akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1797|ئىنكاس: 42

مەن نېمىشقا يەنە قايتىپ كەلدىم ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-15 11:52:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى : دوستۇڭلار ئەبرار قايتىدىن بۇ مۇنبەرگە قايتىپ كەلدى ، ئەسلى بۇ قېتىملىق ئىككى ئايلىق سەپەر مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇزۇن يىللىق قەدىناس بۇلۇپ قالغان بۇ مۇنبەرنى شۇنىڭ بىلەن خۇشلىشاي دەپ ئويلىغان ، (ياشمۇ بىر يەرگە باردى ) لېكىن سەپەر جەريانىدا مۇنبەرداشلىرىمنىڭ قىزغىن كۈتۈۋىلىشى بىلەن   يات يۈرتلاردا مۇساپىرلىق غەملىرىنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇغانمۇ بولدۇم ، بۇلارنى ئېنشائاللا بىر تېما قىلىپ يازىمەن . شۇڭا قايتىدىن قايتىپ كەلدىم ،  قۇرۇق كەلمەي دەپ ئازراق خەۋەرلەرنى ئىلىپ كەلدىم .
下载.jpg
ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ ئىستىقباللىق ۋارتارى دىھيا ، مانچىستېرنىڭ ئۆزىگە سۇنغان يېڭى توختامىنى رەت قىلدى .
بىرىتانىيە مىترو گېزىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، دېھيانىڭ توختامنى رەت قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ زەردارى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئىكەن .
مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى دېيھانىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەپ ، ئۇنىڭ باشقا كۇلۇبقا يۆتكىلىپ كەتمەسلىكى ئۇچۇن ، يېڭى توختام تەييارلىغان ، لېكىن دېھيا بۇ تەلەپنى چىرايلىق رەت قىلىۋەتكەن .
مادرىد تەرەپ كېلەر يازلىق يۆتكىلىشتە ، ئۇزۇن يىللىق ۋاىتارى كاشىلىياسنى ئەركىن توپچى ھالەتتە قۇيۇپ بېرىپ ، دىھيانى ئۇنىڭ ئۇرۇنىغا قويماقچى بولغان ، دېھيامۇ بۇ پىكىرگە قوشۇلغان .


angel.jpg
ئۆتكەن يازلىق بازاردا كىشىنى ھەيران قالدۇرغان يۆتكىلىشىنىڭ بىرسى بولسا ، دىمارىيانىڭ ئالۋاستىلارغا قوشۇلۇشى بولغان ئىدى ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر دىمارىيا چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ دەپ قاراشقان ئىدى ، بۇ گەپ سۆزلەرگە قارىتا ، دىمارىيا : مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلىغىنمغا ھېچقانداق پۇشايمىنىم يوق ، لېكىن راسىت گەپنى قىلسام ، ئەسلى پارىژ سان جىرىمان كۇلۇبىغا يۆتكەلسەم بەلەنرەك بولار ئىكەن دەپ ، پارىژ سان جىرمان كوماندىسىغا يېشىل چىراق يېقىپ بەردى .

Satellite.jpg
گىرمانىيە ئۇتتۇرا مەيدان توپچىسى تونى كىروس بولسا ، بۇ قېتىملىق يازلىق يۆتكىلىشتىكى مادرىد كوماندىسىنىڭ بىر قېتىملىق ئەڭ غەلبىلىك ئەرزان سودىلىرىنىڭ بىرىسى ، يېقىندا تونى كىروس مۇخپىرلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ نېمە ئۇچۇن مادرىتنى تاللىغانلىقى تۇغىرىسىدىكى سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى :مەن تۇيۇقسىز تېرىنىر ئەنچىلوتى تەرپىدىن ئۇرۇلغان تېلېفۇننى قۇبۇل قىلىپ قالدىم ، ئەنچىلوتىنىڭ بىرىنجى گېپى بولسا ،  كوماندام ساڭا مۇھتاج دېگەن سۆزى بولدى ، ئەنچىلوتى ماڭا يەنىمۇ چۇشەندۇرۇپ ، كوماندىنىڭ تەڭپۇڭلىقى ئۇچۇن مېنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى ئىكەنلىكىمنى ، ئەگەر مادرىتقا قوشۇلسا ، ھازىرقىدىنمۇ ئېسىل نەرسىلەردىن بەھىرىمان بولالايدىغانلىقىمنى ئېيتتى ، شۇنىڭ بىلەن مەن مادرىتنى تاللىدىم ، لېكىن مەن مادرىتقا كەلگەندىن كېيىن ھەركەت دائىرەمدە ئۆزگىرىش بولدى ، مەن بايرىندىكى چاغدا ھۇجۇمسىمان ئۇتتۇرا مەيدان ئىدىم ، لېكىن ھازىرىقى ئۇرۇنىم تېخىمۇ ئارقىغا سۇرۇلۇپ ، مۇداپىيەچىسىمان ئۇتتۇرا مەيدانغا ئايلاندىم ، مەن بۇ ئۇرۇنغا ماسلىشىپ كەتتىم دەپ ئويلايمەن دېدى .


