تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

كۆرۈش: 2143|ئىنكاس: 140

پۇتبۇل تىپىپ ئىرىشكەنلىرىمىز

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-17 13:32:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرۋەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 13:41  

                              پۇتبۇل تىپىپ ئىرىشكەنلىرىم
11.JPG                                                       
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار،  كەمىنە پەرۋەردىن ھەممىڭلارغا ھارارىتى ئاجايىپ ئوتلۇق سالاملار بولسۇن. بۈگۈن ھوزۇرۇڭلار ئۆزى ئاددىلا بولغان، كۆڭۈلدە نىمە بولسا، شۇنىلا ئىيتقان بىر يازمىنى، كۆڭۈلدىكى سۆزلەردىن برپارچە ئىلىپ كەلدىم. ئوقۇپ بىقىشڭلارنى، بىزلەرگە ئوخشاش ئەتىدىن-كەچكىچە پۇتبۇلدىن تىپىشدىن باشقىنى سۆزلىمەيدىغانلارنى چۈشىنىپ قويىشڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

                                                                                                  
                             كامالىي ئىھتىرام- پەرۋەردىن
FCBarcelona0809.jpg
پۇتبۇلچى (توپچى)-دىيىلسە كۆپىنچىمىزنىڭ ئىسىگە كىلىدىغىنى چەتئەللەردىكى باي-باياشاتلىقلارغا تولغان دۆلەتلەردىكى، 4پەسىل ياپيىشىل تۇردىغان، 5يۇلتۇزلۇق ئالى توپ مەيدانلىرىدا، بىربىردىن كۆركەم پۇتبۇل كىيىملىرى بىلەن پۇتبۇل تىپىشىدىغان ‹‹ پۇتبۇل چولپانلىرى ›› بولىدۇ.
دۇنيانىڭ ‹‹ ئاۋازى، قۇلىقى، كانىيى....›› بولغان ھەرخىل تاراتقۇلارنىڭ ئەجرى تۈپەيلى، (پۇتبۇلچى) دىگەن بۇ نام ،پەقەت شۇلارغىلا خاس نام بولۇپ كەتتى. دىممەككى دۆلەت كوماندىسى ۋە مەخسۇس پۇتبۇل كۇلۇبلىرىدىن سىرىتقى يەرلەردە توپ تىپىدىغان پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرى ( پۇتبۇلچى) دىگەن بۇ ئورتاق نامدىن بارغانسىرى يىراقلىشىپ، قۇرۇق قىلىشتى. ئەجىبا بىزدەك ئىشدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا توپ تىپىدىغانلار (پۇتبۇلچى) سانالمامدۇق؟ (پۇتبۇلچى) بولۇش ئۈچۈن چوقۇم چەتئەللەردە، پۇتبۇل كۇلۇبلىرىدا، دۆلەت كوماندىسدا توپ تىپىشمىز شەرتمۇ؟. قۇرۇپ كەتسۇن شۇنداق سەپسەتىلەر.
مانا بىز پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرىمۇ ھەقىقى پۇتبۇلچىلاردىنبىز. بىز ھەم پۇتبۇل تىپىمىز، ھەم پۇتبۇل توغۇرلۇق، پۇتبۇل چولپانلىرى توغۇرلۇق، ھەم شۇلارغا يانداش نۇرغۇن-نۇرغۇن مەسىلىلەردە بەس مۇنازىرلەردە بولمىز، كىچە-كىچىلەپ پۇتبۇل مۇسابىقلىرىنى كۆرىمىز. ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان كوماندا ئۈچۈن ئاخىرغىچە مەدەت توۋلايمىز. پۇتبۇل ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پەيتلىرىمىزدىنمۇ كىچەلەيمىز. بىراق ھىلىقى داڭلىق (پۇتبۇلچى)لارچۇ؟. ئۇلار بىز قىلغاننى قىلالامدۇ؟ ياق.......
شۇڭا ھەقىقى پۇتبۇلچى- بىزدەك ھەم  پۇتبۇل تىپىدىغان، ھەم پۇتبۇل ئۈچۈن غەيرەتدە بولغانلاردىن سانىلىشى كىرەك.

22.JPG
                            بىر ( پۇتبۇلچى) نىڭ پۇتبۇل تىپىپ ئىرىشكەنلىرى
W020060927530592109227.jpg
مەندىن سۇئال سورشقا ئامراق بىرنەچچە تونۇشلىرىم بار. ئۇلار مەندىن داۋاملىق پۇتبۇل توغۇرلۇق غەلىتە-غەلىتە سۇئاللارنى سورىشىدۇ. ئۇلارغا نىمىشقا مەندىن داۋاملىق، مۇشۇنداق غەلىتە سۇئاللارنى سورايدىغانلىقىنى ئىيتسام، ئۇلارنىڭ ئىيتىشىچە، ئەسلى بىز پۇتبۇل تىپدىغانلار بەكلا غەلىتە ئىكەنمىز. پۇتبۇلچىلارغۇ ( ھىلىقىدە كەسپى چولپانلارنى دىمەكچى ) لوڭقا ئۈچۈ، شان-شەرەپ ئۈچۈن، پەقەت بولمىدى دىگەندىمۇ پۇل ئۈچۈن توپ تەپكىنىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدىكەن. بىراق بىزگە ئوخشاشلارنىڭ ئۆزىمىزدىن پۇل ۋە ۋاقىت چىقىرىپ توپ تىپى، ئاخىرىدا ھىچنىمگە ئىرىشمەيدىغانلارنى چۈشەنمەكنىڭ ئۆزىمۇ بەكلا ئاجايىپ چۈشىنكسىز ئىشمىش. بۇ گەپلەرگە نىمەدەي ئەمدى، يالغان بولمىسا.....
توغرا ئۇلار راسىت ئىيتىشدۇ. بىزلەر توپ تىپىپ ھىچقانداق شان-شەرەبكە ئىرىشەلمەيمىز. بىزدىن ۋاقىت، ئىقتىساد كىتىدۇ تىخى.
لىكىن بۇ يەردە بىزلەردىن بۆلەك ھىچكىم بىلمەيدىغان بىر ھوزۇر بار. شۇنداقلار ئاڭلاپ بىقڭلار.....


123921o43wkw31t4m3pmf1.jpg

ئىسىت پۇتلۇرۇم، ھوشۇقلۇرۇم،،، بىرسىڭ ئىششىق، بىرسىڭ قايرىغلىق، يەنە بىرسىڭ كۆپكۈك كۆكىرىگلىك، يەتمىگىنىدەك سول پۇتۇمنىڭ دۈمبىسى كۈپدەك ئىششقلىق.
ئىككىلا پۇتۇمنىڭ ئىككىدىن تۆت بارمىقىنىڭ تىرنىقى نەچچە قىتىمدىن چىكىتىپ بولدى، ھازىر سىزىم دەيدىغان نەرسە يوق. ئىككى پۇتۇمنىڭ باشمالتاق بارمىقى ۋە تاپىنى 360كۈن قاپقارا قان ئۇيۇغلۇق تۇرغىنى تۇرغان.  پۇتنىڭ ئۇچى بىلەن زەمبىرەك ئوقى پەدىسىدە تىپىلگەن توپنىڭ، مۇسابىقە ئارلىقىدا پات-پات ئۇچۇپ كىلىپ چىرايمغا زەرب بىلەن تىگىپ، كۆزۈمدىن «سالىيۇت» چاقناشلار، ھەر قىتىملىق مۇسابىقىدىن كىيىنكى دىڭگوسلاپ مىڭىشلار، شۇ كۈنى كىچىدىكى يا ئوڭدا ياتالماي، يا دۈمدە ياتالماي تاڭ ئاتقۇزۇشلار. قەھرىتان ئايلىرىدا قەھرى بىلەن ئۇچىۋاتقان توپنىڭ كۆز، قاڭشار، قۇلاقنىڭ ئۇچىلىرىنى (ۋاششىدە) قىلىپ سىيرىپ ئۆتكەندىكى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئاچچىق ئازابى. ياز كۈنلىرىدىكى ئۇسسۇزلىقدىن چاك-چاك يىرىلغان لەۋلەر، قاسقانغا دۈملەنگەندەك بولۇپ، پۈتۈن ئەزايىمدىن قۇيىلىۋاتقان ئاچچىق تەرلەر، بۇلارغا يەتمەي قالغىنىدەك ھەر قىتىم توپ تالاشقاندا كەينىدىن سىلىنغان پۇتلارنىڭ ئۇدۇل بىرىپلا، ھىلقى ئاغرىۋاتقان ھوشۇققىلا تىگىشى. توپ تالاشقاندىكى چىرمىشىپ قالغاندىكى پۇتنىڭ ئۈستىگە( ھىلقى ئىششىپ كەتكەن يەرگىلا توغۇرلاپ تىخى) دەسسەپلا ئۆتۈپ كىتىشلەر. كۆكلەپ كەلگەن توپنى كاللا بىلەن قاڭقىتىش ئۈچۈن سەكرىگەندە ھىلى قۇلاققا، ھىلى چىكىگە (جاڭڭىدە) قىلىپ تىگىۋاتقان جەينەكلەر. قارشى تەرەپنى مۇداپىئە قىلماق ئۈچۈن سالغان پۇتىڭىزنىڭ تىرىسىنى كۆيدۈرۈپ، ئۈكىلۋەتكەن چوقىدەك قىلىپ كامار قىلىپ قويۇشلار، ئون كۈندىن كەم چاقىىسى پىشمايدىغان يارىلار. ھالسىراپ، ئارانلا يۈگىرەۋاتقاندا، توپنىڭ ئۇچۇپ كىلىپلا ئارقا مىڭىگىلا تىگىشى( بۇنداق ۋاقىتتا تىنىق يا تىشىغا، يا ئىچىگە ماڭمايدۇ)....
مانا بۇلار پۇتبۇلنى ۋە پۇتبۇلچىلارنى قىلچىلىك چۈشەنمەيدىغانلارنىڭ ئويىدىكى پۇتبۇل تىپىپ ئىرىشكەنلىرىمىز.
ئاغرىق ئۈستىگە ئاغرىق. يارا ئۈستىگە يارا، باشقا ھىچ نەرسە يوق. پۇتبۇل تىپىدىغانلارنى ئەخمەق ھىسابلايدىغان باڭقۇشلارنىڭ كۆزىچە ( ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغاندىن باشقا ئىش ئەمەس).

13521072796316.jpg
ئەمما بىز رازى. شۇنچە تارتقان ھەرەجلەرنىڭ ھاردۇقى، قاپقىغان ئۇرغان بىر توپىمىز بىلەنلا چىقىدۇ. سەبداشلىرىمىز بىلەن تەبرىكلەۋاتقىنىمىزدا بەدەندە ئاغرىق، ھارغىنلىقدىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ.
يىشىل مەيدان- ئەنە شۇنداق رىقابەتكە ئالدىنى قىلالايدىغان ئەركەكلەرنىڭ سورۇنى.
تالاي-تالاي ئاغرىقلارنىڭ ھاردۇقى، رەقىبدىن ئۈستۈن كەلگەن بىر توپ بىلەنلا چىقىدۇ. مانا بۇ بىز پۇتبۇل تىپىدىغان ئەركەكلەرنىڭ، پۇتبۇل تىپىپ ھەقىقى ئىرىشىدىغىنىمىزدۇر.

sy_20111111122017948072.jpg

-پەرۋەر
2014-يىلى 12-ئوغۇز


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 16مۇنبەر پۇلى +780 تۆھپە +10 شۆھرەت +2 يىغىش سەۋەبى
dilmurat. + 50 قالتىس!
tagderem + 50 ياخشى يازما
ئىلىم + 50 كۇڭۇلدىكى سۇزقالتىس!
azgun110 + 50 + 5 + 2 قالتىس!
ھەمراھ + 30
FC-Messi + 50 قالتىس!
qinikix + 50 قالتىس!
ماھىرچاق + 50 قالتىس! كۆڭلۈمدىكى گە.
ئەنقا + 50 + 5
جاغىستاي120 + 50 قالتىس!
missi0998 + 50 قالتىس!
~virus~ + 50 قالتىس!
Footballhumar + 50 قوللاش!
XATKAR886 + 50 قەلەم
پولات123 + 50 قالتىس! ئىسىل تىما بوپ.
داۋىس + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-11-17 16:45:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەرسى مۇئەللىپتىن ،پۇتبول تىپىپ نىمىگە ئىرىشتىڭ؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بولغىدەك تىما بۇپتۇ. ئەگەر يەنە پۇتبول تىپىشنى داۋاملاشتۇرۇپ ،تىمىدا دىيىلگىنىدەك ‹‹ئەركەك››لىك مۇقامىغا يەتمەكچى،ھەم ‹‹ئەركەك››لىكنى داۋاملاشتۇرماقچى بولساڭ ،ئالدى بىلەن ئۈزۈڭ قىززىقىدىغان ھەم ئۈزۈڭ ياقتۇرىدىغان نەرسىلەر ساڭا ئەركەكلىكنى ھىس قىلدۇرالايدىغان بولسۇن. مەن دىمەكچى ،نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ،ھەممە نەرسىنى ،ھەتتا ‹‹مىلەن››گە بولغان مەستانىلىكىمنى قايرىپ قۇيۇپ ،بىتەرەپ ھالىتىمدە بارسانىڭ مۇسابىقىسىنى 3قېتىم كۈرۈپ شۇنى ھىس قىلدىمكى ، بارسا سەن جار سېلۋاتقان ‹‹ئەركەك››ئۇقۇمىغا ماس كۇلۇب ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭدىن خېڭدانىڭ مۇسابىقىسى ئادەمگە ئازراق بولسىمۇ ھۇزۇر بىرەلەيدۇ دەپ بىلىمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-17 18:07:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرۋەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 21:13  
مىلەن يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 17:57
دادام مەن بىلەن پاراڭلىشىشنى شۇنداق ياقتۇرىدىغان تۇر ...


ئەمەدى ياقتۇرماي قانداق قىلسۇن؟ سىنى ياندۇرۋەتكىلى ياكى قايتۇرۋەتكىلى، يا تىرىك كۆمىۋەتكىلى، ئۇمۇ بولمىسا تىنىپ كەتكىلى بولمىغاندىكىن كۆرىنىشكىلا شۇنداق دەپ قويىدۇدە. يۈزىڭدىن يۈزۈڭگە قانداقمۇ سىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى دىيەلىسۇن. قولىدىن كىلىدىغىنى پەقەت ساڭا ئاشۇنداق مەنىلىك گەپ قىلىش ۋە سەن يوق چاغلاردا تاھارەت ئىلىپ، نىمىشقا بالىسىنىڭ سىنڭدەك ‹‹بىنۇرمال›› بولۇپ قالغانلىقىغا جاينامازدا يۇم-يۇم يىغلاش خالاس.
ۋاقتى: 2014-11-17 15:58:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 16:00  

مۇشۇ دۇنيادا تەقى - تۇرقى بىلەن گەپ - سۆزى، ھەرىكىتى پەقەت ماسلاشمىغىنى مۇشۇ پەرۋەر دەپ ئويلايمەن.
  تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشكەندە كۆز ئالدىمدا پەيدا بولغىنى ئالامەت سالاپەتلىك، قارا كاستۇم - بۇرۇلكىنى جۇڭنەنخەينىڭ ئىشخانا جۇرىنىدەك، ئاقساراينىڭ كاتىپىدەك قاتۇرۇپ كىيگەن بىرى ئىدى. مۇنبەردىكى ئويۇنپەزلىكتىن، گەپ ئېتىشتن قىلچە ئەسەر يوق بولۇپ، سۆزنى ئىمىن تۇرسۇندەك كۆركەم، جۇشقۇن جۈمەدەك جانلىق، ئابدۇقادىر جالالىدىندەك ئىلمىي سۆزلەيتتى ئۇ.
  پاراڭلىشىش جەريانىدا، توپ تەپكەن دەملەردە ئۇنى خېلى چۈشەندىم. ئوغۇلبالىدەك مىجەزى، توپقا بولغان قەتىئىي ۋە رەھىمسىز ئىرادىسى مېنى سۆيۈندۈرگەنىدى ۋە مېنىڭ ئۇنىڭ مۇنبەردىكى گەپ - سۆزىگە، تۈرمە ھاياتىغا قاراپ چىقارغان يەكۈنىمنى كاچاتلىغانىدى.
   مەزكۇر تېما پەرۋەرنىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىنى يورۇتقان تېما بوپتۇ...
ۋاقتى: 2014-11-17 15:48:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 14:37
ياق خۇرشىدە سىڭلىم....

مەن تىپىپ ئوشتىۋەتكەن گۇينىڭ پۇ ...

پۇتبول ئەىخلاقى دىگەن نەرسە باسا توپچىللىرىدىن تارتىپ مەستانىسىگىچە يوققۇ زادى ، ھەقىچان مەستانىدىشىڭ لاچىننىڭ قانتىنىمۇ سەن تۈزكور سۇندۇردۇڭغۇ دەيمەن ھى ھى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-17 14:32:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
laqin1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 14:10
كۆڭلۈمدىكى تىمىدىن  بىرنى يىزىۋىتىپسىلە پەرۋەر ئاداش.

ئۈشبۇ تىمامنى- بىزنىڭ خانجاي كوماندىسىنىڭ ياراملىق ئەزاسى (لاچىن)غا بىغىشلايمەن.

قىرىندىشىمىز، سەبدىشمىز لاچىن ئۈلۈشكۈندىكى مۇسابىقىدە ئىتىياتسىزلىقدىن پۇتى سۇنۇپ كىتىپ قالدى. بۇ بىز خانجايلىقلار ئۈچۈن ئورنىنى تولدۇرۋالغۇسىز بىر يوقۇتۇش بولدى. قايتا قۇرۇلۇش باسقۇچىدىكى ۋاقىتلىرىمىزدا لاچىندەك بىر سەبدىشمىزنىڭ بۇنداق كىلىشمەسلىكلەرگە ئۇچىرىشى ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق يىرىم قىلدى.

ئاخىرىدا سەبدىشمىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
ۋاقتى: 2014-11-17 15:26:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
پەرۋەركا  ئاۋۋال  شۇنداق ئاچچىقلارغا   بەرداشلىق بىرىپ  ئائىلىدىكىلەرنىڭ  سىسىق ،ۋە ئاچچىق گەپلىرىگە  بەرداشلىق بىرىپ  توپ ئۈچۈن ھەريە ھەريە گە  بىرىپ  توپ تىپىدىغان  ۋە مۇسابىقە  بار چاغلاردا كىچىنى -كىچە دىمەي مۇسابىقە كۆرۆپ ، ئەتىسى ساراڭ بولۇپ قالغان ياكى ئاجىز ئادەملەردەك تۇغانلا يىرىدە مۈگدەپ قالىدىغان.
ئىش ئورنىدىن يالغاندىن باھانىلەرنى سوراپ توپ تەپكىلى بىرىپ  بىر يەرلىرىنى قايرىپ يىنىپ كىلىدىغانلار-، ئۈچۈن ئىنتايىن (قىسقا بولسىمۇ) مەزمۇنلۇق ، نەق يۈرەككە تىگىدىغان گەپلەرنى بىر ماقالە قىلىپ  بىزگە سۇنغىنىڭغا  رەھمەت!

مىنىڭمۇ بىر قەدىناس(مەيدانغا چۈسسىلا 1 ياكى 2 ،بەزى چاغدا  قالپاق ۋە تۇماقلارنى كىيىپ قويىدىغان) سەپدىشىم، ۋە ئاغىنەم بولىدىغان ،
ئۇ بىر مەيدان مۇسابىقىدە بىز كەينىدە قالغان ئەھۋالدا ئۇدا 2 توپ ئۇرۇپ ، ئاخىرى قارشى تەرەپنىڭ 3 بىكىنى ئالداپ بولۇنغان چاغدا كەينىدىن سىلىنغان. بىر پۇت  ئۇنى مانا ھازىرغىچە توپ مەيدانىدا قايتا كۆرۆشكە نىسىپ قىلمىدى. چۈنكى شۇ چاغدا ئۇ مۆرىچىلاپ يىقىلىپ ئۇنىڭ مۆرىسى سۇنغان ئىدى.ھەم ئائىلىسىدىن (30000) نۇرغۇن چىقىم بولۇپ كەتتى.
شۇ مەندىن شۇنداق سورىدى؟
ئاداش توپ تەپكەننىڭ  نىم پايدىسى بار؟ مانا مۇشتاق ناكا بولۇپ  ياتتۇق دەپ ئىغىر خۇرسانغان چاغدا مەن ئۇنىڭغا دەماللىققا  نىم دەپ جاۋاپ بىرىشىمنى بىلەلمەي قالىمەن!
بەلكىم ئۇ بىر قىتىملىق كىلىشمەسلىكتۇ!  ھەم ئۇ ئاداش ئاللاھنىڭ  ئورۇنلاشتۇرىشى دىسەم.ئۇمۇ بىشىنى قايىل بولمىغاندەك لىڭىشتىپ قويىدۇ.

دۇنيا لوڭقىسىدا نىيمار  يارلىنىپ  سۆڭىكى سۇنۇپ  ھەم تىزلا مەيدانغا قايتىپ كەلگىنىنى بىلگىنىدە .
«توپنى شۇلار ئوينىسا بولدىكەن!نىم دىسە شۇ تەييا، بىدەمدىلا  خۇددى  تىرىسى يارلانغاندەك ساقىيىپ لا كەتتىژ دەيدۇ.

ئۇنداق بولسا بىز توپ تەپمەمدۇق. بىزمۇ شۇلار يۇملاق نەرسىدىن ئىلىۋاتقان ھوزۇرنى ئالمامدۇق!
بىز گەرچە پۇل ئۈچۈن توپ ئوينىمقساقمۇ . قارشى تەرەپكە توپ ئۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ قالتىسلىقىنى بىلدۈرۈش،ھەم شۇ چاغدىكى ھوزۇرنى شۈرۈش ئۈچۈن توپ ئوينايمىز!

ئاخىردا پەرۋەركا ساڭا يەنە بىر قىتىم  رەھمەت!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-17 17:52:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 17:35
سىنىڭ بىرە يەردە پاكىتلىق سۆز قىلغانىڭنى مەن كۆرمۈدۇ ...

ئۆزۈڭمۇ دەپسەنغۇ ئەنە، نىمە دەپ، نىمە يازغىنڭنى بىلمەيدىغانلا نىرۋا پارالىچ سەن.
بولىدۇ، بۇنڭدىن كىيىن سىنىڭ ئىنكاسڭنى ئۆزۈڭدىن سورىۋىتىپ، سالامەتچلكڭنى تولۇق بىكتكەندىن كىيىن نەقىل ھە. سەنمۇ جىنڭغا لايىق، سەۋىيەرىڭگە لايىق چۆگەيلەر بىلەن دىيشمەي، ھە دىسىلا سەندەكدىن يانا 100نى تىزسىمۇ تىزىمغاچ چىقمايدىغان ھالىڭ بىلەن ماڭا نەقىل قىلىۋالدىكەنسەن. خىلڭنى تاپ ئىنىم جۇما. ئەۋارە بولۇپ قالىسەن، ئاشۇنداق نىمە دەپ،  نىمە يىگخنڭنى بىلمەيدىغانلا بولۇپ قالىسەن، زادى پايدىسى يوق....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-17 17:20:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلەن يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 17:17
‹‹تاغدىن سورىسا،باغدىن›› جاۋاب بىرىدىغان بالىكەنسەن ...

داداڭ ئۇ گپنى چوقۇم سەن بىلەن ھەمسۆھبەتدە بولغاندا دەيدىغان گەپدەك بىلدىم
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-17 16:55:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلەن يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 16:45
بىرەرسى مۇئەللىپتىن ،پۇتبول تىپىپ نىمىگە ئىرىشتىڭ؟ دى ...

ئىيتقانلىرڭنىڭ ئۆزۈڭگە تولۇق ئاساسى بار. چۈنكى سىنىڭ پۇتبۇلدىكى ‹‹ ئەركەك››لىككە ئۆلچىمىڭ قانداق؟ ئۇنى ئۆزۈڭلا بىلىسەن. بىزنىڭ بارساغا سىنڭدەك ‹‹ئەركەكشۇناس››لارنىڭ كىرىكىمۇ يوق، لازىمىمۇ يوق.
ھازىرقى مىلەن ساڭا ئەركەكلىكنى ھىس قىلدۇرۋاتقانلا بولسا، ناھايتى ياخشى. بۇرۇن مادىرىد ئىسپان بىررلەشمىسىدىن چىقالماي، بارساغا قارشى مۇقامدىكى تايانچىڭ بولسا، يىقنقى يىللاردا مادىرد ياۋرۇپادا قايتىدىن جانلانغىنىدا، بۇ خەتەرنىڭ ئۆزۈڭگىمۇ تازا ياخشلقدىن دىرەك بەرمەيدىغانلقىنى بىلپلا، خىڭدانى كۆتۈرۈپ چىتڭمۇ؟. يارايسەن، ھەم ئۆزۈڭنىڭ خاراكتىرى، مىجەزىگىمۇ يارىشىدىغان ئىشنى قىلدىڭ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +20 يىغىش سەۋەبى
ھەمراھ + 20

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-17 15:18:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پولات123 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 14:59
ئىسىل تىما بوپتۇ پەرۋەر بۇرادىرىم ، مەندىن لاچىن بۇراد ...

رەھمەت 123پولات.

غۇلجىمۇ بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىچىدكى يەرمۇ ياكى سىرتىمۇ؟؟ بىزنىڭ قەشقەردىمۇ شۇنداققۇ، يىقىنلىرىمىزنى ‹سەن›دىيشمىز. خۇددى غۇلجا خۇنەننىڭ گۇۋاڭدۇڭ دىگەن يىرىدىكى ناتونۇش يۇرتلاردىكىدەك دەپ كەتتىڭ
بولىدۇ، ياخشى تىلكڭنى لاچىنجانغا چوقۇم يەتكۈزىمەن.

مادىردقا ئۆز ئەمەسمەن. مۇسابىقە ئويناۋاتسام كەپتۇ. -پەرۋەر دىگەن سەنما؟ دەيدۇ.
-بىرنەرسە بەرمەكچى بولساڭ مەن شۇ، ئالماقچى بولساڭ مەن ئەمەس. دىسەم، توپ تالىشىپ باقىمىز دىۋىدى. بىرنى تىپىۋىدىم پوككىدىلا چۈشدى. باشقا گەپ يوق
ۋاقتى: 2014-11-17 14:02:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەندەك ياخشى سەپداشقا ۋە ئاكىغا ئىرىشتىم پەرۋىرىم
ۋاقتى: 2014-11-17 14:03:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  تىمىغا ئېنكاس  يازمىسام  باشقىلارنىڭ  پىكىرى  چىقىدۇ  ھەقاچان

ئەڭ  ئاۋال  تىمىغا  بىر ‹خو›  كەتتى
بىر  ئېغىز  گەپ توپ  تىپىش  ئەركەك  زاتى  ئۇچۇن ئېس  تۇتەكسىز  جەڭ  .ئۇنىڭدا  خۇشاللىق  قايغۇ  .مۇھەببەت نەپرەت.  بار  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +5 يىغىش سەۋەبى
پەرۋەر + 5 قۇرۇق خو؟؟؟

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2014-11-17 14:10:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكى تىمىدىن  بىرنى يىزىۋىتىپسىلە پەرۋەر ئاداش.
ۋاقتى: 2014-11-17 14:14:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما لىكىن شۇنداق پىچەت يىزىپىسز ........... ئىشتلىگەن سوز ئىبارەلەر نەخ كەپتۇ
ۋاقتى: 2014-11-17 14:29:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول باشقىچە بىر ھۇزۇردە ، ئىسىل بىر تىما
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-17 14:33:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HAKKER يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 14:02
سەندەك ياخشى سەپداشقا ۋە ئاكىغا ئىرىشتىم پەرۋىرىم

مەنمۇ شۇ.....
ۋاقتى: 2014-11-17 14:34:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرىدە ئىنىم ئاۋۇ ئۇشتۇلۇپ كەتكەن پۇت سىنىڭما
ۋاقتى: 2014-11-17 14:34:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس يىزىلىپتۇ ،بىزدىكى پۇتبول تىپىش شان شەرەپ ۋە ياكى ئابروي ئۈچۈن ئەمەس
قىزىقىش ،ياخشى كۆرگۈنىمىز ئۈچۈن
ۋاقتى: 2014-11-17 14:35:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بىز پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرىمۇ ھەقىقى پۇتبۇلچىلاردىنبىز. بىز ھەم پۇتبۇل تىپىمىز، ھەم پۇتبۇل توغۇرلۇق، پۇتبۇل چولپانلىرى توغۇرلۇق، ھەم شۇلارغا يانداش نۇرغۇن-نۇرغۇن مەسىلىلەردە بەس مۇنازىرلەردە بولمىز، كىچە-كىچىلەپ پۇتبۇل مۇسابىقلىرىنى كۆرىمىز. ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان كوماندا ئۈچۈن ئاخىرغىچە مەدەت توۋلايمىز. پۇتبۇل ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پەيتلىرىمىزدىنمۇ كىچەلەيمىز. بىراق ھىلىقى داڭلىق (پۇتبۇلچى)لارچۇ؟. ئۇلار بىز قىلغاننى قىلالامدۇ؟ ياق، مانا بۇچىن سۆزلەر ماڭا بەك ياقتى، شۇنداقلا يانداش دىگىم كەپ قالدى.
تەنتەربىيە ھەۋەسكارىى بۇلۇپ دۇنيادىكى ھەرتۈرلۈك مۇسابىقلەرگە تەك قىزىقىپ كەلدۇق. ئەلۋەتتە پۇتبول يۈكسەك پەللىدە تۇرىدۇ. پۇتبول ، ۋاسكىتبول ، NBA  پەي توپ ينىك ئاتلىتكا  بوكىس  چېلىشىش ھەرخىل تەنتەربىيە تۈلىرى ھاتتاكى F1غىچە ھەمىسىگە نەزىرىمنى ئاغدۇرۇپ كۆپ قىرلىق مەستان بۇلۇپ كەتتىم.  ھازىر توپ تىپىش پۇرسىتى بەك ئاز شۇڭا پۇتبول ھەۋەسكارى بۇلۇپ ئېرىشكەنلىرمنى ئۇزۇن يىللىق پۇتبول مەستانىسنىڭ بېسىپ ئۆتكەن جەريانىغا سېلشتۇرساممۇ، كەمتۈكلۈك قىلمايدۇ. مۇھىمى شۇ پۇتبول دۇنياسىدىكى ئۆسمۈرلۈكتىن ھازىرغىچە قېلىپ قالغان ھاياجانلىق ئەسلىمە قايغۇلۇق جەريان مانا بۇنىڭ پۇتبول ھەۋەسكارى بۇلۇپ ئېرىشكەنلىرىم. شۇنداقلا تەنتەربىيە روھى تۈگىمەس-پۈتمەس.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-17 14:37:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 14:34
پەرىدە ئىنىم ئاۋۇ ئۇشتۇلۇپ كەتكەن پۇت سىنىڭما

ياق خۇرشىدە سىڭلىم....

مەن تىپىپ ئوشتىۋەتكەن گۇينىڭ پۇتى. ( ئۆزىنى مادىردلىق دەپ كەپتىكەن).
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|رەسىمسىز نۇسخا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

GMT+8, 2014-12-28 15:16 , Processed in 0.160642 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش