ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1459 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ياۋروپا كۇلۇبلىرى مۇسابىقىلىرىنىڭ تېخمۇ كەسكىن ھالەتتە داۋاملىشىپ، توپ مەستانىلەرنى ئۆزىگە تېخمۇ جەلىپ قىلىش باسقۇچىدا داۋاملىشىپ كىتىۋاتقان مۇشۇ پەيىتلەردە، جوڭگۇدىكى ئىككى بىرلەشمە-دەرىجىدىن تاشقىرى ۋە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى ئاللىقاچان ئاخىرلىشىپ بولدى.
دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە جوڭگۇ زەردارى گۇاڭجۇ خىڭدا كۇماندىسى 4-قېتىم بىرلەشمە ئۇزغونى بولدى، بېيجىڭ گوئەن كۇماندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.
ئوغلانىمىز مىرئەخمەتجان توپ تېپىۋاتقان خېنەن جىيەنيى كۇماندىسى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە جان تىكىپ ئويناپ ، بېيجىڭ گوئەن كۇماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قىممەتلىك بىر نومۇر بىلەن دەرىجە چۈشۈش رايۇنىدىن قايتىپ چىقتى.
خاربېن يىتېڭ كۇماندىسى بىلەن دالىيەن ئاربىڭ كۇماندىسى دەرىجە چۈشۈپ كەتتى، كېيىنكى پەسىلدە ئا دەرىجە ئوينايدۇ.
گۇاڭجۇ خېڭدا كۇماندىسىدىكى چەتئەللىك ماھىر ئېرىكسۇن دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر ۋە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى بۇلۇپ باھالىنىپ ئالتۇن ئۆتۈك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
مۇكاپاتلانغانلار :
ئۇزغۇن كۇماندا : گۇاڭجۇ خېڭدا كۇماندىسى
ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچى : ئېرىكسۇن ( گۇاڭجۇ خېڭدا )
مۇنەۋۋەر تېرىنىر : مەنسانو ( بېيجىڭ گوئەن)
ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن يەرلىك ماھىر : ۋۇلېي ( شاڭخەي شاڭگاڭ)
مۇنەۋۋەر يېڭى ماھىر : لىيۇ بىنبىن ( شەندوڭ لونېڭ)
مۇنەۋۋەر قاپقىچى : ۋاڭ دا لېي ( شەندوڭ لونېڭ)
مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچى : ئېرىكسون( گۇاڭجۇ خېڭدا )
مۇنەۋۋەر مۇسابىقە رايۇنلىرى : گۇاڭجۇ ، بېيجىڭ ، خاربىن
يەنە بىر خەۋەر ، گۇاڭجۇ خېڭدا كۇماندىسىنىڭ بۇرۇنقى تېرىنىرى لېپى ئۆزى ئوتتۇرغا چىقىپ، بىرازىليەگە بېرىپ كۇماندىنىڭ بۇرۇنقى بىرازىليىلىك توپچىسى كۇنكانى كۇماندىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولۋېتىپتۇ.
ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە، چوڭچېڭ لىفەن كۇماندىسى بىرلەشمە ئۇزغۇنى، شېجىياجۇاڭ يۇڭچېڭ كۇمەندىسى ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپ، بۇ ئىككى كۇماندا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە ئۆرلىدى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇماندىسى 10-ئورۇندا بۇلۇپ دەرىجە ساقلاپ قالدى، چېڭدۇ تىيەنچېڭ كۇماندىسى بىلەن يەنبىيەن چاڭبەيشەن كۇماندىسى ب دەرىجىگە چۈشۈپ كەتتى، چوڭچېڭ لىفەن كۇماندىسىدىكى ئوۋگوستۇ 21 توپ بىلەن ئەڭ كۆپ توپ ئورغان ماھىر بۇلدى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇماندىسىدىكى جېننى 16توپ بىلەن 4-ئۇرۇنغا تىزىلدى.
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇماندىسى بىلەن چېڭدۇ تىيەنچېڭ كۇماندىسى ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە چېڭدۇ تىيەنچېڭ كۇماندىسىدىكى 40 ياشلىق توپچى ياۋشىيا بىر نوقتا توپ ئۇرۇپ، ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ توپ ئورغان توپچى بۇلۇپ قالدى.
|
|