elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1365|ئىنكاس: 16

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى خەۋەرلىرى(كۆنچى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kunqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-8 01:31  

تاراتقۇلار مېسسىنىڭ ئەڭ قالتىس 16 رېكورتىنى تىزىپ چىقتى

[11-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى :
بارسېلونا كوماندىسى بىلەن گوللاندىيەدىكى ئاجاكېس كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپ مۇسابىقىسدە، ئارگېنتىنالىق داڭلىق چولپان مېسسى ئىككى توپ كىرگۈزدى. ھەمدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىىسدە جەمىي كىرگۈزگەن توپ سانى 71 گە يېتىپ، ئىلگىرى خان مادرىد كوماندىسدا توپ تەپكەن ئىسپانىيەلىك داڭلىق مەرگەن راھۇلنىڭ 71 توپ رېكورتى بىلەن تەڭلەشتى. بۈگۈن كاتولۇنىيە تاراتقۇسى« دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» مېسسىنىڭ بارسېلونا ھاياتىدىكى «16 چوڭ» نەتىجىسىنى تىزىپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قالتىس نەتىجە بولسا ئۇدا تۆت قېتىم ئېرىشكەن «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتى ۋە يەككە پەسىلدە 73 توپ كىرگۈزۈش، شۇنداقلا بىر يىل ئىچىدە جەمىي 96 توپ كىرگۈزۈپ ئۇدا 21 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈش رېكورتى، بۇ ھەقىقەتەن ئادەتتىكى نەتىجە ئەمەس!
دۇنيا دائىرسىدە :
مېسسى بىردىنبىر بىر پەسىلدە «ئالتۇن توپ» -«دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى»- «ياۋروپا ئالتۇن بوتىس» مۇكاپاتى ۋە ئىسپانىيە «ئالتۇن بوتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پۇتبولچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مېسسى بۇ رىۋايەتنى 2009-2010 مۇسابىقە پەسلى ياراتقان.
مېسسى ئۈچ قېتىم «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەڭ ياش توپچى، 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى مېسسى ئۈچىنچى قېتىم بۇ تۈردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شۇ  چاغدا مېسسى 24 ياش ئالتە ئاي، 17 كۈنلۈك بولغان ئىدى
مېسسى 2009-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ئۇدا تۆت قېتىم ئالتۇن توپ «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» بولۇپ باھالانغان
ئۇ كولۇبتا يەككە پەسىلدىكى رەسمىي مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى، 2011-2012 مۇسابىقە پەسىلدە، مېسسى جەمىي 73 توپ كىرگۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى 50 توپنى بىرلەشمە مۇسابىقىدە، 14 توپنى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسدە، ئۈچ توپنى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسدە، ئىككى توپنى دۇنيا كولۇبلار مۇسابىقىسدە، بىر توپنى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسدە كىرگۈزگەن. شۇ يىلى مېسسى دۇنيا پۇتبول ساھەسىنى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەن.
ئۇ بىر يىلدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى، 2012-يىلى بىر يىل ئىچىدە مېسسى جەمىي 96 توپ كىرگۈزۈپ «توپ كىرگۈزۈش ماشىنىسى» غا ئايلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە بارسېلونا كوماندىسدا جەمىي 84 توپ كىرگۈزگەن. ( ئىسپانىيە بىرلەشمىسدە 59 توپ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسدە 13 توپ، ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسدا بەش توپ، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسدا ئىككى توپ، دوستلۇق مۇسابىقىسدە بەش توپ، ئارگېنتىنا دۆلەت پۇتبول كوماندىسدا 12 توپ )
ئۇ بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۇدا توپ كىرگۈزۈش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ توپچى، 2012-2013 مۇسابىقە پەسلى 11-ئايلانما مۇسابىقىدىن 34-ئايلانمىغىچە ئۇدا توپ كىرگۈزگەن. 21 مەيدان مۇسابىقىدە 33 توپ كىرگۈزگەن.
ياۋروپا ۋە ئىسپانىيە دائىرىسى :
ئۇ جەمىي 71 توپ كىرگۈزۈپ «ئۈزۈك شاھ» راھۇل بىلەن ئوخشاش ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى بىرىنچى مەرگەن ئورنىغا چىققان توپچى، بۇ ئىككىسدە خېلى پەرق بار. يەنى مېسسى بۇ 71 توپنى 90 مەيدان مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن. راھۇل بولسا 142 مەيدان مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن.
ئۇ بىردىنبىر 2008-2009 مۇسابىقە پەسلىدىن 2011-2012 مۇسابىقە پەسلىگىچە ئۇدا تۆت قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسدە مەرگەن بولغان توپچى.
ئۇ ياۋروپا «ئالتۇن بوتىس» مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيانقى يەككە پەسىلدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى، 2011-2012 مۇسابىقە پەسىلدە جەمىي 50 توپ كىرگۈزگەن. بۇ ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق!
ئۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى يەككە پەسىل ئۆز مەيدانىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىر، 2012-2013 مۇسابىقە پەسىلىدە، ئۆز مەيدانى نوكامپۇدا جەمىي 35 توپ كىرگۈزگەن.
ئۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى يەككە پەسىلدە توپ كىرگۈزگەن  مەيدان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ ماھىر، 2012-2013 مۇسابىقە پەسىلىدە 15 مەيدان ئۆز مەيدانىدا ئوينالغان بىرلەشمە مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگەن. توپ سانى 24 كە يەتكەن.
ئۇ كېيىنكى يېرىم پەسىلدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىر، 2012-2013 مۇسابىقە پەسىلى كېيىنكى يېرىم پەسىلدە جەمىي 28 توپ كىرگۈزگەن.
ئۇ بىردىنبىر بىر پەسىلدە ھەم مەرگەن ھەم «پاس شاھى» بولغان توپچى، 2011-2012 مۇسابىقە پەسىلىدە 50 توپ كىرگۈزۈپ 15 پاس بەرگەن. ( پاس سانى خان مادرىد كوماندىسىدىكى مەسۇت ئۆزىل بىلەن ئوخشاش)
ئۇ يەككە پەسىل كولۇبتىكى مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىر، 2011-2012 مۇسابىقە پەسلىدە جەمىي 75 توپ كىرگۈزگەن. ( بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى توپنى دوستلۇق مۇسابىقىسدە كىرگۈزگەن)
ئۇ ئىسپانىيەدە تۇنجى بولۇپ باشقا 19 كوماندىغا توپ ئۇرغان ماھىر، 2012-2013 مۇسابىقە پەسلىنىڭ 11-ئايلانمىسىدىن 29-ئايلانمىسىگىچە، مېسسى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى 19 كوماندىغا توپ ئۇرغان. جەمىي كىرگۈزگەن توپ سانى 30 قا يەتكەن.



قورقۇنچلۇق كاسىللاس قايتىپ كەلدى

11-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى :
بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلىنىپ، خان مادرىد كوماندىسى بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسدە، مادرىد رىقابەت ۋە خانلىق جەمىيەت كوماندىسى تەرىپىدىن ئۇدا مەغلۇپ بولدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ خان مادرىد كوماندىسنىڭ ۋاراتارى كاسىللاس ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تەنقىد قىلىنىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى. ئارقىدىن خان مادرىد توپ مەستانىلىرى قاتتىق نارازى بولۇپ: « كاسىللاس ئورۇن بوشاتسۇن، كوستارىكالىق ۋاراتار ناۋاس مەيدانغا چىقسۇن» دەپ توۋلاشقا باشلىدى. كاسىللاس بىردىنلا بېسىم ئىچىدە قالدى. بىراق خان مادرىد كوماندىسنىڭ مەشقاۋۇلى ئەنچىلوتتى: «كاسىللاس دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ۋاراتار» دىدى. ئەنچىلوتتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا كاسىللاس باشقىچە روھلىنىپ ئىلگىرىكىدەك يۇقىرى سەۋىيەسىنى جارى قىلدۇردى. ئىپادىسى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ 38 كۈن ئىچىدە پەقەت ئىككى توپلا كەتكۈزۈپ كويدى. ئوتتۇرىچە ھەر بىر مەيدانغا 0.25 تىن توغر كەلگەن.
9-ئاينىڭ 27-كۈنى خان مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا ۋىللارئىلار كوماندىسى بىلەن بىرلەشمە مۇسابىقە ئوينىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە كاسىلاسنىڭ ياخشى ئىپادىسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. ئاخىردا خان مادرىد كوماندىسى 2 : 0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى. ئەڭ مۇھىم بولغىنى كاسىللاس ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قايتا تۇرغۇزدى. كېيىنكى ئۈچ مەيداندا خان مادرىد كوماندىسى بىرمۇ توپ كەتكۈزۈپ قويمىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى لېۋېرپول كوماندىسى بىلەن ئوينالغان كۈچلۈكلەر ئۇچىرشىشىمۇ بار.
10-ئاينىڭ 26-كۈنى بېرنابۇ پۇتبول مەيدانىدا ئىسپانىيە دۆلەت دىربىيىي ئوينالدى. خان مادرىد كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئەشەدىي رەقىبى بارسېلونا كوماندىسى بىلەن كەسكىن تۇتۇشتى. بۇ مۇسابىقە كاسىلاسقا نىسبەتەن ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدىغان چوڭ سەھنە بولۇپ، گەرچە بارسېلونا كوماندىسىدىكى برازىلىيەلىك داڭلىق ھۇجۇمچى نېيمارنىڭ توپىنى تۇسىيالمىغان بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن قېتىم چوڭ مۇسابىقە ئويناپ باققان تەجىربىلىك كاسىللاس ئۆزىنى يۇقىتىپ قويماي ناھايىتى تېزلا روھى -ھالىتىنى تەڭشىۋالدى. ھەمدە داڭدار چولپان مېسسىنىڭ كەينى-كەينىدىن تەپكەن بىر نەچچە ئەجەللىك توپىنى چاققانلىق بىلەن توسىۋالدى. توپ مەستانىلىرى كاسىللاسقا ئالقىش ياڭراتتى.
ئىسپانىيە دۆلەت دىربىيدە خان مادرىد كوماندىسى يەڭگەندىن كېيىن كاسىللاس توپ مەستانىلىرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. كاسىللاس «قوغداش گېزىتى» نىڭ زىيارىتىدە مۇنداق دىگەن: «ھازىرقىدەك ياخشى ھالىتىمنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشىمنى ئۈمىد قىلىمەن. كېيىنكى مۇسابىقىلەردە تىرىشىپ ئوينايمەن.» توغرا، قورقۇنچلۇق كاسىللاس قايتىپ كەلدى!




بارسىلونانىڭ سابىق رەئىسى ئون كۈن ئىچىدە تۈرمىگە كىرىدۇ

11-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئەنگىلىيەنىڭ «مۇھاپىزەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بارسىلونانىڭ سابىق رەئىسى نۇنېز دېلوسىنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسى نەتىجىسى چىقتى، بۇ 83 ياشلىق بوۋاي باج ئىشلىرى خادىمىغا پارا بەرگەنلىكتىن ئىككى يىل ئىككى ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ھۆكۈم نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، نۇنېز ئون كۈن ئىچىدە جازا مۇددىتى ئىجىرا قىلىدۇ. بۇ قېتىملىق ھۆكۈمدىن ئىلگىرى بارسىلونانىڭ بۇ سابىق رەئىسى ھەرخىل سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ تۈرمىگە كىرىشتىن ساقلانغان، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنە قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچىراشتىن ساقلىنالمىغان.

نۇنېز ئىلگىرى بىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، 1978-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بارسىلونا كۇلۇبىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئەمما 2011-يىلى باج ئىشلىرى خادىمىغا پارا بەرگەنلىكى تەكشۈرۈلگەن، شۇ سەۋەبتىن ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. گەرچە تۈرمىگە كىرىشتىن ساقلىنالمىغان بولسىمۇ، ئەمما نۇنېز جازا مۇددىتىنى خېلى كۆپ قىسقارتقان.
بۇ خەۋەرلەر نۇر تورىدىن ئىلىندى،،،،قارىسام مۇنبەرگە يوللانماپتىكەن كۆرمىگەن ئەزالار بولسا كۆرۈپ ئورتاقلىشايلى دەپ يولىدىم،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-8 08:28:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى مۇشۇ پېتى ئېچىلىپ ئويناپ كەتسە بولىتى،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-8 08:46:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر يىلدا96 توپ ئۇرۇش ھەقىقەتەن قورقۇنۇچلۇق نەتىجە، بۇرىكورىتمۇ بۇزغىلى بولمايدىغان رىكورىت بولۇپ ماڭغۇسى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-8 08:46:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-8 08:59:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما خەۋەر ياقتى ماڭغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-8 09:01:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا پۇتبۇل ئەپەندىسى بىلەن ئالتۇن توپ ئىككىسى بىر گەپ ئەمەسما.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-8 09:21:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7RoNALDo يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 09:01
دۇنيا پۇتبۇل ئەپەندىسى بىلەن ئالتۇن توپ ئىككىسى بىر گە ...

ئىككىسى بىرگەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-8 10:15:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
10 يىل ئىچدە مۇنۇ رىكورتلارنى بۇزدىغانلار چىقماسلىقى مۇمكىن، داۋاملىق ئالغا مىسسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-8 10:18:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7RoNALDo يوللىغان ۋاقتى  2014-11-8 09:01
دۇنيا پۇتبۇل ئەپەندىسى بىلەن ئالتۇن توپ ئىككىسى بىر گە ...

بىر گەپ ئەمەستى تىخى ئىككى يىلچە بوپ قالدى بىرلەشتۈرگىلى - ئىككىسى بىرلەشتۈرۈلگەندىن كىيىن مىسسى تۇنجى بولۇپ بىرلەشمە مۇكاپاتنى ئالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-8 10:32:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان ئوغرى جۇمۇ
تىخىمۇ تىرىش نەزىرىمدىكى تۆتىنچى شاھ ،ما بىزنىڭ چىكىتكە بىسىم قىلىپ قوي

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
missi0998 + 10 ھەقىقەتكە قايتىپتۇ

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-9 20:42:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخمۇ تىرىشقىن ……!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-11-9 20:47:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا   يامان   ئادەم  بۇ،ئالتۇن توپتىن 4نى ئالغاندكىن   ھئەمدى   تالشماي   باشقلاغا   بەسە   بۇلاتىتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-19 03:02

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش