ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 921 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مېسسى بىردىنبىر بىر پەسىلدە «ئالتۇن توپ» -«دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى»- «ياۋروپا ئالتۇن بوتىس» مۇكاپاتى ۋە ئىسپانىيە «ئالتۇن بوتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پۇتبولچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مېسسى بۇ رىۋايەتنى 2009-2010 مۇسابىقە پەسلى ياراتقان.
مېسسى ئۈچ قېتىم «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەڭ ياش توپچى، 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى مېسسى ئۈچىنچى قېتىم بۇ تۈردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شۇ چاغدا مېسسى 24 ياش ئالتە ئاي، 17 كۈنلۈك بولغان ئىدى.
مېسسى 2009-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ئۇدا تۆت قېتىم ئالتۇن توپ «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» بولۇپ باھالانغان.
ئۇ كولۇبتا يەككە پەسىلدىكى رەسمىي مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى، 2011-2012 مۇسابىقە پەسىلدە، مېسسى جەمىي 73 توپ كىرگۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى 50 توپنى بىرلەشمە مۇسابىقىدە، 14 توپنى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسدە، ئۈچ توپنى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسدە، ئىككى توپنى دۇنيا كولۇبلار مۇسابىقىسدە، بىر توپنى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسدە كىرگۈزگەن. شۇ يىلى مېسسى دۇنيا پۇتبول ساھەسىنى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن.
ئۇ بىر يىلدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى، 2012-يىلى بىر يىل ئىچىدە مېسسى جەمىي 96 توپ كىرگۈزۈپ «توپ كىرگۈزۈش ماشىنىسى» غا ئايلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە بارسېلونا كوماندىسدا جەمىي 84 توپ كىرگۈزگەن. ( ئىسپانىيە بىرلەشمىسدە 59 توپ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسدە 13 توپ، ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسدا بەش توپ، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسدا ئىككى توپ، دوستلۇق مۇسابىقىسدە بەش توپ، ئارگېنتىنا دۆلەت پۇتبول كوماندىسدا 12 توپ )
ئۇ بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۇدا توپ كىرگۈزۈش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ توپچى، 2012-2013 مۇسابىقە پەسلى 11-ئايلانما مۇسابىقىدىن 34-ئايلانمىغىچە ئۇدا توپ كىرگۈزگەن. 21 مەيدان مۇسابىقىدە 33 توپ كىرگۈزگەن.
ياۋروپا ۋە ئىسپانىيە دائىرىسى :
ئۇ جەمىي 71 توپ كىرگۈزۈپ «ئۈزۈك شاھ» راھۇل بىلەن ئوخشاش ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى بىرىنچى مەرگەن ئورنىغا چىققان توپچى، بۇ ئىككىسدە خېلى پەرق بار. يەنى مېسسى بۇ 71 توپنى 90 مەيدان مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن. راھۇل بولسا 142 مەيدان مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن.
ئۇ بىردىنبىر 2008-2009 مۇسابىقە پەسلىدىن 2011-2012 مۇسابىقە پەسلىگىچە ئۇدا تۆت قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسدە مەرگەن بولغان توپچى.
ئۇ ياۋروپا «ئالتۇن بوتىس» مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيانقى يەككە پەسىلدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى، 2011-2012 مۇسابىقە پەسىلدە جەمىي 50 توپ كىرگۈزگەن. بۇ ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق!
ئۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى يەككە پەسىل ئۆز مەيدانىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىر، 2012-2013 مۇسابىقە پەسىلىدە، ئۆز مەيدانى نوكامپۇدا جەمىي 35 توپ كىرگۈزگەن.
ئۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى يەككە پەسىلدە توپ كىرگۈزگەن مەيدان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ ماھىر، 2012-2013 مۇسابىقە پەسىلىدە 15 مەيدان ئۆز مەيدانىدا ئوينالغان بىرلەشمە مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگەن. توپ سانى 24 كە يەتكەن.
ئۇ كېيىنكى يېرىم پەسىلدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىر، 2012-2013 مۇسابىقە پەسىلى كېيىنكى يېرىم پەسىلدە جەمىي 28 توپ كىرگۈزگەن.
ئۇ بىردىنبىر بىر پەسىلدە ھەم مەرگەن ھەم «پاس شاھى» بولغان توپچى، 2011-2012 مۇسابىقە پەسىلىدە 50 توپ كىرگۈزۈپ 15 پاس بەرگەن. ( پاس سانى خان مادرىد كوماندىسىدىكى مەسۇت ئۆزىل بىلەن ئوخشاش)
ئۇ يەككە پەسىل كولۇبتىكى مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىر، 2011-2012 مۇسابىقە پەسلىدە جەمىي 75 توپ كىرگۈزگەن. ( بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى توپنى دوستلۇق مۇسابىقىسدە كىرگۈزگەن)
ئۇ ئىسپانىيەدە تۇنجى بولۇپ باشقا 19 كوماندىغا توپ ئۇرغان ماھىر، 2012-2013 مۇسابىقە پەسلىنىڭ 11-ئايلانمىسىدىن 29-ئايلانمىسىگىچە، مېسسى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى 19 كوماندىغا توپ ئۇرغان. جەمىي كىرگۈزگەن توپ سانى 30 قا يەتكەن. |
|