akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 800|ئىنكاس: 41

گىرمانىيە بىرلەشمىسى تارىخى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-19 17:23:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
u=4211471892,4048132783&fm=23&gp=0.jpg
گىرمانىيە پۇتبۇل ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسى، قىسقارتىلىپ گىرمانىيە بىرلەشمىسى دىيىلىدۇ. گىرمان تىلىدا ( Bundesliga ) دىيىلىدۇ. گىرمانىيە بىرلەشمىسى گىرمانىيە تەنتەربىيە تۈرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىسى ھىسابلىنىدۇ، گىرمانىيە پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى 1962-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى دورتموندتا قۇرۇلغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى گىرمانىيە پۇتبۇلچىلار سىستىمىسىنىڭ تارماق گورۇپپىسى ھىسابلىناتتى.
1-130Q4145P2H8.jpg
گىرمانىيە بىرلەشمىسىدە ھەربىر كوماندا باشقا كوماندىلار بىلەن مىھمان ۋە ساھىبخان مەيدان بولۇپ ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ، بىرلەشمىدە 1-،2-،3-بولغان كوماندىلار ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىگە بىۋاستە قاتنىشىدۇ، 4- بولغان كوماندا سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئوينايدۇ، 5-،6-بولغان كوماندا ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشىدۇ. ئەڭ كەينىدە قالغان ئىككى كوماندا گىرمانىيە ب بىرلەشمىسىگە چۈشۈپ كىتىدۇ، كەينىدىن سانىغاندا 3-بولغان كوماندا ب بىرلەشمىدە 3-بولغان كوماندا بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، قايسى كوماندا غەلبە قىلسا، ب بىرلەشمىدە 1-،2-بولغان كوماندا بىلەن بىللە گىرمانىيە ئا بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا گىرمانىيە ئا ۋە ب بىرلەشمىدىكى بارلىق كوماندىلار گىرمانىيە پۇتبۇلچىلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. ئىككى بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونى گىرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىدۇ.
u=2573384181,4142666455&fm=21&gp=0.jpg
گىرمانيە بىرلەشمىسى ياۋرۇپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمىنىڭ بىرى، ياۋرۇپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمىنىڭ ئۈچىنچىسى ھىسابلىنىدۇ. گىرمانىيە بىرلەشمىسى پۇتۈن دۇنيادا كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى، گىرمانىيە بىرلەشمىسى 60 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبى بولسا گىرمانيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان كۇلۇب بولۇپ، 23 قىتىم چېمپىيون بولغان. 2014-2015-يىللىق مۇسابىقە پەسلى بولسا 52 نۆۋەتلىك گىرمانىيە بىرلەشمىسى ھىسابلىنىدۇ.

گىرمانىيە بىرلەشمىسى تارىخى
گىرمانلار ناھايىتى قەيسەر مىللەت بولۇپ، گىرمانىيە پۇتبۇلدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا گىرمانىيەدە 1863-يىلدىكى ئېنگلاند پۇتبۇل قائىدىسى بويىچە پۇتبۇل ھەرىكىتى تىز تەرەققى قىلغان.
1860-يىلى بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبى قۇرۇلغان، بايرىن كۇلۇبى قۇرۇلغاندىن كىيىن گىرمان تاكىلىرىنىڭ تەرەققىيات چاقى بولۇپ قالغان.
1900-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى لەپزىگدىكى بىر قاۋاقخانىدا گىرمانىيە پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغان.
42166d224f4a20a4d86795cf90529822720ed0b9.jpg
1903-يىلى 1-نۆۋەتلىك گىرمانىيە رايۇن ھالقىغان مۇسابىقە ھامبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن، لەپزىگ كوماندىسى چېمپىيون بولغان. 1904-يىلى خەلقئارا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى گىرمانىيەنى ئەزا دۆلەت قىلىۋالغان. بىرىنچى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى گىرمانىيەنىڭ پۇتبۇل تەرەققىياتىغا زور توسالغۇ بولغان.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن غەرىبتىكى ئۈچ دۆلەت ( ئامرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ) فىرانكىفورت شەھرىدە فىدراتىپ گىرمانىيە پۇتبۇل بىرلەشمىسىنى قۇرۇپ چىققان،
شۇ يىلى سوۋىت ئىتتىپاقىمۇ دىمكۇراتىك گىرمانىيە پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنى قۇرۇپ چىققان. فىدراتىپ گىرمانىيە پۇتبۇل بىرلەشمىسى 1947-1948-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ بىرلەشمە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى باشلىغان بولۇپ بۇ مەزگىلەردە گىرمانىيە پۇتبۇلى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان.
1990-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدىن كىيىن، بۆلۈنۈپ كەتكىنىگە 45 يىل بولغان گىرمانىيە ئاخىرى بىرلىككە كەلگەن، ئىككى پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىمۇ قوشۇۋىتىلىپ، گىرمانىيە پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى بولۇپ قالغان. بىرلەشكەندىن كىيىن فىدراتىپ گىرمانىيە پۇتبۇل بىلەن دىمكۇراتىك گىرمانىيە پۇتبۇلى ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ قالايمىقانچىلىق كىلىپ چىققان، 4 يىللىق جاپانى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى گىرمانىيە پۇتبۇلى بىرلىككە كەلگەن.

قىسقىچە بايانات
1963-1964-يىلدىن 1967-1968-يىلىغىچە
بۇ مەزگىل گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلى بولۇپ، 5 مۇسابىقە پەسلى 5 ئوخشاش بولمىغان چېمپىيون كوماندا بارلىققا كەلگەن. ھامبۇرگ كوماندىسىدىكى ئۇۋ-سىلىر تۇنجى گىرمانىيە ئالتۇن ئاياق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1965-يىلى بايرىن مىيۇنخىن بىلەن مىنشىدگىلادباخ دەرىجە ئۆرلەپ ئا بىرلەشمىگە چىققاندىن كىيىن كىيىنكى نەچچە يىل بۇ ئىككى كوماندا ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقە گىرمانىيە دىربىسى بولۇپ قالغان. u=1945179711,621951586&fm=21&gp=0.jpg

1968-1969-يىلدىن 1976-1977-يىلىغىچە
بۇ مەزگىل گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ قىززىغان ۋاقتى بولۇپ، بەيرىندىكى بىككەنباۋىر، گىرد-موللىر، سىپ-مائىر،  مىنشىدگىلادباخ كوماندىسىدىكى ھايكىنىس، نىتزىر، ۋوگتىز قاتارلىق توپچىلارنىڭ ماھارەت مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغان. بۇ 9 يىل جەريانىدا مىنشىدگىلادباخ 5 قىتىم، بايرىن 4 قىتىم چېمپىيون بولغان. 1970-،1971-يلىلىرى مىنشىدگىلادباخ ئۇدا ئىككى نۆۋەت چىمپىيون بولغان، 1972،1973،1974-يىللىرى بايرىن ئۇدا 3 نۆۋەت چېمپىيون بولغان، 1975،1976،1977-يىللىرى بولسا
مىنشىدگىلادباخ چېمپىيون بولغان.
گىرد-موللىر u=4194143020,1497066301&fm=21&gp=0.jpg
بىككەنباۋىر d4628535e5dde711eeeb7d6aa7efce1b9d166174.jpg
سىپ-مائىر u=3596781988,20958272&fm=15&gp=0.jpg
ھايكىنىس u=4216831008,3851487744&fm=11&gp=0.jpg
نىتزىر   u=2539121547,3104356480&fm=21&gp=0.jpg
ۋوگتىز   20110824180113_2968.jpg

1977-1978-يىلدىن 1982-1983-يىلىغىچە
بۇ مەزگىلمۇ گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئىككى كوماندىنىڭ دىربىسىغا ئايلانغان، مىنشىدگىلادباخنىڭ ئورنىغا ھامبۇرگ كوماندىسى چىققان. بايرىن بىلەن ھامبۇرگ كوماندىسى جەنۇب-شىمال جىڭىنى باشلاپ، 6 پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ 5 قىتىمىدا چېمپىيونلۇقنى مۇشۇ ئىككى كوماندا ئالغان. ھامبۇرگ كوماندىسى ئۇدا 5 پەسىل ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن.

1983-1984-يىلىدىن 1989-1990-يىلىغىچە
بۇ مەزگىلدە مىنشىدگىلادباخ ۋە ھامبۇرگ كوماندىسىنىڭ كۈچى ئاجىزلىغان، بايرىن 7 پەسىللىك مۇسابىقىدە 5 قىتىم چېمپىيون بولغان. بەيرىن بىلەن كۈچ ئىلىشالايدىغان كوماندىلاردىن سىتاتگارت كوماندىسى، ۋىردىر بىرىمىن كوماندىسى، كىلون كوماندالىرىلا قالغان. سىتاتگارت كوماندىسى 1 قىتىم، ۋىردىر بىرىمىن كوماندىسى 1 قىتىم چېمپىيون بولغان، كىلون كوماندىسى ئىككى قىتىم ئىككىنچى بولغان.

1990-1991-يىلىدىن 1995-1996-يىلىغىچە
بۇ مەزگىل گىرمانىيە بىرلىككە كەلگەن دەسلەپكى مەزگىل بولۇپ، بايرىننىڭ ئىپادىسى داۋالغۇپ تۇرغان بولۇپ پەقەت 1 قىتىم چېمپىيون بولغان، بۇ مەزگىلدە دورتمۇندنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغان بولۇپ، 1994-1995-،1995-1996-مۇسابىقە پەسلى ئۇدا ئىككى قىتىم چېمپىيون بولغان. مىنشىدگىلادباخ بىلەن ھامبۇرگ كوماندىسى بايرىننىڭ رەقىبى بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇ ئىككى كوماندىدىكى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بايرىننىڭكىدىن كۆپ ئىدى. سىتاتگارت كوماندىسى بىلەن فىرانكفورت كوماندىسىنىڭ ئىپادىسىمۇ ياخشى بولغان.

1996-1997-يىلدىن 2001-2002-يىلىغىچە
بۇ مەزگىلدە يىڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان كەيسىرىسلاۋتۇرىن كوماندىسى دەرىجە ئۆرلەپ چىققان يىلى چېمپىيون بولۇپ ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغان. بۇ مەزگىلدە لىۋىركوسۇن كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغان بولۇپ، بايرىننىڭ چېمپىيونلۇق چۈشىنى بەربات قىلغان.

2002-2003-يىلىدىن كىيىن
02-03-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن كىيىن بايرىن قايتىدىن ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا قايتىپ كەلگەن. بۇ مەزگىلدە بايرىن 7 قىتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. 2010-يىلىدىن كىيىن دورتموند ئۇدا 2 نۆۋەت چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ بايرىنغا خىرىس قىلىشقا باشلىغان. 2010-يىلدىن كىيىن بايرىن بىلەن دورتموندنىڭ مۇسابىقىسى گىرمانىيە دىربىسى بولۇپ قالغان. بۇ مەزگىل پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئەڭ قىززىغان مەزگىل بولۇپ بايرىن 7 قىتىم چېمپىيون بولغان. دورتموند 2002،2011،2011-يىللىرى چېمپىيون بولغان، سىتاتگارت كوماندىسى 2007-يىلى چېمپىيون بولغان، لىۋىركوسۇن  2009-يىلى چېمپىيون بولغان، ۋىردىر بىرىمىن كوماندىسى 2004-يىلى چېمپىيون بولغان.

تارىختىكى چېمپىيون ھەم ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى

2013-2014- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى  دورتموندتىكى لەيۋەندوۋىسكى  20 توپ ئۇرغان.
2012-2013- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى  لىۋىركوسوندىكى سىتىفىن-كىسلىڭ 25 توپ ئۇرغان.
2011-2012- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون دورتموند    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى  شارك04تىكى خىنتىلار 29 توپ ئۇرغان.
2010-2011- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  دورتموند    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى  بايرىندىكى مارىئو-گومىز 28 توپ ئۇرغان.
2009-2010- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى لىۋىركوسىندىكى ئىدىن-زىكو 22 توپ ئۇرغان.
2008-2009- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون لىۋىركوسۇن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى لىۋىركوسۇندىكى گىرافىت 28 توپ ئۇرغان.
2007-2008- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بايرىندىكى تونى 24 توپ ئۇرغان.
2006-2007- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون سىتاتگارت    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بوچۇم كوماندىسىدىكى جىكاس 20 توپ ئۇرغان.
2005-2006- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى ۋىردىر بىرىمىندىكى كىلوز 25 توپ ئۇرغان.
2004-2005- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى نىرنبىرگدىكى مىنتال 24 توپ ئۇرغان.
2003-2004- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون ۋىردىر بىرىمىن   ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى ۋىردىر بىرىمىندىكى ئالتۇن 28 توپ ئۇرغان.
2002-2003- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بوچۇم كوماندىسىدىكى توماس-كىرىستىيانسىن 21 توپ ئۇرغان.
2001-2002- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  دورتموند    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى دورتمونتىكى ئاموروسو بىلەن بايرىندىكى مارتىن-ماكىس 18 توپ ئۇرغان.
2000-2001- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى ھامبۇرۇگدىكى باربارىز بىلەن شارك04تىكى سەند 22 توپ ئۇرغان.
1999-2000- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بايرىندىكى مارتىن-ماكىس 19 توپ ئۇرغان.
1998-1999- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بىرلىن تەنتەربىيەسىدىكى پىرىتىز 23 توپ ئۇرغان.
1997-1998- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون   كەيسىرىسلاۋتۇرىن   ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى لىۋىركوسۇندىكى كىرىستىن 22 توپ ئۇرغان.
1996-1997- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى لىۋىركوسۇندىكى كىرىستىن 22 توپ ئۇرغان.
1995-1996- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  دورتموند    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى سىتاتگارتىكى بوبى 17 توپ ئۇرغان.
1994-1995-  مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  دورتموند    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى ۋىردىر بىرمىندىكى باستىر بىلەن دورتموندتىكى خىرلىچ 20 توپ ئۇرغان.
1993-1994-  مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى فىرانكىفورتتىكى يىبوئا 18 توپ ئۇرغان.
1992-1993-  مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  ۋىندىر بىرىمىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى  فىرانكىفورتتىكى يىبوئا 20 توپ ئۇرغان.
1991-1992- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون سىتاتگارت    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى سىتاتگارتتىكى ۋولتىر 22 توپ ئۇرغان.
1990-1991- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون   كەيسىرىسلاۋتۇرىن   ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان بايرىندىكى ۋولفارت 21 توپ ئۇرغان.
1989-1990- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى فىرانكىفورتتىكى ئاندىرسىن 18 توپ ئۇرغان.
1988-1989- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى كىلوندىكى ئالوفىس بىلەن بايرىندىكى ۋولفارت 17 توپ ئۇرغان.
1987-1988- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون ۋىندىر بىرىمىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى سىتاتگارتتىكى كىلىنسىمان 19 توپ ئۇرغان.
1986-1987-  مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى مىنشىدگىلادباختىكى راخىن 24 توپ ئۇرغان.
1985-1986- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بوچومدىكى كۇنتىز 22 توپ ئۇرغان.
1984-1985- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى كىلوندىكى ئالوفىس 26 توپ ئۇرغان.
1983-1984- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون سىتاتگارت    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بايرىندىكى رامىنىگ 26 توپ ئۇرغان.
1982-1983- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون ھامبۇرگ    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى ۋىندىر بىرىمىندىكى ئوۋلىر 23 توپ ئۇرغان.
1981-1982-مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون ھامبۇرگ    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بايرىندىكى  راممىنىگ 29 توپ ئۇرغان. ھامبۇرۇگدىكى خىربىسچ 27 توپ ئۇرغان.
1980-1981- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بايرىندىكى  راممىنىگ 29 توپ ئۇرغان.
1979-1980- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بايرىندىكى  راممىنىگ 26 توپ ئۇرغان.
1978-1979- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون ھامبۇرگ    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى دۇسىلدۇردىكى ئاللوفوس 22 توپ ئۇرغان.
1977-1978- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون كىلون   ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بايرىندىكى گەيت-موللىر 24 توپ ئۇرغان.
1976-1977- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون مىنشىدگىلادباخ    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى كىلوندىكى دىتىر-موللىر 34 توپ ئۇرغان.
1975-1976- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون مىنشىدگىلادباخ    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى شارك04تىكى فىسچىر 29 توپ ئۇرغان.
1974-1975- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون مىنشىدگىلادباخ    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى مىنشىدگىلادباختىكى ھايكىنىس 27 توپ ئۇرغان.
1973-1974- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى مىنشىدگىلادباختىكى ھايكىنىس بىلەن بايرىندىكى  گەيت-موللىر 30 توپ.
1972-1973-  مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بايرىندىكى گەيت-موللىر 36 توپ ئۇرغان.
1971-1972- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بايرىندىكى گەيت-موللىر 40 توپ ئۇرغان.
1970-1971-  مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون مىنشىدگىلادباخ    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى ئوبۇرخاۋسىندىكى كوبلۈن 24 توپ ئۇرغان.
1969-1970-  مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون مىنشىدگىلادباخ    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بايرىندىكى گەيت-موللىر 38 توپ ئۇرغان.
1968-1969-  مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بايرىندىكى گەيت-موللىر 30 توپ ئۇرغان.
1967-1968-  مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون نىرنبىرگ    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى كىلوندىكى لىر 27 توپ ئۇرغان.
1966-1967- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون بىرانسىۋىگ    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بايرىندىكى گەيت-موللىر 28 توپ ئۇرغان.
1965-1966- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون  بايرىن مىيۇنخىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى دورتموندتىكى ئەمرىچ 31 توپ ئۇرغان.
1964-1965- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون ۋىندىر بىرىمىن    ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بايرىندىكى بىرىننىمىر 24 توپ ئۇرغان.
1963-1964- مۇسابىقە پەسلى  چېمپىيون كىلون   ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى ھامبۇرۇگدىكى سىلىر 30 توپ ئۇرغان.

ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچىلار
گەيت-موللىر  365 توپ
كىلاۋۇس- فىسچىر 268 توپ
ھايكىنىس 220 توپ
بۇرگىس مۇللىر 213 توپ
ئۇلف-كىرىستىن 182 توپ
سىتىفىن-كۇنتىز 179
دىتىر-موللىر 177 توپ
كىلاۋۇس-ئاللوۋىس 177 توپ
كىلاۋدىئوۋ-پىززارو 176 توپ
خەننىس-لور 166 توپ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6مۇنبەر پۇلى +255 يىغىش سەۋەبى
kara-yakxanba + 50 قوللاش!
missi0998 + 50 ئەجىرلىك تىما
Mar~Gan + 10 نادىر
raul001 + 50 قوللاش!
تۈمەن + 50 قالتىس!
ھەمراھ + 45 قالتىس. ياخشى ، ئەجىر.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-19 17:37:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئارزۇيۇم ھايكىنىستىن پۇتبول تېرنىرلىق بىلىمى ئېلىش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-19 17:40:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ، نادىرلاشقا بىر بىلەت كەتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-19 17:45:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما ، بەك تەپسىلىي بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-19 17:46:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-19 17:58:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ياخشى چىقىپتۇ. نۇرغۇنلىغان بىلىملەرگە ئېگە بولدۇق. مۇشۇ گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە مەن ئەڭ قىزىقىدىغان ئىككى كولۇپ بولسا مۇشۇ مىنشىنگىلادباغ بىلەن دورىتمونىد. بۇلارنىڭمۇ شانلىق تارىخى بولغان ئىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-19 18:08:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېرماندىن  موللىر ئىسىملىكلەر،گوللاندىيىدىن  ۋان  فامىلىكلەر جىق  چىقىدىكەن  چولپانلاردىن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-19 18:09:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرلىك تىما... سابىق سېرىق ھەرە مەستانىسى ھازىرىقى بايرېندىن بەزى كۇلۇپ ۋە ئادەملەرنىڭ ئىسمىنىڭ توغرا ئاتىلىشىنى ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قالدۇرىشىنى سورايمەن.مىنىڭچە بايرېندەك گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغانلار يوقمىكى دەپ ئويلايمەن.قىنى ئەمسە بايرېىن بۇرادەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-19 18:16:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەمپۈت يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 18:09
ئەجىرلىك تىما... سابىق سېرىق ھەرە مەستانىسى ھازىرىقى با ...


دوستۇم ئىنكاسىڭىزنى بىر تەھرىرلىۋەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن ئىملا خاتالىقى بەكلا ئېغىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-19 18:20:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما يىزىش قىزغىنلىقىڭىزغا بارىكاللا، نادىرلاشقا بىر بېلەت كەتتى.

ھەراست قۇلۇڭىزدا كۆتۈۋالغان قانداق مۇكاپات، مەن قارىسام ،لاچىن بۇرادەرگە ئوخشاپ تۇرىدۇغۇ.   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-19 18:24:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: گىرمانىيە بىرلەشمىسى تارىخى

مۇشۇ  كۈنلەر دە  مۇنبەر دىكى  تىمىلارنىڭ  سۈپىتى  خىلىلا ياخشىلىنىپ قالدى. بۇنى  سىزگە ئوخشاش  ئەجىر قىلغانلارنىڭ  مىۋىسى دەپ  ئويلايمەن!
مانا گىرمان بىرلەشمىسىگە بولغان بىلىمىمىزنى يەنە  بىر بالداق ئۆستۆرۋالدۇق!
نادىر  تىما !
تىخىمۇ  ياخشى تىمىلارنى ئۈزمەي يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد  قىلىمەن  قىرىندىشىم!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-19 18:24:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: گىرمانىيە بىرلەشمىسى تارىخى

مۇشۇ  كۈنلەر دە  مۇنبەر دىكى  تىمىلارنىڭ  سۈپىتى  خىلىلا ياخشىلىنىپ قالدى. بۇنى  سىزگە ئوخشاش  ئەجىر قىلغانلارنىڭ  مىۋىسى دەپ  ئويلايمەن!
مانا گىرمان بىرلەشمىسىگە بولغان بىلىمىمىزنى يەنە  بىر بالداق ئۆستۆرۋالدۇق!
نادىر  تىما !
تىخىمۇ  ياخشى تىمىلارنى ئۈزمەي يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد  قىلىمەن  قىرىندىشىم!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 15:34

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش