ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1846 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-10 00:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!
پۇتبول تارىخى تەرەقىيات جەريانىدا بەزىبىر توپ چولپانلىرى ۋە تېرىنىرلار نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقماي، مەڭگۈ ساقلىنىپ كەلمەكتە، پېلى، مارادونا ۋە بېكىنباۋۇرلار بۇلارنىڭ تىپىك مىسالى، كىشىلەر ئۇلارنىڭ نامىنى تىلغا ئالغىنىدا قەلبى چەكسىز ھاياجانغا تولىدۇ، ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئىپتىخارلىق قايناپ تاشىدۇ.
بارىسېلونا كۇلۇبى مانا مۇشۇنداق ئۇزۇن تارىخ يارىتىش بىلەن بىرگە نۇرغۇنلىغان توپ چولپانلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ھەم نۇرغۇن توپ چولپانلىرى بارىسېلونادا ئۆزىنىڭ شانلىق ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزگەن.
سۇخۇ تەنتەربىيە تورى يىقىندا، بارىسېلونا تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى تىزىپ چىققان.
قاپقىچى : سوبسارېتا
1986-يىلدىن 1994-يىلغىچە بارىسېلونادا توپ تەپكەن، ئۇ كاسىلياستىن بۇرۇن ئىسپانىيىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ۋارتاسى ئىدى، ئۇ بارسېلونا كۇماندىسى ئۈچۈن410 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، 1992-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن، تېرىنىر كېرۇيۇف سەپ شەكلىنىڭ ئاساسلىق مۇنەۋۋەر ئەزاسى.
مۇداپىئە : پويۇل (1999-2014)
593 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بارىسېلونا شىرى پويۇل، كۇماندا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كاپىتانلارنىڭ بىرسى. ئۇ، بارسېلونا كۇماندىسىغا ۋاكالەتەن 581قېتىم مەيدانغا چىققان، كۇلۇب بىلەن بىرلىكتە 6قېتىم بىرلەشمە ئۇزغۇنى، 3 قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمە ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشكەن، ئەسلىدە ئۇ بۇلتۇر 5-ئايدا يارلىنىپ چېكىنىشتىن بۇرۇن كۇلۇب بىلەن 2016-يىلغىچە تۇختام تۈزگەن، دەسلەپتە پويۇل ئوڭ مۇداپىئەچى ئىدى، كېيىن ئۆزگۈرۈپ ئوتتۇرا مۇداپىئە ۋە كۆپ قېتىم سول مۇداپىئەچىمۇ بۇلغان.
مۇداپىئە : رونالدو.كۇمان (1989-1995)
بارسېلونادا 345 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، ئۇ بىر پۇتبولچى ئائېلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئاتىسى بۇرۇن گۇللاندىيە دۆلەت كۇماندىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى، ئاكىسى بولسا، بۇرۇن گۇللاندىيە بىرلەشمىسىدىكى زەردار كۇماندىلاردىن بولغان فېنورىد كۇلۇبىغا تېرىنىر بولغانىدى. كۇمان ئۇ بىر مۇداپىئەچى بولسىمۇ، لېكىن ئىختىيارى توپ ئۇرۇش تېخنىكىسى ئىنتايىن قالتىس ئىدى، كەسپى ھاياتىدا جەمئى 685 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 239 توپ كىرگۈزگەن، ئۇندىن باشقا پاس بېرىشكىمۇ ئىنتايىن ماھىر ئىدى، ئۇنىڭ ئۇزۇن پاسلىرى دائىم سەبداشلىرىنىڭ نۇمۇر ئىلىشىغا سەۋەپ بولاتتى، ئۇ دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى داڭلىق قوش بىسلىق مۇداپىئەچى ئىدى.
مۇداپىئە : سېگارا (1949-1964)
ئۇ كەسپى ھاياتىدا 528 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان ، كۇلۇب تارىخىدىكى يەنە بىر ئۇلۇغ كاپىتان ھېساپلىنىدۇ، كۇلۇب بىرىنچى سەپ كۇماندىسى ئۈچۈن 16 پەسىل مۇسابىقە ئوينىغان بۇلۇپ، ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە 299 قېتىم مەيدانغا چىققان، ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن بارسېلونا تارىخىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر بەش توپچىنىڭ ئىچىگە كىرەلىشىدە گەپ يۇق.
ئوتتۇرا مەيدان : رونالدىنىھۇ ( 2003-2008)
207 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، ئۇ پۇتبول ساھەسىگە يېڭى بىر سەھىپە قوشقان، سەنئەت بىلەن پۇتبولنى بىرلەشتۈرگۈچى، ئەۋرىشىم بەدىنى، نەپىس ھەركەتلىرى بىلەن توپ مەستانىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانتلىق توپچى، كۇماندىغا ھەمكارلىشىپ ئىككى قېتىم بىرلەشمە ئۇزغۇنى بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشكەن، ئەمما بۇ تالانت ئېگىسى كەسپى ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندىن كېيىن، ئۆزىگە بولغان تەلەپنى بوشاشتۇرۇپ قويغان، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئۇ بارسېلونا تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر، ئۇلۇغ چولپانلىرىنىڭ بىرى.
ئوتتۇرا مەيدان : خاۋېي ( 1998- )
ھازىرغىچە 730 قېتىم مەيدانغا چىققان، گەرچە ھازىر ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى ئاز بولسىمۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىپ كۇماندىنىڭ مىڭىسىگە، ئوتتۇرا مەيدان ماتورىغا ئايلىنالايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلالمايدۇ، خاۋېي مەيدانغا چىقىش قېتىم سانى جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى توپچى، ئۇزغۇنلۇقتا 144 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ۋاقتىنچە كاسىلياس بىلەن ئوخشاش بىرىنچى ئورۇندا تۇرۋاتىدۇ.
ئوتتۇرا مەيدان : گۇئاردېئولا ( 1990-2001 )
366 قېتىم مەيدانغا چىققان، ئۇ ئۇتتۇرا مەيداندىن ئارقا بەل ئورنىغا سۈرۈلگەن، گۇئاردېئولا مەيداندا پۇتى بىلەنلا توپ ئوينىماي بەلكى كاللىسىنىمۇ ناھايىتى ئىشلىتىپ توپ ئوينايىتتى. ئۇنى بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ غالبىيەتچىسى دېيىشكە تامامەن مۇۋاپىق، خاۋېي، پېرلو قاتارلىق داڭلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىلارنى ئۇنىڭ شاگىرتلىرى دىيىشكە بولىدۇ.
ئوتتۇرا مەيدان : مېچىل.لاۋدېرۇپ (1989-1994)
216 قېتىم مەيدانغا چىققان، بارسېلونادا بەش پەسىل توپ تەپكەن، كېيىن كۇلۇبنىڭ ئەشەددى رەقىبى مادىرىت كۇلۇبىغا كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىش ئۇنىڭ بارسېلونا تارىخى سەپ شەكلىگە كىرىشىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن، بارسېلونانىڭ 1991-يىلدىن باشلاپ ئۇدا تۇت پەسىل بىرلەشمە ئۇزغۇنلۇق ،1991-92-مۇسابىقە پەسلىدە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق، 1992-يىلى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، 1991-1992-يىلى ئىككى قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە 1989-90-پەسىللىك شاھلىق لوڭقىسىغا ئېرىشىشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان.
ئوتتۇرا مەيدان : كېرويىف ( 1973-1978 )
174 قېتىم مەيدانغا چىققان، گوللاندىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ توپچى، بارسېلونادا توپ تەپكەن ۋاقىتتا بىر قېتىم بىرلەشمە ئۇزغۇنلۇق، بىر قېتىم شاھلىق لوڭقىسى ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشكەن. مارادوناغا ئوخشاش ، ئۇ گۇللاندىيىلىكلەرنىڭ پەخرى، ۋەكىللىك مۇنەۋۋەر پۇتبول چولپىنى.
ھۇجۇم : كۇبارا ( 1951-1961)
بۇ تالانت ئېگىسى بارسېلونا كۇماندىسى ئۈچۈن 256 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 194 توپ كىرگۈزگەن، كۇلۇبقا ياردەملىشىپ، تۆت قېتىم بىرلەشمە ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشكەن، مېسسىدىن بۇرۇن بارسېلونانىڭ ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان قاتىل ھۇجۇمچىسى ئىدى.
ھۇجۇم : مېسسى (2004- )
بىردىنبىر تۆت قېتىملىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، مېسسى يەنە يۈز يىلدىن كېيىنمۇ بارسېلونا تارىخى سەپ شەكلىگە كىرىشىدە گەپ يۇق.
ئەسكەرتىش : توپچىلارنىڭ ئىسمى كەينىدىكى يىل ناملىرى توپچىنىڭ ھاياتى ئەمەس، بەلكى بارسېلونادا توپ تەپكەن ۋاقىتلىرى.
|
|