ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 286 |
تۆھپىسى: سەر |
|
سىنا تەنتەربىيىسى خەۋىرى. "ئولىي گېزىتى" نىڭ سۆزى بۇيىچە ئېيىتقاندا ئارگىنتىنا بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ مۇسابىقىسى مىسسى بىلەن رونالدۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ ئىككى چولپان 2008-يىلىدىن2013-يىلىغىچە بولغان ئالتۇن توپلارنى مونۇپۇل قىلىۋالغان بولۇپ، شۇڭا بۇ ئىككى دۆلەت كوماندىسى كاپىتانىنىڭ كونا تىرانكىفۇرىدتىكى بۇ مۇسابىقىسى پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارىتتى.
مىسسى بىلەن رونالدۇ ھازىرقى پۇتبۇل دۇنياسىدىكى ئەڭ قالتىس رەقىبلەردىن بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ئۇلارنىڭ 2014- يىللىق ئالتۇن توپنى تارقىتىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدىلا ئىسپانىيە مۇخپىرى بالاگ رونالدۇ دۆلەت دېربىسدا مىسىسىغا سەت لەقەم قويدى دەپ سۆز تارقىتىپ ، ئلتۇن توپ ساھىبلىرى بىۋاستە ئۇچرىشىدىغان بۇ مۇسابىقىنى قىل ئۈستىگە ئەكىلىپ قويغانىدى.
لىكىن ئەمەلىيەت ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ دىگىنىنىڭ قارشىسى بولۇپ چىقتى. مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا مىسسى ئاۋال تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇرتۇگالىيە كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئالدىغا بىرىپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن بولۇپ، پىپى ، پىنتۇ، ئالۋىس قاتارلىقلار بىلەن قول ئىلىشىپ بولغاندىن كىيىن، رونالدۇنىڭ يېنىغا باردى، پۇرتۇگالىيىلىك يەتتىنچى نۇمۇرنىڭ قولىمۇ ئاللىبۇرۇن مىسسىنى ساقلاۋاتقان بولۇپ، ئىككەيلەن خۇددى كونا دوسلاردەكلا قىزغىن كۆرۈشتى."ئولىي گېزىتى"نىڭ رەسىم مۇخپىرى يەنە ئىنتايىن ئىللىق بىر كۆرۈنۈشتى رەسىمگە تارتىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىككەيلەن كۆرۈشكەن ۋە رونالدۇنىڭ قولىنى مىسسىنىڭ مۈرىسىگە دوستانىلارچە قويغان يەنە ئىككىسىنىڭ ئۆز ئارا كۈلۈمسىرەشكەن ھالىتى بار.(ئۈستىدىكى ھەركەتلىك رەسىم بولسا كېرەك) گەرچە تېلىكامېرا ئۇلارنىڭ يېقىن ھالەتتىكى ھالىتىنى ئىنىق تارتىۋالالمىغان بولسىمۇ، لىكىن رەسىملەردىن ئۇلارنىڭ مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى قول ئېلىشقان ھالىتىنى ئىنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
مىسسى بىلەن رونالدۇ گەرچە دوسلاردىن بولمىسىمۇ، لىكىن دۈشمەنلەردىن ئەمەس. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ ئىككى چولپان مەيداندا ئاران 45 منۇتتىن توپ تىپەلىگەن. كىيىنكى مەيداننىڭ ئاخىرىدا پورتۇگالىيە ئارگىنتىنانى بوغۇزلاپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىگە ئېرىشكەن. لىكىن بۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئەڭ يارقىن نوقتا ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئەشەددى رەقىپ قىلىۋىتىلگەن بۇ ئىككى چولپان مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن دوستانىلەرچە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا كۈلۈمسىرەپ ئەڭ يارقىن نوقتىغا ئايلىنىپ،مەستانىلەرگە ئىسىل ئەسلىمىدىن بىرنى قالدۇردى.[media=swf,500,375]
[/media]
قوشۇمچە: بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسەت ھەرگىزمۇ، رونالدۇنى ياكى مىسسىنى چۈشۈرىۋىلىش ئەمەس. بەلكى مىسسىنىڭ بۇ دوستانىلارچە ھەركىتىگە بولغان قايىللىقىمنى ئىپادىلەش. لىكىن مەن مادىرىد مەستانىسى رونالدۇنى ياقتۇرمەن. رونالدۇنىڭ قالتىسلىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە مىسسىنىمۇ ئېتىراپ قىلىمەن.ئۇمۇ بىر قالتىس توپچى. لىكىن مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ مەن مىسسىنى ئېتىراپ قىلغاندەك سىلەرمۇ رونالدۇنى ئېتىراپ قىلىشىڭلار كېرەك دەپ تۇرىۋالمايمەن. بىز مىسسىنى ياكى رونالدۇنى ياقتۇرمىساق ياكى ئېتىراپ قىلمىساق بولىۋىرىدۇ . بۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش. لىكىن مۇنبەردىن ئبارەت ھەرخىل مەستانىلەر توپلاشقان جايدا ئامال بار قارشى تەرەپ مەستانىلىرىنىڭ زىتىغا تىگىدىغان ئىنكاسلارنى يىزىشتىن ساقلانساق. بىز تالىشىۋاتقان مىسسى بىلەن رونالدۇ ھازىر مانا بىزگە ياخشى ئۈلگىدىن بىرنى تىكلەپ بەردى. بۇ گەپلىرىمنىڭ ئانچە بەك ئۈنۈمى بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ ، يەنىلا ئۇقۇشماسلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېزىپ قويدۇم توغرا چۈشىنەرسىلەر. |
-
مىسسى بىلەن رونالدۇ قول ئېلىشماقتا
-
مەخپى پاراڭ
-
|