akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1654|ئىنكاس: 36

ئاتا-بالا ئۆزىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-15 00:18:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
     


     ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى بۇزۇلغان مۇناسىۋەت



     بۇ ھەپتە، مەسۇت ئۆزىل ۋە ئۇنىڭ دادىسى پۇل مەسىلىسى سەۋەبلىك سوتلىشىشقا ئازلا قالغان ۋاقىتتا، بۇ ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى خەلق-ئالەمگە ئايان بولدى. بىراق ئەمەلىيەتتە، بۇندىن كۆپ ئىلگىرى-- 2013-يىلى 10-ئايدا، يەنى مەسۇت رېئال مادرىدتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھاڭ پەيدا بولغان.

     مەسۇت ئارسېنال بىلەن 8مىليون ياۋرۇلۇق يىللىق مائاش بىلەن توختام تۈزۈپ، "سامان يولى جەڭ كېمىسى" دىن ئايرىلدى. بىراق، ئۇ ۋاقىتتا توپچى ئۆزىنىڭ ئايرىلغۇسى يوق بولۇپ، دادىسى ھەم ۋاستىچىسى بولغان مۇستافانىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەم قۇترىتىشى ئارقىسىدا، بېرنابۇنىڭ كەينى ئىشىكىدىن چىقىپ، ئۆزى خۇشال تۇرىۋاتقان كۇلۇبتىن ئايرىلدى.

     بۇ يۆتكىلىش كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچىلا تاماملانغان بولۇپ، شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، مەسۇت ئۆزى نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىراپ بولالماستىنلا رېئال مادرىد ئايرىلغان ئىدى. بىر ئايدىن كېيىن، ئۇ دادىسىغا ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇنىڭ ياردىمىگە كېرەك ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، ۋاستىچىلىك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلدى. 2012-يىلى، مۇستافا ئوغلىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىقتىساد ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، ئۆزىل ۋاستىچىلىك شىركىتىنى قۇرغان ئىدى، بىراق مەسۇت ئۇنى ئىشتىن بوشۇتىۋەتتى.

     مەسۇت شىركەتچى ئاكىسى مۇتلۇغا تاپشۇرۇپ بەردى، بىراق مۇستافا ئوغلىغا ئارسېنالدىكى 8مىليونلۇق توختام ئېلىپ بەرگەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ، ئوغلىنى سوتقا ئەرز قىلدى ھەمدە 630مىڭ ياۋرۇ ئىش ھەققى تەلەپ قىلدى. مەسۇت بۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بېرىپ، دادىسىنىڭ بىر مىليون ياۋرۇ ۋە شىركەتنىڭ بىر پىكاپىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

     ئاخىرىدا، ئىككى تەرەپ سەيشەنبە كۈنى دۇسسېلدورفتا يەڭ ئىچىدە كېلىشىپ ئىشنى چوڭايتىۋەتمىدى. بىراق ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قىلچىلىك ياخشىلانمىدى.

     ئاخىرىغا كەلگەندە، بۇ ئىشتا ئەڭ زىيان تارتقىنى يەنىلا مەسۇت بولدى، ئۇ يىقىنلىرىغا كۆپ قىتىم داۋاملىق مادرىدتىن ئايرىلغانلىقىغا كۆپ پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىلگىرىكى يىقىن دوستلىرى ۋە سەبداشلىرى قالتىس بولغان پۇتبول ئارقىلىق چوڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ۋاقتتا، گېرمانىيلىك پەقەت يىراقتىلا قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.


مەسۇت ئۆزىلنىڭ ئاكىسى-- مۇتلۇ ئۆزىل


مەنبە: ئىسپانىيە "ماركا گېزىتى" (گېرمانىيە "رەسىم گېزىتى" دىن نەقىل قىلغان.)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 01:55:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-15 10:03:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-11-15 01:55
دىمەك يۇقارقى مەزمۇندا ئۆزىلنىڭ مادىرددىن كىتىشى دادى ...

بەزى ئىشلارغا يەككە بىر ئامىلنىڭ سەۋەب بولۇشى ناتايىن، مادرىدنىڭ مەسۇتنى قويۇپ بېرىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب مۇستاپا مادرىد يۇقىرى قاتلاملىرىنىڭ ئىچىنى سىقىۋەتكەن، ئۇنىڭ يولسىز تەلەپلىرى ۋە قوپال مۇئامىلىسى مادرىدلىقلارنى زېرىكتۈرىۋەتكەن، بۇندىن سىرت ئارسېنال بېرىدىغان 50مىليونمۇ ئاز پۇل ئەمەس. ئەلۋەتتە، يەنە باشقا ئامىللارنىڭ بولۇشى ئىنىق، ئەنچېلوتتى، ۋېنگىر قاتارلىقلار بۇنىڭ سەۋەبى بولالايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 01:51:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق  ئوبدان يىزىپسىز
پۇلنى دەپ  تىنىنىمۇ  سىتىۋاتقان بۇ ئەمەلىي جەمىيەتتە بۇ  ئىشلارغا ھەيران قالمىساقمۇ بولغىدەك!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 00:23:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھمۇدىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-15 00:29  

سىزنىڭ  مۇشۇنداق  بىر  تىمىنى   يازدىغانلىقىڭىزنى  ئالدىن  پەرەز  قىلغان  ئېدىم .  ئوزلنىڭ  ئاكسىنىڭ  ئېسمىنى  ئۇيغۇرچىغا  تەرجىمە  قىلساق  ‹بەخت› دىگەن  مەنا  چىقىدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 00:25:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مادرىدتىن كىتىپلا ئىشلىرى ئوڭغا تاتمىدى بۇنىڭ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 00:26:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا مائىشنى نىمەدىگۈلۈك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-15 00:35:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-11-15 00:23
سىزنىڭ  مۇشۇنداق  بىر  تىمىنى   يازدىغانلىقىڭىزنى  ئالد ...

شۇنداق، ئۆزىل ئائىلىسىدىكى تۆت بالىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمى «خۇشاللىق، بەخت» دېگەن مەنىدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 00:39:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 00:40:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانسى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىك سەۋەپلىك دادىسى بىلەن ئىختىلاپ پەيدا بولغان دەپ قارىغانتىم ئەسلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 00:50:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-11-15 00:23
سىزنىڭ  مۇشۇنداق  بىر  تىمىنى   يازدىغانلىقىڭىزنى  ئالد ...

ئۇچۇر يازسام جاۋاب يوققۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 01:27:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا ئۆزىل زىيان تارىتتى ؟  كېلىشىمنىڭ نەتىجىسى يۇقمىكەن ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 01:32:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبداشلىرىنىڭ شان شەرەپ قۇچقىنىغا قاراپ تۇردى دىگەن يىرىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم يىرىم بولدى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-15 01:39:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسىگە دادىسىنىڭ ئاچكۆزلىكى سەۋەپچى بولدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 00:38

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش