akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: yarkuyi

قايسى كۇلۇب خۇجاينى پۇتبول ئۈچۈن ئەڭ كۈچ چىقارغان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-16 20:07:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاس مىلەن رەئىسى بىلروسكىنى، گاليانى بېلەن ئېنتىر مىلەننىڭ سابىق رەئىسى مۇرادى، پۇتبۇلنى ھەقىقى سۇيدۇ مەنچە، باشقىلىرنىڭ مەقسىدى پۇل تېپىشدەك قىلدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 20:08:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىپىر يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 16:45
سىز تىلغا ئالغانلىرىڭىز ئارىسىدا خوجايىنمۇ ، رەئىسمۇ  ...

خىڭدانىڭ خوجايىنى مايۈن دۇر؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 20:57:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسۈپ ئىمىن!!! بەلكىم دىيارىمىزدا يەنە باشقا قېرىنداشلىرىمىزمۇ باردۇر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 21:06:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق، ئابلا رومان دەپ كۇلۇب خوجايىنىنىڭ گېپىنى قىلۋېتىپ، ئۇنىڭدىن باشقا فىلىنتىرومۇ بار دەپ رەئىسلىگە ئۆتۈپ كەتكەن گەپ ، قانداق قىلاي ئەمدى، قېرى !! قېنى سەن؟ بۇ تېمىنى تىزدىن نادىرلىۋەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 21:53:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
HoPe157 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 18:08
مەنسۇربايمۇ مەنچىستىر شەھىرىگە زور كۈچىدى... بۇ كۇلۇپن ...

چولپان قەيەردە كۆپ دىيىلسە بىرىنجىسى ئەلۋەتتە مادرىت.  ئىككىنچىسى  مانچىستىر شەھىرى....     مەنسۇر باي ھەقىقەتەن كۈچىدى ھەم  كۈچەۋاتىدۇ.  مىنىڭچە ئۇ ئىيىتقاندەك مادرىتقا ئوخشاش كۈچلۈك قىلىمەن دىسە چوقۇم قىلالايدۇ. پەقەت بىرقانچە يىل كۈچىسىلا.......   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 21:56:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
januzay يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 20:07
ئاس مىلەن رەئىسى بىلروسكىنى، گاليانى بېلەن ئېنتىر مىل ...

نىمۇ ئابلەجاننىڭ بىر گىپى بولىدىغان، ‹‹ سودىنى پۇتبۇلدىنمۇ ياخشى ئوينايدىغان كۇلۇب بىردىنبىر acمىلەن ››  
مىلەننىڭ 0 ياۋرۇلۇق سەپ شەكلىگە بىرقىتىم قاراپ باقسىڭىز زادى مەقسىدى پۇل تىپىشمۇ ياكى پۇتبۇلمۇ چۈشىنىپ قالىسىز......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-16 23:11:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 00:04  