10626679_767743093300653_333939031026075294_n.jpg
تارىخ يېزىلىپ بولغان بىلەن ئۇنى قايتىدىن تەھرىرلەپ ، باشقىدىن يازىدىغانلار چىقىدۇ ، پۇتبول تارىخىنى قايتىدىن يېزىش پەقەت رونالدودەك ئەدىبلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى . بۇ ئەدىب تۈنۈگۈن كەچ داڭلىق بىر ئەسەرنى پۈتتۈردى ، بۇنىڭغا قارىتا ياۋرۇپا پۇتبول بىرلەشمىسى ، ئۆزىنىڭ تەبرىك خېتىنى ، ئۆزىنىڭ ئورگان توردا ئېلان قىلدى . رونالدونىڭ قايتىدىن يازغان تارىخى بولسا ، ياۋرۇپا پۇتبول تارىخىدىكى تاللاش ، ھەل قىلغۇچىتىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى مەرگەن دېگەن چىرايلىق نامنى قايتىدىن يېزىش بولدى  .
بۇ رېكورتىنى ساقلاپ تۇرغۇچى ، دانىيىلىك دال توماس بولۇپ ، 22 توپ ئۇرۇشتەك ياخشى نەتىجە ياراتقان ، رىكورتىلارنىڭ ئەشەددى دۇشمىنى بولغان رونالدو بولسا ، تۈنۈگۈنكى ئەرمىنىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ھالقىلىق بىر توپ ئۇرۇپ ، ئۆز دۆلىتى ئۇچۇن ئۇچ نومۇرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا ، ئۆزى ئۇچۇن 23 قېتىملىق توپىنى كىرگۈزۇپ ، تېخىمۇ شەرەپلىك  بولغان ياۋرۇپا مەرگىنى دېگەن نامغا ئېرىشتى .


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 12:02:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ، قايتىپ كەلگىنىڭىز ياخشى بوپتۇ

ئالغا مادرېد !  ئالغا رونالدو !

دېھيا ياخشى تاللاش ، لىكىن كاسسىلاس كىتىپ قالسا سەل ئەپسۇسلىنىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 12:03:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو بۇزە  رىكوت دىگەننى،يارايسەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 12:03:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 12:15:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتىپ كەلگەنلىكىڭىز ناھايىتى ياخشى بۇپتۇ.

  ئالۋاستىلارنىڭ كۈنى تېخىمۇ تەس بۇلدىغان بولدى،  مادىرىت پۇلغا تايىنىپ باشقا كۇماندىلارنىڭمۇ  تەڭپۇڭلىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، يۇقىرى تەمىنات توپچىلارنى قىزىقتۇرۇرۇپ قوشىۋالدىغان  بىردىنبىر ئۇسۇل بۇلۇپ قالدى. ئالۋاستىلارنىڭ كېيىنكى نىشانى كىمدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 12:17:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ مۇنبەردىن يىراقلاشقىنىڭىز مادىرىتمەستانىللىرى ئۈچۈن جۇملىدىن مۇنبەر ئۈچۈن چوڭ يۇقۇتۇش بۇلدۇ قېرىندىشىم ،چېرىپ تۇرۇڭ بىلىملىرىڭىزنى مۇنبەرگە تۈكۈپ تۇرۇڭ ، بىكا بىلىم قۇساققا پاتماي قالمىسۇن ھى ھى ھى

دىھيامۇ بۇلدىغان ۋارتار لىكىن مەن ئانچە يامان دەپ بىلمەيمەن ، ئەڭ ياخشى سودا ۋالدىس ھى ھى ھى

دىمارىيانى بۇ يىلقى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ نامزاتنىڭ ئېچىدە كۈرمەن دەپ ئولتادىم ، رۇنالدودىن قالسىلا ئەڭ مۇۋاپىق ئادەم دەل دىمارىيا

رۇنالدو ھەجەپ بىزگە ئۇقتۇرمايلا رىكورىت بۇزۇپ يۇرۇپتۇ ، گەپ توغرا كەلمەس بۇلۇپ كەتتىغۇ زادى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 12:17:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورنىھو ۋارانىنىڭ كۇيىغا چۇشكەن ئوخشايدۇ .يەنە رۇئىسنىمۇ ئالدىغاننىڭ گىپى با .قىشلىق يۇتكۇلۇشتە ھەيران قالارلىق سودىدىن بىرقانچىسى بولدىغان ئوخشايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 12:23:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋاسمۇ ئولتامامدۇ ئەينا  يەنە ۋارتارنىڭگىپى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 12:33:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئوقۇش ئىشلىرى بىلەن مۇنبەرگە كىرەلمىدىم بۈگەن ۋاقىت چىقرىپ كىرىپ زىيارەت قىلۋاتىمەن رونالدو غا گەپ كەتمەس بوپتۇ ھازىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 12:47:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردە  ھاسامنى  سۆرەپ  مەن  تۇرسام  سىزگە  نىمە  قىرلىق ئەمدى  ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-15 13:03:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-11-15 06:47
مۇنبەردە  ھاسامنى  سۆرەپ  مەن  تۇرسام  سىزگە  نىمە  قىرلى ...

سىز دېگەن شۇشەن قېرىغان ئادەم ، بىز ئەنئەنىۋى يۇرمىسەك بولمايدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 13:10:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبرار يوللىغان ۋاقتى  2014-11-15 13:03
سىز دېگەن شۇشەن قېرىغان ئادەم ، بىز ئەنئەنىۋى يۇرمىسە ...

قايتىپ  كەلگەن ئوخشىمامسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 20:19

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش