ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3275 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-16 00:28

چېلسى كۇلۇبى 2013-2014 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە كۇلۇبنىڭ 320 مىليون فوندسىتېرلىڭ كىرىم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ كۇلۇبنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى شۇنداقلا ساپ كىرىم 20 مىليون فوندسىتېرلىڭ بۇلۇپ ئابلاموۋىچ 2003-يىلى چېلسى كۇلۇبىنى قولغا ئالغاندىن بۇيانقى ئىككىنچى قىتىملىق پايدا ئېلىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. چېلسىنىڭ ئالدىنقى قىتىملىق پايدا ئالغان ۋاقتى 2011-2012 يىللىق مۇسابىقە پەسلى بولۇپ ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى بولغان چېلسى بىر مىليون 400 مىڭ فودستىرلىڭ پايدا ئالغان بولسىمۇ لېكىن ئالدىنقى سەككىز يىلدا 600 مىليون فوندسىتىرلىڭ زىيان تارتقان چېلسىغا نىسبەتەن بۇمۇ ئاز بولمىغان ئۈمۈد ھىساپلىنىدۇ.
ئابلاموۋىچ 10 يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە ئوتتۇرا سەۋىيەدە كېتىۋاتقان چېلسىنى ھەقىقى بىر زەردار كۇلۇب قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. ئۆتكەن پەسىلدە چېلسى بىرلەشمىدە ئۈچىنچى بولدى، ئۇزغۇنلۇقتا تۆت كۈچلۈككە كىردى. گەرچە ئۇيۇشما لوڭقىسى ۋە بىرلەشمە لوڭقىسىدا چىمپىيون بولالمىغان بولسىمۇ لېكىن چېلسى يەنىلا ئېنگىلاند كۇلۇبلېرى ئىچىدە ياۋرۇپا بىرلەشمىلېرىدە نەتىجىسى ئەڭ ياخشى كۇلۇب ھىساپلىنىدۇ. چېلسىنىڭ كۆپ قىسىم پايدىسى يەنىلا يۆتكىلىش بازىرىدىن كەلگەن. ئۆتكەن يىلى قىشتا چېلسى ماتانى 37 مىليون 100 مىڭ فوندسىتېرلىڭغا مانچىستېر بىرلەشمىسىگە سېتىپ بەردى. يەنە دېبۇرۇنىنى ۋولفىسبورگ كۇلۇبىغا سېتىپ بەردى. يازدا بولسا داۋىد لۇيىسنى 50 مىليونغا پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبىغا، لۇكاكۇنى 28 مىليون باھا بىلەن ئېۋىرتون كۇلۇبىغا سېتىپ بەردى. شۇنداقلا مۇۋاپىق باھادا كوستا بىلەن فابرىگاسنى سېتىۋالدى. بۇ ئىككىسى ئۈچۈن چېلسى 60 مىليون فوندسىتېرلىڭ خەجلىدى.
مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغان بۇ ئىككى سودىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن مورىنىئو قىشلىق بازاردا يەنە ئېھتىمال شۈرلې بىلەن سالاھنى سېتىپ چىقىرىپ بىر قانچە توپچى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى. مورىنىئونىڭ پىلانىدا ئىككى ماھىر بار. بىرى مادرىد ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بېل. بېلنى مانچىستېر بىرلەشمىسىمۇ تالىشىۋاتىدۇ. مورىنىئو بېل ئۈچۈن 90 مىليون فوندسىتېرلىڭ باھا قويغان شۇنداقلا 5 يىللىق توختام ئۈچۈن 60 مىليون مائاش بەرمەكچى بولغان. لېكىن بېلنىڭ لوندونغا قايتقۇسى يوق. مورىنىئو دورتموندتىكى رېئۇس ئۈچۈنمۇ توختام تەييارلىغان. لېكىن رېئۇسنى ئارسىنالمۇ تالىشىۋاتىدۇ. چېلسى شۇنچە جىق ماھىرلېرىنى سېتىۋەتكەنگە چۇشلۇق ئاجىزلىشىپ كەتمىدى. كوستا 10 توپ ئۇرۇپ بولدى، فابرىگاسنىڭ بەرگەن پاس سانىمۇ 10 غا يەتتى. مورىنىئو مۇۋاپپىقىيەتلىك ئېلىم-سېتىمدىن باشقا يەنە لەمپارد، ئاشىلى كولغا ئوخشاش ياشىنىپ قالغان شۇنداقلا مائاشى يۇقۇرى بولغان ئەزالار بىلەن توختام ئۇزارتمىدى. شۇنىڭ بىلەن چېلسىنىڭ مائاش تەمىناتى ئازلاپ ئېنگىلاندتتا ئارسىنالنىڭ كەينىگە تېزىلپ ھازىر تۆتىنچى ئورۇندا تۇرۋاتىدۇ. چېلسىنىڭ مالىيە كىرىم چىقىم ئەھۋالى ساغلام بۇلۇپ ئېھتىمال چېلسى بۇنىڭدىن كېيىن ئابلاموۋىچنىڭ بۇرۇنقىدەك كۆپلەپ چىقىم قىلىشىغا مۇھتاج بولماسلىقى مۇمكىن. |
|