كۆرگىلى قويمىدىڭلا باغۇ ئادەمنى، تىت تىت تىت قىلىۋىرىپ، ھە ،كىم كېتىدىكەن، مودرىچ نېمىگە يىغلاۋاتىسىلە؟ /:?
مودرىچ: بۇ جاھاندىن بىخەۋەر كىنو كۆرۈپ ئولتاماي،ئانچە مۇنچە مۇنبەرگە كىرىپ خەۋەر كۆرۈڭلا تونى ئۇكام،ما بېلنى مانچىستىرغا كېتىدۇ دەپ خەۋەر كۆرۈپ كۆزەم قىيمايۋاتىدۇ.
تونى: ھەي ، يوق گەپ ئۇ، مېنىمۇمانچىستېر سېتىۋالىدۇ دەپ خەۋەر ئوقۇپ ئولتاسام،مادرىت ئەكەتتىغۇ مانا
دىمارىيا: ۋوي، كىم كېلىدىكەن ما بىزنىڭ مانچىستېرغا؟قەتئىي كەممەڭلا ئاغىنىلە ، ماڭغۇزۇپ بولغىلى بولمايدىغان كۇلۇپكەن بۇ/::<
كاسىللاس: ۋوي،بۇ دىمارىيا، ما توپتىن تېخى چېكىنمەپسىلىيا؟ بىلىسىلە ما توپنىڭ قائىدىسىنى،كۇلۇب يۆتكەلگەنلەر ئۆزى ما توپتىن چېكىنىش دەپ قائىدىمىزبار، سىلىنى تېپىۋىتىپ يۈرمەي، ئۆزەڭلا چىقىپ كېتىڭلا
دىمارىيا: ۋوي، كاسىللاس،رەئىسكە بىر دەپ بېقىڭلا مەن مادرىتقا قايتاي، چوقۇم بۇرۇنقىدىن تىرىشىپ ياخشى ئوينايمەن، مائاش توغرىلىق غەلۋە قىلمايمەن، بەك پۇشايمان قىلدىم
كاسىللاس:يوق پاراڭ قىلماڭلا، سىلە شۇنچە تىللىشىپ، يەنە كەلسەڭلا رەئىس يۈزىنى نەگە قويىدۇ، چكىنىڭلا توپتىن، ئۇزغۇنلۇقتا ئۇچرىشىپ قالساق قاملاشمايدۇ، جاسوسلۇق قىلماڭلا ما توپتا
ئاربىلويا: مانچىستىر نەدە ئۇزغۇنلۇق ئوينايدۇ؟ ما بىر نەچچە يىل ئوينىمايدۇ ھەقاچان، لېكىن دىمارىيا كەلسە بەلەن بۇلاتتى ، كاسىللاس، سىلىمۇ ما يەردە توپ باشلىقى ئىكەنلىكىڭلىنى پەش قىلىپ سۆزلىمەڭلا،نېمىلا بولمىسۇن توپنى بەلەن تېپىدۇ دېمارىيا
كاسىللاس: توپنى بەلەن تەپكەن بىلەن ماۋۇ كۇلۇبنىڭ ئورگان توپى، مەن ما كوماندىنىڭ كاپىتانى، شۇڭا مۇشۇنداق قىلىمەن
توپ ئەسكەرتىشى: ئەزا دىمارىيا توپ باشلىقى كاسىللاس تەرىپىدىن توپتىن تېپىۋىتىلدى
ئاربىلوۋا: ئاجايىپكەنسىلە جۇمۇ
توپ ئەسكەرتىشى: ئەزا ئاربىلوۋا توپتىن چېكىندى
بىردەملىك جىمجىتلىقتىن كېيىن…
جېسې : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكىلا، مەن بايا يوقتىم،توپ قىززىپ كېتىپتۇ،مەنمۇ سىلەگە بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدىم
رونالدو: قززىپ كېتىپ، سوۋۇپمۇ بولدى،خەۋەرنى ئاڭلايلى قېنى…
جېسې: چېلسىينىڭ ھېىقى چىرايلىق كاندا دوختۇرى بارغۇ، شۇ كەپتۇ ، بايا بىر چاڭ پىچەت تەكشۈرتۈپ چىقتىم ئۆزەمنى، شۇڭا توپنىڭ قىززىپ ،سوۋۇپ دېگەننى ئۇقماپتىمەن…
كونتىراۋ: ۋوي، راسما؟ مېنىڭ ما سول تىزىم ئاغرىپ نەچچە كۈندىن بېرى، بىر تەكشۈرتمىسەم بولمىدى جۇمۇ
پېي پېي: ھە، ما كونتىراۋ مەنچىلىك سادىق ئەمەس جۇمۇ، مەن يانفون ئىكرانىمغىمۇ ئايالىمنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ يۈرىمەن ، چېچىڭلىغا ئاق كىرىپ ئاپئاق بوپ كەتسىمۇ يەنە مۇشۇنداق شاپاقلىق قىلىقپ يۈرىسىلە سىلىغۇ
مارسىلو:مەيلى بارسۇن،كېلەر مەيدانغا ساقىيىپ مۇسابىقىگە چۈشۈپ كەتسە، ئاندىن مەن شۇ قىز بىلەن ئولتۇرۇپ مۇڭداشقاچ گازىر چېقىپ مۇسابىقە كۆرسەمزە…
كونتىراۋ:ما پۇتۇمغۇ ئاغرىيدۇ،چاقچاق،دوختۇرغا كۆرۈنگىدەكمۇ ئەمەس، ئىككى ئۈچ ھەپتە گازىر چاققاچ شۇ قىزنىڭ قېشىدا ئولتۇرسام ساقىيىپ قالىمەن ھەقاچان…
پېك:مانداقمۇ گەپلەر بارما؟ مەنمۇ يارىلىنىپ گۈزەل دوختۇرلار بىلەن داۋالىنىپ باقسامچۇ سىلەردەك؟ ما توپتا ھېدرانىڭ ئىسمى بىلەن كىرىۋىلىپ يۈرگەن ، بۈگۈن مانى كۆرۈپ چىدىمىدىم، بولدى، مەن يارىلاندىم،دوختۇرخانىغا بېرىپ گۈزەل قىزلار كەلمىگىچە ساقايمايمەن، جاسوسلۇق قىلىمەن دەپ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىۋالدىم بۇ توپتا ، ھېدراغا دەپ بېرىڭلا ، ما چ چ سىنى مەن ئوغرىلىغان، مەخپىي نومۇرى جاسوس ۋۇ ئەر لىڭ…
داۋامى ئەتە يوللىنىدۇ
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|