ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2304 |
تۆھپىسى: سەر |
|
دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇق مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ 12-ئايلانمىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ ئايلانمىدا مانچېستېر بىرلەشمىسى ئارسىنال بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغان بولۇپ، مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ تىرىنىرى ۋانگال بىر شۇم خەۋەرنى ئىلان قىلغان. يەنى بۇ يىل ئىجارە شەكلىدە مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان كولۇمبىيە يولۋىسى فالكاۋ مەشىق جەريانىدا يارلانغان بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئارام ئالىدىكەن.
بۇ يىل يازدا مانچېستېر بىرلەشمىسى 5 مىليون فونىستېرلىڭ ئىجارە ھەققى تۆلەپ فالكاۋنى قوشۇۋالغان. ۋان پىرىسنىڭ يىشىنىڭ چوڭىيىشى، ۋىلبىكنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسى ھوجۇم سىپىدە فالكاۋدىن چوڭ ئۈمۈد كۈتكەن، ئەمىلىيەتتە فالكاۋ كوماندىغا قوشۇلغاندىن تارتىپ يارىسىنى داۋالىتىپ كەلگەن.
بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بىرى فالكاۋ ئېنگلاند بىرلەشمىسىدە 5 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 1 توپ ئۇرغان. ئەسلى فالكاۋ ئارسىنال بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقماقچى بولغان، لىكىن نەس باسقاندەك مەشىق جەريانىدا يارلانغان بولۇپ، 2 ھەپتە ئارام ئالىدىكەن. قارىغاندا مانچېستېر بىرلەشمىسى قىشلىق بازاردا فالكاۋنى سىتىۋىلىشنى قايتا ئويلىشىدىغان ئوخشايدۇ.
بۇ پەسىل مانچېستېر بىرلەشمىسى نۇرغۇن مەبلەغ سىلىپ توپچى قوشۇۋالغان بولسىمۇ، يىڭى بىرلەشمە باشلانغاندىن بۇيان مانچېستېر بىرلەشمىسىدە ياردارلار كۆپۈيۈپ كەتكەن، ئالدىنقى 10 ئايلانمىدا 16 نەپەر توپچى يارلانغان.
فالكاۋدىن باشقا دەيلى-بىلىنتمۇ ياردارلار تىزىملىكىدە ئىكەن. بىلىنت گوللاندىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ياۋرۇپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە يارلانغان بولۇپ، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە 6 ھەپتە ئارام ئالىدۇ دىيىلگەن، لىكىن مانچېستېر بىرلەشمىسى ئورگان تورىنىڭ ئىلان قىلىشىچە بىلىنتنىڭ يارىسى خىلىلا ئىغىر بولۇپ تەخمىنەن يىرىم يىل مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىكەن.
بىراق مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن خوش خەۋەرمۇ تارقالغان بولۇپ، دوستلۇق مۇسابىقىسىدە يارلانغان دىمارىيا بىلەن دىھىيا ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى ئارسىنال بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن. |
|