ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 921 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا FC-Messi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-16 15:56
سوئال: رونالدونىڭ بىر يىلدا توپ كىرگۈزۈش سانى مېسسىدىن ئېشىپ كېتىش ئەمەس ھەتتا يېتىشەلىدىمۇ؟
جاۋاب: ياق. چۈنكى بىر يىلدا 96 توپلۇق رېكورتنى بۇزالايدىغانلار چىقماسلىقى مۇمكىن.
سوئال: رونالدو ھالقىلىق پاستا مېسسىدىن ئېشىپ باقتىمۇ؟
جاۋاب: ياق. چۈنكى مېسسى پاس شاھلىرىدىن بىر نەچچىنى ئاز بېرىدۇ خالاس.
سوئال: رونالدو ئالتۇن توپنى مېسسىدەك 4 قېتىم ئېلىپ باقتىمۇ؟
جاۋاب: ياق. چۈنكى رونالدونىڭ يېشى بىر يەرگە بارغان بولسىمۇ ئاران ئىككىنى ئالدى. مېسسى بولسا يەنە ئېلىپ قۇيىشى مۇمكىن.
سوئال: رونالدو بىر پەسىلدە توپ كىرگۈزۈش سانىنى مېسسىغا يەتكۈزەلىدىمۇ؟
جاۋاب: ياق. چۈنكى بىر پەسىلدە 56 توپلۇق رېكورتنى كىم بۇزالايدۇ دەيسىز.
سوئال: رونالدونىڭ ھازىرغىچە كىرگۈزگەن توپ سانى مېسسىدىن كۆپمۇ؟
جاۋاب: ياق، قىزىق سوئال سورايدىكەنسىز. رونالدو شۇنچە ياشقا كىرىپمۇ تېخى مېسسىدەك جىق توپ ئۇرالمىدى. مېسسى ھازىرغىچە دوستلۇق مۇسابىقىلىرىنى قوشقاندا 745 توپ ئۇرۇپ بولغان تۇرسا، رونالدو ئەمدى 400 توپلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ قانداقمۇ بۇزالىسۇن؟!
سوئال: رونالدو كىلاسسىكودا توپ كىرگۈزۈش جەھەتتە قانچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؟ مېسسىدىن يۇقىرىمۇ؟
جاۋاب: رونالدونىڭ ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدە ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. قانداقمۇ مېسسىدىن يۇقىرى يۇقىرى تۇرسۇن، مېسسى تارىختىن بويانقى كىلاسسىكودىكى بىرىنچى مەرگەن تۇرسا؟!
سوئال: رونالدو ھازىر ئېلىۋاتقان مۇكاپاتلار مېسسىنىڭكىدىن يۇقىرىمۇ؟
جاۋاب: قانداقمۇ يۇقىرى بولسۇن؟! بۇ بىچارە ئەمدى ئالتۇن بوتىس سانىدا تەڭلىشىپ يۈرسە، قالغانلىرىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ ئادەم چېلىۋاتامسىز يا؟!
سوئال: ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن مېسسىنى كەمسىتىپ، رونالدونى ماختايسىز؟
جاۋاب: ~+*=%+؟:》؛()% |
|