بۇ تېمىغا ئىنكاس يازماي تۇرالمىدىم.
  پۇل تېپىشنى ئويلىمايدىغان كۇلۇب يوق، غەرب دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي كىرىمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغاچقا ياۋروپا پۇتبولى مۇشۇ كۈنگە كەلگەن. بۇ تالاش - تارتىش قىلىدىغان ئىش ئەمەس.
   1987 - يىلىدىكى 13 مىليون، 9 مىليون، 8 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ھازىرغا نىسبەتەن قانداق ئۇقۇم؟؟؟؟ ھازىرقى 78 مىليون، 54 مىليون، 48 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن تەڭ. بۇ 180 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى 25 يىل ئىلگىرى بىر  رەئىس 3 ئادەمنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن. ئۇلار: ۋان باستېن، گۇللېت، رىجكارد... مۇھىمى، رەئىس خەجلىگەن بۇ پۇللار ئۇنىڭ يانچۇقىدىن چىققان، فىلورىنتونىڭكىدەك كۇلۇبنىڭ دارامىتىدىن ئەمەس...
  بۇ رەئىسنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن توپچىلاردىن 7 ئادەم قېتىم ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى ۋە 6 ئادەم قېتىم دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى چىققان...
  ھېچكىم بىلمەيدىغان ساجى ئۇنىڭ بايقىشى بىلەن 20 - ئەسىردىكى ئەڭ قالتىس تىرېنېرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
  ئۇنىڭ دادىللىق بىلەن ئىشقا سېلىشى بىلەن ياشلار كوماندىسىنى ئاران ئېلىپ مېڭىۋاتقان كاپېلو بىراقلا باش تىرېنېر بولۇپ، 58 مەيدان ئۇدا يېڭىلمەسلىك رېكورتىنى ياراتقان...
ئۇ يەنە  "مەڭگۈلۈك ئىككىنچى" دەپ لەقەم قويۇلۇپ قالغان ئەنچېلوتىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا نېستا، ئىنزاگى، سېدورىف، رۇي كوستا، پىرلو ۋە كاكانى يىغىپ بېرىپ، يېڭى ئەسىردىكى مىلان خاندانلىقىغا ئاساس سالغان...
  28 يىلدا 5 قېتىم ئۇزغۇنلۇققا ۋە يەنە سان - ساناقسىز بىرلەشمە لوڭقىغا ئېرىشكەن رەئىستىن قانچىسى باردۇ؟؟؟
   ئابلايىموۋېچ چېلسىنى يۇقىرىقى ئۇتۇققا ئىگە قىلغاندا سېلىشتۇرايلى...قالغان رەئىس ۋە خوجايىنلارنى تېخىمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
  كونا گەپ: پاكىت تەلەپ قىلىمەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-17 02:21:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخسۇس بىر تىما قىلىپ يىزىلسا بولغۇدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-17 02:58:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپنى يۈرىكى بىلەن سۈيدىغان خوجايىندىن ئۈچنى بىلدىكەنمەن . سابىق زوڭلى ئەلۋەتتە ئەڭ نوچىسى    بىرلوسكىنىنىڭ قولىغا  ئۆتكەندىن كىيىنكى  مىلاننىڭ شان شەرەپلىك تارىخى نامى بۇنىڭغا  كاپالەت بولالايدۇ .  ئۇ ھەتتا مىلاننىڭ  سەپ شەكلىدىن نارازى بولۇپ   دۆلەتنىڭ ئىشىنىمۇ تاشلاپ قويغان ۋاقتلىرى بولغان .  ئابلاباينىڭ  چىلسىغا بولغان مۇھاببىتى ھەممىگە ئايان ، نەچچە يىل بۇرۇن مالىيەدىن ئازراق چاتاق چىققان ۋاقىتلاردىمۇ ئۇنىڭ  چىلسىنى سىتۋەتمىگىنى   مىنى قايىل قىلغان .   

بۇ گەپنى ئىككى يىل بۇرۇنلا دىگەنئىدىم .      مىنىڭچە  ياشمۇ بىر يەرگە بارغان ئىككى پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان   بىرلوسكىنىنىڭ   مىلان تارىخ سەھنىسىدىن ‹‹چىكىندىغان ››  ۋاقتى ئاللىقاچان كەلدى   .          چۈنكى مىلانولىقلارمۇ     تارىخنى ياستۇق ، نەچچە يىل بۇرۇنقى   نەتىجىنى يوتقان قىلىپ  داۋاملىق يېپىنىپ يۈرۈشنى خالىمايدىغۇ دەيمەن ؟ !   

يۈرىكى كۆك  موراددى  يەنىلا  مەن ئەڭ ئامراق ئەڭ قايىلى .  كۆپۈنچە قارشى مەستانلەر نەزىرىدە  ئۇ ئەخمەق خوجايىن .    ئۇ ئىنتىر ئۆزىگە ئەڭ مۇھتاج ۋاقىتلاردا   بىر ئىنتىر مەستانىسىنىڭ خېتى ئارقىلىق  بىر قارارغا كەلگەن  ئوتتۇرغا چىققان .     ئۇ ئىتالىيەدىكى بايلار قاتارىدىمۇ ئالدىدا ئەمەس .  ئىنتىرنىڭ مۇسابىقىلىرىدە كۆرۈش سۇپىسىدىن ئۈزۈلمەيدۇ .   ھەتتا  ۋىلىسپىتلىك  ئىنتىرنىڭ مۇسابىقىسىگە  ‹‹ئالدىرايدىغىنى ››  ھەممىگە  تونۇش   كۆرۈنۈش بولۇپ كەتكەن .       ئەگەر مۇرادىنىڭ بايلىقى  يىتەرلىك بولغان بولسا  ئۇ مىئاززادا جان بىرەتتى .        

ساڭا ھۆرمەت  ماسىمۇ مۇراتتى !   

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-17 02:59:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 03:33  

بىر كۈنى تەنتەربىيە مۇخبىرلىقىنى قىلىدىغان ئىنتىرنىڭ بىر سادىق مەستانىسى ئۆيۈمگە خەت يىزىپتۇ ،خەتنىڭ ئىچىدە 10مىڭ لىرا باركەن .ھىچقانچە تىلغا ئالغۇدەكمۇ پۇل ئەمەس ، ئۇنىڭدىن باشقا مۇنداق يىزىلىپتۇ

""قەدىرلىك موراتتى ئەپەندىم ،بۇ بىر پۇتۇنلەي ۋەيران بولغان ئىنتىر ، چۇنكى بىز ھىچقانداق بىر شان-شەرەپكە ئېرىشەلمىدۇق ،شۇڭلاشقا مەن بۇ پۇلنى ئۆزەمنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشۇش ئۈچۈن  سىزگە ئىئانە قىلاي ،مەن سىزنىڭ بىز چىن قەلبىمىزدىن ياىشى كۆرىدىغان بۇ كوماندىنى سىتىۋىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ."
ئەينى ۋاقىتتا مەن بىر ۋاقىتلارغىچە يىغلىدىم ،بۇ مىلان شەھرىدە يەنە سان-سانقاسىز توپخۇمارلار ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىنتىرنىڭ قايىتدىن گۈللىنىشىنى ،ئورنىدىن دەس تۇرىشنى ئۈمىد قىلاتتى .

مەن بۇرۇن پەقەت بىر ئاددى ئىنتىر توپخۇمارى بولۇشنىلا ئۈمىد قىلغان ،ھىچقاچان ئىنتىرنى سىتىۋىلىشنى ئويلاپ باقمىغان ،لىكىن بۇ مۇخبىر مىىنى ئەسكەرتتى ،بىز ياخشى كۆرىدىغان بۇ كۇلۇپ ۋەيران بولاي دىدى ، ئۇ ماڭا مۇھتاج .

مەن ئۆتكۈزۋىلىش قارارىنى چىقارغاندا ئاكام.ئائىلىدىكىلەر ھىچقايسىسى قوشۇلمىدى ، چۇنكى ئۇ چاغدا ئىنتىرنىڭ ھالى بەك خاراپ ئىدى ،ھەتتا ئۇلار كوماندىنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش ئېلانىنى مىلاننىڭ يەرلىك گىزىتىدىكى نىمكەش ئۆي ۋە ماشىنىلارنى ساتىدىغان ئېلان قىسىمىغا چىقارغان . ئىنتىر كۇلۇبى ئۆتكۈزۈپ بىرىلدۇ ،ئۆتۈنۈش ھەققى 70مىليون لىرا .

مەن ئۆزەمدىن سورىدىم

مەندە 70مىليون لىرا بارمۇ يوق؟

بار

ئىنتىرنى سىتىۋالسام تۇمۇشتا قىينىلىپ قالامدىم ياق ؟
ياق

ئۇنداق بولسا مەن يەنە بۇ 70مىليون لىرانى بىسىپ يىتىپ نىمە ئىش قىلىمەن ؟

ئەجىبا مەن بۇ پۇلنى بىر ئۆمۈر بىسىپ ياتامدىمەن ، بۇ ئارقىلىق شەرەپكە مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسىغا ئېرىشەمدىمەن ،كۆڭلۈمدىكى ئارزۇلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرمدىمەن ؟

ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس ،پۇل ھەرگىز ئۇنچىۋالا جىق ئىش قىلىپ بولالمايدۇ ،لىكىن ئۇبىر ئىشنى قىلالايدۇ ،ئۇ بولسىمۇ ئىنتىرنى قوتقۇزۇش



مانا بۇ موراتتىنىڭ ھىكايسىسى  (  قاپلانچاقنىڭ تىمىسىدىن ئىلىندى )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-17 09:57:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tagderem يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 15:59
بىر كۈنى تەنتەربىيە مۇخبىرلىقىنى قىلىدىغان ئىنتىرنىڭ  ...

قالتىس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-17 10:23:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 10:56
نىمۇ ئابلەجاننىڭ بىر گىپى بولىدىغان، ‹‹ سودىنى پۇتبۇ ...

دېمەكچى بولغىنڭىز مىلەن مەقسىدى پۇل تېپىش دېمەكچىما، ئەگەر ئۇندا بولسا بىلروسكىنى ئاللا قاچان سېتىپ بۇلاتتى مىلەننى، تۇگىنىڭ ئۇلۇكى ئىشەكتىن ئارتۇق دېگەندەك مىلەننى ھازىر ساتسىمۇ ئىۋۇ شەھەر، پارىژ كۇماندىلردىن بەكراق پۇلغا يارايدۇ، بىلروسكىنىڭ پۇتبولغا مېھرى بولغاچقا ھازىرغىچە مىلەننىڭ چاقىنى چۇرۇپ كېلۋاتدۇ، شەخسى قاراش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 04:27

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش