akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2618|ئىنكاس: 89

رونالدونى بارسلونا مەستانىلىرى نىمىشقا ياقتۇرمايدۇ .

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-16 22:01:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .                                                                                                                                                                                                                   كېرىستىيانو رونالدونى نىمىشقا بەزىلەر ياقتۇرمايدۇ مېنىڭچە بۇ ياۋرۇپا مەرگىنىنى ياقتۇرمايدىغانلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى دەل رونالدونىڭ ئەشەددى رەقىبى ئارگېنتىنالىق مېسسى مەستانىلىرى يەنى بارسلونا مەستانىلىرىغۇ دەيمەن .                                                                                                                                                                                                                                        كىرىستىياننى ئۇلار نىمىشقا ياقتۇرمايدۇ !!!!!                                                                                                         پۇتبولنىڭ سېھرى كۈچ بىلەن ھەممە بىرلەشمىدىكى كۇلۇپلارنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق مەستانىلىرى بولىدۇ يەنى بارسلونا مادرىدلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا  ئەمەس ئەلۋەتتە شۇنچە يىل بوپتۇ مۇنبىرىمىزنى كۈندە دىگۈدەك زىيارەت قىلىپ تۇرۇپتىمەن مۇنبەرگى رەسمى ئەزا بۇلۇشقە بۇيىل مۇيەسسەر بوپتىمەن گەپنىڭ پوسكاللىسىنى قىلساق ھەر قېتىم مۇنبىرىمىزگە رونالدونى ماختاپ تېما يازغېنىمدا بارسلونا مەستانىلىرىنىڭلام رونالدوغا قارشى سېسىق گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرمەن مۇنبىرىمىزدە رونالدو يەنى مادرىد مەستانىلىرى باشقا كۇلۇپنىڭ يەنى مېسسىنىڭ مەستانىلىرىدىن كۆپ دەپ قارايمەن ئەلۋەتتە .                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                     بارسلونا مەستانىلىرىغا :    مېنىڭ بۇتېمىنى يېزىشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەپ بولسا بارسلونا مەستانىلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى رونالدو زادى قانداق شۇنى بىلىپ بېقىشىقا شۇنچە قىزىققاشقە بۇتېمىنى ھەممە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىش مەقسىتىدە يازدىم .                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                      بۇ پورتۇگاللىقنى ھەممىمىز بىلىمىز مەيداندىكى ھۆركىرەشلىرى تەبرىكلەشلىرى مادرىد يەنە رونالدو مەستانىلىرىغا زوق     بېغىشلىيالىغانلىقى بىلەن بارسلونا مەستانىلىرى كۆزىگە  پەقەت ياقمايدۇ دەپ قارەيمەن .                             ئۇشۇنچە مەن مەنچىمۇ ياق ئۇبۇنىڭ دەل ئەكىسچە رونالدونىڭ مەيداندىكى ھۆركىرەشلىىرى توپ ئۇرۇپ بولۇپ تەبرىكلەشلىرى ئۇنىڭ مەيداندىكى مەن مەنچىلىكىنى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ يېڭىلمەس قەيسەر ئىرادىلىك  بىرگىگانىىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ئەلۋەتتە. .                                                                                                                                                                                                                                                                                                        ئۇئائىلىسىدە بولسا شۇنچە ۋاپادار ئەر- ھەم كۈيۈمچان ئاكا بولۇپ كەلمەكتە ئۇنىڭ ئاچىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئاپىسىغا رونالدو ھەقىقەتەن كۈيۈنىدۇ ھەممىمىز بىلىمىز بۇيىلقى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىغا بىر ئائىلە كىشىلىرىنى شەخسى ئايرۇپىلانىدا ئېلىپ باردى شۇنىڭدىنلا رونالدونىڭ ئائىلىسىگە قانچىلىك ئامراقلقىنى بىلۋالالايمىز . ئاپىسىمۇ ئەلۋەتتە رونالدوغا شۇنچە ئامراق ھەممىمىز رونالدونىڭ ئاپىسىنى مەيدانلاردا رونالدونىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ تۇردىغانلىقىنى پات -پات كۆرۈپ تۇرمىز شۇنىڭدىنلا ئاپىسىنىڭ رونالدونىڭ كەسپىنى قانچىكىك قوللايدىغانلىقىنى كۆرۋالالايمىز .                                                                   ئۇياخشى بېر پەرزەنت  ۋە ئاكىلا بولۇپ قالماستىن بەلكى پۈتۈن دۇنيا تاراتقۇلىرى ھەۋەس قىلىدىغان كۈيۈمچان دادا ۋە بىر گىگانىت ئەر ئۇھازىرقى بوغۇس ئايالى irina shayik نىڭ ھازىرقە كەسپىنى ئىنتايىن قوللايدۇ . ئوغلى بولسا بۇيىل يەسلىگە كىردى رونالدو ئۇنى دائىم مەكتىپىگە بېرىپ ئۇنىڭ كۈنلىرىنىڭ ياخشىمۇ ئەمەسمۇ پات پات بېرىپ تۇرىدۇ رونالدو دەل مۇشۇنداق  ئىسمىى جىسمىغا لايىق ھەممە تەرەپتىن يىتىشكەن بېر گىگانىت چولپان .                                                                                                                                     
                                                                                                                                 
0916401053.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-17 19:41:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە تېمىنى يېزىش ئۇسۇلىڭىز توغرا بولماپتۇ ، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بۇ تېمىنى راي سېناش شەكىلىدە قىلىپ ، ماۋۇزۇسىغا سىزنىڭ رونالدونى ياختۇرماسلىق باھانىڭىز دەپ :
ئا : ئۇ بەك ھاكاۋۇر
ب : ئۇ چاچ پاسۇنىنى بەك كۆپ ئۆزگەرتىدۇ
س: ئۇ توپنى بەك ئېگىز سەكرەپ ئۇسسۇيدۇ ، ئادەمنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ
د: ئۇنىڭ بۇي بەك ئېگىز ، پۇتىدىن بېشىغا قاراپ بولغۇچە ، ئادەم ھېرىپ قالىدۇ
ي: سۇرئىتى بەك ئىتتىك ،توپ ئىلىپ ماڭغاندا كۆزىمىز يېتىشەلمەي قالىدۇ ، شۇڭا .............
ف : توپنى يېراقتىن بەك بېىسملىق تېپىدۇ ، باشقىلارنىڭ يارلىنىپ قىلىشى بىلەن كارى يوق ، باشقىلارغا كۆڭۈل بولمەيدۇ
ج: مەيداندا توپچىلارنى ئالداپ ساراڭ قىلىۋىتىدۇ ، ئادەم ئالداش ئەخلاقسىزلىقتۇر ........
ې:ئوڭ سول پۇت ئارىماي توپ سۇلايدۇ ، مەيدانى ئېنىق ئەمەس .........
ل: بالسىنىڭ ئاپسى ئېنىق ئەمەس ، ئىسلام بويىچە نېكاھلىق توي قىلمىغان .
م: نۇقتا توپنى بىرەر قېتىم كاشىلياسقا تەپكۈزۇپ باقمىدى ، دائىم ئۆزى تېپىدۇ ............
ي:ئېختىيارى توپ تەپكەندەك ، چاتىرىقىنى كېرىۋالىدۇ
ر: مۇسكۇللىرى بەك تەرەققى قىلغان بىلەن ، بوكسۇرچىلىقنى بىلمەيدۇ .
چ :دائىم يالغاندىن باشقىلارغا ، پۇل ئىئانە قىلىدۇ ، باج ئوغۇرلاش قاتارلىق ئىشلاردا پەقەت ئېپى يوق

مۇشۇ ئۇسۇلدا يازسىڭىز ، تاللاشقا ئاسان بولاتتى .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +70 يىغىش سەۋەبى
ئىلىم + 50 قوللاش!
فەيسەل + 20 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 22:44:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 23:19:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھاكاۋۇر پوچى ئادەملەرنىڭ ھەممىىسىگە ئۆچ.رونالدو دەل مۇشۇلارغا ۋەكىل بولدىغان بىر شەخىس.رونالدونىڭ ئاشۇ پوچى ،ھاكاۋۇر مىجەزى سەۋەبىدىن مەن ئۇنىڭغا ئەشەددىي ئۆچ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 23:02:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مېسسىدىن قالسا رونالدونىڭ ھەۋەسكارى. رونالدو ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى بىزگە زوق ئاتا قىلىپ كىلىۋاتقان ئاجايىپ ئىقتىدارلىق پۇتبول ماھىرى. ئەگەر مېسسى بولمىغان بولسا رونالدونى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان بولاتتىم.
مېسسىنى نېمىشقا بىرىنچى ئورۇنغا قۇيىسىز دېگەندە، چۈنكى مېسسى رونالدو ماڭا ھېس قىلدۇرالمىغان بىر خىل سەنئەتنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭ زىچ مۇھىتتىكى سەنئەتلىك توپ ئېلىپ مېڭىشلىرى، ئاجايىپ توپ سىزىمى، ئىنتايىن تېخنىكىلىق توپ ماھارىتى، سېھىرلىك «دۈشمەن» سەزگۈسى مېنى ئۆزىگە مايىل قىلغان. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ يارىتىۋەتكەن تارىخى نەتىجىلىرىمۇ ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ.
رونالدو بولسا ماڭا سۈرئەت بىلەن جەڭگىۋارلىقنى، ھەقىقىي جاسارەتنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭ تىز پۈكمەس تىرىشچانلىقلىرى، يىللارنىڭ بېسىمىغا قارىماي توختىماي كۈرەش قىلىشلىرى ئادەمگە جاسارەت ئاتا قىلىدۇ. گەرچە ئۇ مېسسىنىڭ ئالتۇن دەۋىرلىرىدە ئۇنى مەغلۇپ قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى تىز پۈكمەس روھ تېخى كۈچىنى يوقاتقىنى يوق، ئۇ مېسسىغىلا ئەمەس بەلكى ئۆزىگىمۇ تەن بەرمەيدىغان جەڭگىۋار جەڭچى.
مەن بىر پاكىت بىلەن سان - سېفىرنى ئاساس قىلىدىغان ئادەم. شۇڭا بەزى مەستانىلىرىمىزدەك قارا قۇيۇق قان قىزىقلىق قىلىدىغان ئىشنى قىلمايمەن، ئېتراپ قىلىشقا تېگىشلىكىنى چوقۇم ئېتراپ قىلالايمەن. بەزىدە بەزى تورداشلىرىمىزنىڭ رونالدو مېسسىدىن يامان دېگەن گەپلىرىگە ئىسپات، دەلىل بىلەن جاۋاب بېرىپ قويىمەن خالاس.
خاتىمە: رونالدو مېسسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، مەن ئىككىنچى بولۇپ ھەۋەس قىلىدىغان ماھىر. رونالدو تىرىشىۋاتىدۇ، لېكىن مېسسىنىڭ ياراتقان نەتىجىلىرىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىيالماسلىق ئېھتىماللىقى مۇتلەق يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى رەھىمسىز يىللار ئۇنى مېسسىدىن بۇرۇن قېرىتىۋىتىدۇ. شۇڭا مەن رونالدونى بۇرۇندىن تارتىپ كەلگۈسىگىچە مېسسىدىن كۈچلۈك دەپ قارىمايمەن، ھەم باشقا مېسسىنى زاڭلىق قىلىپ رونالدونى ماختىغۇچىلارغا پاكىت بىلەن جاۋاب بېرىمەن. ناۋادا رونالدونى مېسسى بىلەن ئەمەس باشقا قانداقلا توپچى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ماختىسا مەن قوش قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن، چۈنكى رونالدو بىردىن تۆۋەن مىڭدىن يۇقىرى ئالاھىدە دەرىجىلىك جەڭچى. ئەگەر مېسسىدىن باشقا توپچىلارنى رونالدودىن كۈچلۈك دېگۈچىلەر بولسا، كۆزىگە ئوبدان قىلىپ پاكىت، دەلىللەرنى تىقىپ قويىمەن، ۋە رونالدونى ياقلايمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +20 يىغىش سەۋەبى
ھەمراھ + 20 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-17 02:30:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-17 09:37:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىلگىرى مىسسىنى رونالدۇغا قارىغاندا ياخشى دەپ بىلەتتىم ھەم ياقتۇراتتىم ،كىيىنكى كۈنلۈكتە مىسسى لوڭقىنى كۆپ ئالغىنى بىلەن مەندەك بىر مەستانىسىدىن ئايرىلىپ قالدى
پىسخىكا بويىچە ئانالىز قىلساق مىسسى مەستانىلىرى بىرىنچى بولسام دەيدىغان ئاغىزدا پۇچىلىق قىلمىغىنى بىلەن ئىچكى مىجەزىدىن نەتىجىنى ھەرقانداق نەرسىدىن يۇقرى بىلىدىغان كىشىلەر ،
رونالدۇ مەستانىلىرى سەل ھاكاۋۋۇر ،ئاقسا ئەمما كەينىدە قالسا ئۆزىنى تاشلىۋەتمەي ئىنتىلىشچان كىشىلەر ،
ھەر ئىككىلسىنى ياقتۇرىمەن ،مەن ياقتۇرمايدىغان يىرىگە كۆزۈمنى يۇمۇۋالىمەن ،ئەمما توپ تىپىش ئۇسلۇبى جەھەتتە مادرىدنى ياقتۇرىمەن ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 23:28:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ   سوئال  مىنىڭ  ئەتراپىمدىكى  مادرىد  مەستانىلىرى  ئەڭ جىق سورىغان بىر  سوئال!
سەن نىمىشقا ئۇنى ياقتۇرمايسەن؟
ئۇنىڭ  نەرى بولمايدۇ؟
ئۇنى كۆرەلمەمسە  يا؟
نىمىشقا؟ ......
مىنىڭ  دەيدىغىنىم ! مەن پۇتبۇلدا  يەنى مەستانىچىلىكتە پەقەت ۋە پەقەت  بىرلا  ئادەمنى  ياقتۇرمەن ! ھەم ئۇنىڭغا قايىل! بۇ كۆڭلۆمگە شۇ بىرىلا  سىغىدۇ!چۈنكى ئۇ  ، شۇ  مەن شۇ ياقتۇرمايدىغانلار  ماڭا بىرىدىغان  پۇتبۇلدىكى  زوقلارنى بىرەلەيدۇ! ھەم بىرىپ بولغان ھەم  داۋاملىق بىر ۋاتىدۇ!
مەن س.رونالدونى  ياقتۇرمايمەن ئەمەس!
(ئۆزبىكىستان ھىكايە فىلىمى «سۇپىر كىلىنچەك» فىلىمىدىكى  «رىھاننا»  خۇددى  يىگىتنىڭ  ماشىنىسىنى ئۇتۋالغان چاغدا «ماشىنىڭىزنى ئۆيۆمدە قويدىغان ئورۇن يوق» دىگەنگە ئوخشاش)
مىنىڭ  قەلبىمدە ئۇنى ياقتۇرۇپ قويىدىغان ئورۇن يوق!
مىنىڭمۇ  س.رونالدونى ياقتۇرىشىمنىڭ  ھاجىتىمۇ  يوق!
ماڭا  مىسسى  يىتىپ  ئاشىدۇ!
(سەل جىق سۆزلەپ قويدۇم ھە!

لىكىن  س،رونالدومۇ  ياخشى  تىرىشچان پۇتبۇلچى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 23:05:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسىلونا مەستانلىرنىڭ كۇزگە سىغمايدىغانلىقنى قاندا بېلسىز؟ رونالدۇنىڭ توپ تېپىش ئۇسلۇبىغا مىسسىنىڭ ئۇخشىمغانكىن مەستانلىرمۇ ئۇخشاشمايدۇ، تىرىشچانلىقغا قول قۇيماي بولمايدۇ خۇددى مىسسنىڭ يالغان يېقىلماسلىقغا رونالدو مەستانلىرمۇ قۇل قۇيغاندەك ئىش.
ھەر گۇلنىڭ پۇرقى باشقا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 23:27:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈرگىچاق يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 23:19
مەن ھاكاۋۇر پوچى ئادەملەرنىڭ ھەممىىسىگە ئۆچ.رونالدو د ...

توغرا دەيسىز رونالدو بەك ھاكاۋۇر ئۇبىر قىتىم 5-6ياشلاردىكى بىر كىچىك كۆرىشىش ئۈچۈن قول تەڭلىگەندە نائۈمۈدتە قويغان...خۇددى بارىنىڭ 5-باشلانغۇچتىكى ئۇكىلىرىمىزغا مۇمامىلە قىلغاندەك...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-18 00:19:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 22:46:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نورمال ئشقۇ.  ھەممە ئادەمنىڭ ئوزى ئامراق كوماندىسى  ئوزى ياقتۇردىغان پۇتبۇلچىللىرى بولىدۇ.   سەن پالانىنى نىمىشقا ياقتۇرمايسەن دېگىلى بولمايدۇ.   مادرىت رونالدو مەستانىللرىمۇ مىسسىنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئېش....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 23:03:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالنى نېكاھسىز تېپىپ ئانسىنى كېم ئېكەنلىكنى دەپ بەرمىسە  كۈيۈمچان دادا بولامدا ؟  بەك ئاشۇر ۋەتېڭىزمۇ قانداق . ؟



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 23:21:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 23:22:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىككىسىنىڭ مۇۋاپىقەت دەۋرىدە پۇتبولغا مەستانە بولغىنىم مىنىڭ تەلىيىم...يانا خىلى بىر مەزگىلگىچە بۇ ئىككىسىدەك كۈچ سىنىشالايدىغانلارنىڭ چىقمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 23:22:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
DDV يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 23:03
بالنى نېكاھسىز تېپىپ ئانسىنى كېم ئېكەنلىكنى دەپ بەرمى ...

ئۇنى دىسىڭىز ..مېسسىنىڭ بالىسىمۇ نىكاھسىز تۇغۇلغان ..!   ياۋرۇپادا توي قىلماي تۇرۇپ بالا تېپىش ئادەتتىكىلا بىر ئىش ! شۇڭا ئامال بار ياۋرۇپالىقلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشمايلى !  ئۇلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى بىزنىڭكى بىلەن ئاسمان زىمىن پەرىقلىنىدۇ!  مەيداندىكى ئىپادىسىنى مۇنازىرە قىلغىنىمىز شۇ ياخشى !    بىرسىنى ياختۇرۇش ياقتۇرماسلىققا سەۋەپ كەتمەيدۇ !   ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيىتسام مېسسىغا ئامراقمۇ ئەمەس ئۆچمۇ ئەمەس !   مىنىڭ ئەڭ ياقتۇردىغىنىم رىئال مادرىد ! ئۇنىڭدىن قالسا كوماندىدىكى توپچىلار !   تېما ئىگىسىنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشىمۇ ئارتۇقچە .. بىر-بىرسىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭغىلى بولمايدۇ !  ياختۇرمىسا ئۆزىنىڭ ئىشى !   مۇشۇنداق بولغاندا مۇنازىرىلەرمۇ قىززىيدۇ !  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 23:28:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 05:34

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش